تۈرك لىراسى ئۈچۈن يېڭى تەكلىپ: بۇ پۇل بىرلىكىنى ئىشلىتىڭلار

جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ھەيئىتى ئەزاسى پروفېسسور دوكتور ستىيىۋ خەڭك “تۈركىيە لىرانى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالتۇنغا ئېندېكسلانغان پۇل بىرلىكىگە ئۆتۈشى لازىم” دېگەن تەكلىپنى بەردى.

جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ھەيئىتى ئەزاسى پروفېسسور دوكتور ستىيىۋ خەڭك، تۈرك لىراسىنىڭ تېگىدىنلا ئاجىز بىر پۇل بىرلىكى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئالتۇنغا ئېندېكسلانغان پۇل بىرلىكى قوللىنىشقا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ستىيىۋ خەڭك فوربىسنىڭ تور بېكىتىدە لىرا قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ھەققىدە بىر ماقالە يازدى. ستىيىۋ خەڭك، ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۇنياۋى ساھەدە ھەقىقىي مەنىدىكى سىياسىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، “بۇنىڭ بىر يېشىمى بار، يەنە كېلىپ ئىنتايىن نوچى بىر يېشىم. تۈركىيەنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن بېسىلمايدىغان ياكى كونترول قىلىنمايدىغان پۇل بىرلىكى – ئالتۇنغا كۆچۈشى زۆرۈر. تۈركىيە بۇنى ئالتۇنغا ئېندېكسلانغان لىرا سىستېمىسىغا ئۆتۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ” دېدى.

ستىيىۋ خەڭك ئالتۇننىڭ ئەسىرلەردىن بېرى دۇنياۋى پۇل سىستېمىسى ئىچىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئەمما سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ 1971- يىلى “ئالتۇن غەللىسىنى تاقىۋېتىشى” بىلەن رولىنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، “جۇمھۇرباشقانى ئەردوغانمۇ 2016- يىلى سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا، جۇغلانما پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئالتۇنغا ئېندېكسلانغان پۇل بىرلىكىگە كۆچۈشنى تەۋسىيە قىلغانىدى” دېدى.

ئەردوغان بۇ ھەقتىكى نۇتقىدا ” جۇغلانما پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئالتۇنغا ئېندېكسلانغان پۇل بىرلىكىگە قەدەم ئېتىلىشىنى توغرا كۆرىمەن. 2015- يىلىدا دۇنيادىكى ئىسلام پۇل – مۇئامىلىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى. كېلىڭلا، پۇللىرىمىزنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرايلى، ئالتۇن بىلەن ئىپادە قىلايلى. بۇنىڭ تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن” دېگەنىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://ekonomi.haber7.com/turkiye-ekonomisi/haber/2489343-turk-lirasi-icin-flas-oneri-bu-parayi-kullanin

جاۋاب يېزىش