جۇڭگو پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزا سىياسەتلىرىگە نەزەر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:
كەمىنە نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرىدا ھەرخىل قىيىنچقىلىق ھەم چۇشىنىكسىز بولغان مەسىللەرگە دۇچ كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، بەزى بىرنەچچە بىزنىڭ پاسپورتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قولايلىقلار ۋە بىلىشقا تىگىشلىك ئاددى ساۋاتلارنى توردىن ئىزدەپ تەرجىمە قىلىپ(تەرجىمە جەريانىدا ئولچەملىك ھازىرقى ئۇيغۇر مەتبەچىلىكتە قوللانغان ئاتالغۇلارنى ئىشلەتتىم) يوللاپ قويدۇم، قىرىنداشلارغا ئاز-تولا مەنپەئەت يىتىپ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
«پەرۋاز»دىن

جۇڭگو پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزا سىياسەتلىرىگە نەزەر

2016-يىلى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ بىر يىلدا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ياكى ۋىزىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو پاسپورتىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشتى. چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ۋىزا ناھايىتى مۇھىم ھەم باش قاتۇرىدىغان بىر ئىش بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، جۇڭگو پاسپورتىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان ياكى ۋىزىدا ئېتىبار بېرىدىغان دۆلەتلەرنى رەتلەپ چىقتۇق. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ۋىزىدىكى ئۆزگىرىش بەش خىل بولۇپ: ھەقىقىي ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، شۇ دۆلەتكە بارغاندىن كېيىن ھەقسىز ۋىزا قويۇش، ۋىزا سىياسىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش، كۆپ يىللىق كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىدىغان ۋىزىنى يولغا قويۇش، ۋىزا ھەققىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ..
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، بۇ ئۇقۇمنى چوقۇم ئېنىق چۈشىنىشىمىز كېرەك. ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئادەتتە: ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، شۇ دۆلەتكە بارغاندا ۋىزا قويۇش، شۇ دۆلەتكە بارغاندا ھەقسىز ۋىزا قويۇش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش: ۋىزا كەتمەيدۇ. چېگراغا بارغاندا پەقەت پاسپورتنى كۆرسىتىپلا شۇ دۆلەتكە كىرگىلى بولىدۇ.
شۇ دۆلەتكە بارغاندا ۋىزا قويۇش: شۇ دۆلەتنىڭ ئايروپورت ياكى پورتىدا ۋىزا كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، نەق مەيداندا ۋىزا ئىلتىماس قىلىنىدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە، ۋىزا رەت قىلىنىپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ
شۇ دۆلەتكە بارغاندا ھەقسىز ۋىزا قويۇش: شۇ دۆلەتكە يېتىپ بېرىپ ۋىزا قويدۇرغاندا، ۋىزا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئەمدى ئەسلى مەقسەت بويىچە، جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان ياكى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىك، ئىسرائىلىيە، مالايشىيا، ياپونىيە، كورېيە، بىرۇنېي، تايلاند، نېپال؛ ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن: سېربىيە، ئۇكرائىنا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا؛ ئوكيانىيە دۆلەتلىرىدىن: ئاۋسترالىيە، پالائۇ، تونگا؛ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىن: پېرۇ، مېكسىكا، ئارگېنتىنا، ئېكۋاتور؛ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن: ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى ياكى ۋىزىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. تۆۋەندە ھەر بىر
دۆلەتنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئاسىيا دۆلەتلىرى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى:
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇيىل دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە دىپلوماتىيە ھۆججىتى تاپشۇرۇپ، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چېگراسىدىن كىرسە ئالدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى، ۋىزا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى، تۇرۇش ۋاقتىنىڭ 30 كۈن ئىكەنلىكى، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەلۇم دەرىجىدە ھەق تاپشۇرۇپ، يەنە 30 كۈن ئۇزارتسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە: 10 يىللىق كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىشكە بولىدىغان ۋىزىنى يولغا قويدى.
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ 10 يىللىق كۆپ قېتىملىق ۋىزا كېلىشىمىنىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋىزىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پۇقرالىرى ۋىزا كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئىسرائىلىيە چېگراسىدىن كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقسا بولىدۇ، ھەر قېتىملىق تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

مالايشىيا:
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.
مالايشىيانىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرىگە قاراتقان «ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىپ تىزىملاش» سىياسىتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى. بۇ مەزگىلدە، سەپەر ۋاقتى 15 كۈن ئىچىدە بولغان ساياھەتچىلەر توردا ئىلتىماس قىلغان ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىنى بېسىپ چىقىرىپ، مالايشىيا چېگراسىدىن كىرسە بولىدۇ.
دىققەت: مالايشىيا يولغا قويغان «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش» سىياسىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ بىر خىل شەرتلىك ھەمدە ھەقلىق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ھېسابلىنىدۇ. مالايشىيا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق پۇقرالىرىغا قارىتا بىرلا ۋاقىتتا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ۋە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، بىراق ھەقىقىي ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئەمەس. مالايشىيا پەقەت ساياھەت ئۆمىكىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئەركىن ساياھەت قىلماقچى بولغانلار ۋىزا بېجىرىشى كېرەك بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا بېجىرسە بولىدۇ.

ياپونىيە:
ۋىزا شەرتىنى كەڭ قويۇۋەتتى.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ياپونىيە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيەگە بېرىش ۋىزا شەرتىنى بوشاتتى. سودا، مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى كىشىلەر ياپونىيەدە زىيارەتتە بولماقچى بولسا، ۋىزىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئەسلىدىكى 5 يىلدىن 10 يىلغا ئۇزارتىلدى. تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى. ئاسپىرانتلار ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياپونىيەگە بارماقچى بولسا، ئىقتىسادىي كاپالەت ئىسپاتى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

بىرۇنېي:
يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى ۋىزا تەلەپلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلدى.
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى خۇسۇسىي پاسپورت بىلەن بىرۇنېيغا ساياھەتكە بارسا، بىرۇنېي خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا ۋىزا بېجىرىشكە بولىدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 14 كۈن بولۇپ، ساياھەت كوپىراتىپى ئارقىلىق ئالدىن ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، كېپىل ئادەمنىڭمۇ ھاجىتى يوق. دىققەت: بۇ سىياسەت پەقەت ساياھەتكىلا قارىتىلغان، سودا، خىزمەتكە ماس كەلمەيدۇ.

كورېيە:
10يىللىق ۋىزىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، كورېيە ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق مەخسۇس كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى ئوقۇش يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرگە قارىتا 10 يىللىق كۈچكە ئىگە ۋىزىنى يولغا قويدى، 10 يىل ئىچىدە كورېيەگە ئەركىن كىرىپ چىققىلى بولىدۇ.

تايلاند:
ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان يېتىپ بارغاندا قويۇلىدىغان ۋىزا ھەققى تۆۋەنلىتىلدى، ۋىزا ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى.
چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تايلاند 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىرىدىن ۋىزا ھەققى (230 يۈەن) ئېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، يېتىپ بارغاندا قويۇلىدىغان ۋىزا ھەققى ئەسلىدىكى 2000 تايلاند باختىدىن 1000 تايلاند باختىغا چۈشۈرۈلدى.

نېپال:
. ۋىزا ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى
نېپال ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، نېپالغا ساياھەتكە كېلىدىغان جۇڭگولۇقلاردىن ئېلىنىدىغان 100 ئامېرىكا دوللىرى ۋىزا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى

ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرى

سېربىيە:
2017-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان تۇنجى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.
سېربىيە بىلەن جۇڭگو 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، سېربىيە ۋە جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈن بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، سېربىيە جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان تۇنجى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇكرائىنا:
. يېتىپ بارغاندا ۋىزا قويۇش سىياسىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پايتەخت بورىسپول ئايروپورتى ۋە ئودېسسا ئايروپورتىدا جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا بېجىرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يۇقىرىدىكى ئىككى ئايرودۇرۇمدا سودا ياكى ساياھەت مەقسىتىدە ئۇكرائىناغا كەلگەن جۇڭگو پۇقرالىرىغا 15 كۈنلۈك كۈچكە ئىگە ۋىزا قويۇپ بېرىلىدۇ.

گوللاندىيە:
ۋىزىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 5 يىلغا ئۇزارتىلدى
گوللاندىيە ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 5 يىلغا ئۇزارتىلدى. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، جۇڭگودا ۋىزا بېجىرىشكە بولىدىغان شەھەرلەر 15كە كۆپەيتىلدى. ۋىزىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 5 يىل ئىچىدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق سېنگېن دۆلەتلىرىگە ئايرىم ۋىزا بېجىرمەي ئەركىن كىرىپ چىقىشقا بولىدۇ. بۇ بىر ھېسابتا ياۋروپادىكى باشقا سېنگېن دۆلەتلىرىنىڭمۇ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا 5 يىللىق ۋىزىنى يولغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، چېگرادىن كىرىدىغان دۆلەت چوقۇم گوللاندىيە بولۇشى كېرەك.

ئەنگلىيە:
2يىللىق كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقىشقا بولىدىغان ساياھەت ۋىزىسىنى يولغا قويدى.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا 2 يىللىق كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان ساياھەت ۋىزىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەنگلىيەدە جەمئىي تۇرۇشقا بولىدىغان ۋاقتى 180 كۈن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ۋىزا ئۆمەك ساياھىتىگە ماس كەلمەيدۇ.

تىزىملاشنى يولغا قويدى. EVUSئامېرىكا
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، قولىدا سودا ۋىزىسى (B1) ياكى ساياھەت ۋىزىسى (B2) بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى، ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇن، ۋىزا كۈچكە ئىگە مۇددەتتە بولۇشتىن باشقا، يەنە چوقۇم «ۋىزا يېڭىلاش ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى» EVUSتا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇلىدۇ.. www.evus.gov http://www.evus.gov/، تور بېكىتى ئارقىلىق تىزىملىتىشقا بولىدۇ

ئوكيانىيە دۆلەتلىرى

پالائۇ:
يېتىپ بارغاندا ھەقسىز ۋىزا قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پالائۇغا يېتىپ بارغاندا 50 ئامېرىكا دوللىرى ۋىزا ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. 13 ياشتىن يۇقىرى ساياھەتچىلەر پالائۇدىن ئايرىلغاندا تاپشۇرىدىغان 50 ئامېرىكا دوللىرى مۇھىت ئاسراش بېجىمۇ 100 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلدى.

تونگا:
. ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگونىڭ تونگادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە تونگانىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى تونگا پايتەختىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى كۈچكە ئىگە پاسپورت بىلەن قارشى تەرەپ دۆلەتنىڭ چېگراسىدىن كىرگەندە، چېگرادىن چىققاندا ياكى چېگرادىن ئۆتكەندە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈن بولىدۇ. بۇ كېلىشىم 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

ئاۋسترالىيە:
10يىللىق كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىشكە بولىدىغان ۋىزىنى يولغا قويدى.
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا 10 يىللىق كۆپ قېتىم بېرىپ-كېلىشكە بولىدىغان دائىملىق ساياھەتچىلەر ۋىزىسىنى يولغا قويدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل پۇقرالىرىغا 10 يىللىق كۆپ قېتىملىق ۋىزا يولغا قويۇشى بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت جۇڭگو پۇقرالىرىغىلا يولغا قويۇلغان. بۇ خىل ۋىزىنىڭ ۋىزا ھەققى 1000 ئاۋسترالىيە دوللىرى

لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى

پېرۇ:
. جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا شەرتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى 6 ئايلىقتىن يۇقىرى كۈچكە ئىگە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ياكى سېنگېن دۆلەتلىرى ۋىزىسى بىلەن پېرۇغا ۋىزىسىز كىرىپ ساياھەت قىلالايدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 180 كۈن بولىدۇ.

ئارگېنتىنا:
. شەرتلىك ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىنى يولغا قويدى
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئامېرىكىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددەتتىكى B1/B2 ۋىزىسى ياكى سېنگېن دۆلەتلىرى ۋىزىسى ئارقىلىق ئارگېنتىنانىڭ AVE ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ۋىزا ھەققى 50 ئامېرىكا دوللىرى. 10 كۈن ئىچىدە نەتىجىسى چىقىدۇ، باشقا ماتېرىيال تاپشۇرۇش كەتمەيدۇ.

مېكسىكا:
. پەرقسىز شەرتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كانادا، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە ياكى سېنگېن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋىزىسى، پاسپورتى ياكى شۇ دۆلەتلەردە مەڭگۈلۈك تۇرۇش سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئىگە كىشىلەر، مېكسىكىغا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ. دېمەك، پاسپورتتا يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسى بولسا، مېكسىكىغا ۋىزىسىز كىرگىلى بولىدۇ.

ئېكۋادور:
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن، ساياھەت ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەقسەت بىلەن ۋە ياكى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان باشقا پائالىيەت بىلەن ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىن كىرسە، چىقسا ياكى ئۆتسە، تۇنجى قېتىم كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدا چېگرادىن ئايرىلغىچە، بىر يىل ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ئافرىقا دۆلەتلىرى

ماراكەش:
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى.
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ماراكەش پادىشاھلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. جۇڭگو پۇقرالىرى ھەر قانداق تۈردىكى پاسپورت بىلەن ماراكەش چېگراسىدىن ۋىزىسىز كىرسە، 90 كۈن تۇرالايدۇ

خۇلاسە
9ھازىرغا قەدەر جۇڭگو پۇقرالىرىغا ھەقىقىي ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەتلەر
سان مارىنو، ماۋرىتىئۇس، سېيشېل، فىجى، گىرېنادا، باھاما، ئېكۋادور، تونگا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.

ئۆز ئالدىغا جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار: 14
دۆلەت ، رايون
ئاسىيادا 2 دۆلەت (رايون): ھىندونېزىيە، كورېيە (جېجۇ ئارىلى
ئافرىقىدا 3 دۆلەت (رايون): فىرانسىيەگە قاراشلىق رېئۇنىئون ئارىلى، ماراكەش، تۇنىس
ئامېرىكا قىتئەسىدە 6 دۆلەت (رايون): ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، ھايتى، جەنۇبىي جورجىيە ۋە جەنۇبىي ساندۋىچ تاقىم ئاراللىرى (ئەنگلىيەگە تەۋە)، تۈركس ۋە كەيكوس تاقىم ئاراللىرى (ئەنگلىيەگە تەۋە)، يامايكا، دومىنىكا
ئوكيانىيەدە 3 دۆلەت: ئامېرىكىغا قاراشلىق شىمالىي مارىئانا تاقىم ئاراللىرى، سامۇئا، فىرانسىيەگە قاراشلىق پولېنىزىيە
يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋىزا بېجىرىشكە بولىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار
ئاسىيادا 19 دۆلەت (رايون): ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەزەربەيجان، بەھرەين، شەرقىي تىمور، ھىندونېزىيە، لائوس، لىۋان، مالدىۋې، بېرما، نېپال، سىرىلانكا، تايلاند، تۈركمەنىستان، بىرۇنېي، ئىران، ئىيوردانىيە، ۋىيېتنام، كامبودژا، بېنگال
ئافرىقىدا 11 دۆلەت (رايون): مىسىر، توگو، گىۋىنىيە بىسسائۇ، كومورو، كوتى دى ئىۋۇئېر، ماداغاسقار، ماۋرىتانىيە، تانزانىيە، ساينىت ھېلېنا (ئەنگلىيەگە قاراشلىق
ئامېرىكا قىتئەسىدە 2 دۆلەت (رايون): گىۋىئانا، سۇرىنام
ئوكيانىيەدە 3 دۆلەت (رايون): پالائۇ، تۇۋالۇ، ۋانۇئاتۇ
ياۋروپادا 1 دۆلەت: ئۇكرائىنىيە
ئەسكەرتىش: ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ھېچنېمە كەتمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن: نۇرغۇن دۆلەتلەر كۈچكە ئىگە پاسپورتتىن باشقا يەنە بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى، سەپەر تەپسىلاتى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى شۇدۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ تور بېكىتىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.
2016-يىل 28-دىكابىر

ئورنى: تۈركىيە ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش