كۈردىستان: ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدىغان مۇستەقىللىقنى خالىمايمىز

ئىراق كۈرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىرازلارغا قارىماي مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن، رايوندا بىر ئېنىقسىزلىق ۋە قاتماللىق پەيدا بولدى. تۈركىيە گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلغان كۈردىستان باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى (پرېزىدېنت مەسئۇد بارزانى ئەمەس) ”بۇ رېفېراندۇم ھەرگىزمۇ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەس. چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىشى تۈركىيەگىمۇ، بىزگىمۇ پايدىسىز “ دېدى.

نەچىرۋان بارزانىنىڭ باياناتىنىڭ قىسقارتىلمىسى مۇنداق:

خەلقنىڭ ئىرادىسى

رېفېراندۇم ئىراقتا ياشايدىغان كۈرد خەلقى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇ مەسىلىدە بىر چۈشىنىشمەسلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. رېفېراندۇمدىن كېيىنلا كۈردىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغۇدەكمىش دېگەندەك بىر ئەندىشە بار. بىز بۇنداق بىر ئىشنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىدۇق. يەنە رېفېراندۇمدىن كېيىن كۈردىستاننىڭ چىگرالىرىنى بەلگىلىگۈدەكمىش دېگەندەك بىر ئەندىشىمۇ بار. بۇنىڭمۇ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز. رېفېراندۇم خەلقىمىزنىڭ كىلەچەك ھەققىدىكى ئىستەكلىرىنى ۋە ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەگە تەھدىت ئەمەس

رېفېراندۇم ھەرگىزمۇ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدۇ. بۇ چۈشەنچە خاتادۇر. تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن بىر ئۆتمۈشكە ئىگىمىز. تۈركىيە ھەر زامان ئىراق كۈرد خەلقىگە ياردەمچى بولدى. تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى خالايمىز. كۈردىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ رېفېراندۇمنىڭ مۇبالىغە قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئويلىشىۋاتىمىز.

چىگرالار ئوچۇق بولۇشى كېرەك

چىگرا ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلسە نە تۈركىيەگە، نە بىزگە پايدىسى يوق. تۈركىيەنىڭ كۈردىستانغا بولغان مال ئېكسپورتى 2016- يىلىدىن باشلاپ 10 مىليارد دوللارغا چىقتى. ھەم تۈركىيەدە ھەم بۇ يەردە مىڭلارچە ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان ھالەتتە. نىشانىمىز ئېكسپورت رەقەملىرىنى 2017- يىلىدا 14 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئىدى. شۇڭا بۇ چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، چىگرا ئېغىزلىرىنى تاقاش قارارى ئۈچۈن ھېچبىر باھانە يوق.

كلاپان تۈركىيەنىڭ قولىدا، ئەمما

تۈركىيە بۇ يەردىكى ئېنىرگىيەنىڭ ياۋروپاغا توشۇلۇشىدا ھەر زامان بىخەتەر بىر يەر بولۇپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بۇ شەكىلدە داۋام قىلىشىنى خالايمىز. نېفىت كلاپانى تۈركىيەنىڭ قولىدا، ئەمما تۈركىيە بىلەن ئىمزالىغان بىر كېلىشىمىمىز بار. رۇسىيەنىڭ روسنېفىت (Rosneft) شىركىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمىز بىلەن ھەم تۈركىيە ھەمدە ياۋروپا ئۈچۈن تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. كېلىشىم بۇ لىنىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتۈشىگە ئالاقىدار بولۇپ، بۇ يەردىن ئېلىنىپ ياۋروپاغا توشۇلىدۇ. تۈركىيەمۇ تەبىئىي گازغا ئېھتىياجلىق بولماقتا، ئەمما تەبىئىي گازنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا بىر مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىندى. روسنېفىت بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، بىر تۈرك شىركىتى ۋە بىر نەچچە چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىنىشى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.

ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يوق

كۈردىستان بايرىقىدىن باشقا ھەر قانداق بىر بايراقنىڭ ئېسىلىشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بارزانى ”بىزنىڭ رەسمىي دېگۈدەك ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتىمىز يوق. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ھېچبىر مىللىتىگە قارشى بىر دۈشمەنلىكىمىزمۇ يوق. ئىسرائىلىيە بايرىقىنىڭ ئېسىلىشىنى كۈردىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىمايمىز“ دېدى.

كەركۇك كۈردلەرنىڭلا ئەمەس

رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى بولغان كەركۇك ھەققىدىمۇ توختالغان نەچىرۋان بارزانى، ”كەركۇك بىرلىكتە ياشاش شەھىرىدۇر. كەركۇك يالغۇز كۈردلەرنىڭلا شەھىرى ئەمەس. ئەرەبلەرنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ، خرىستىيانلارنىڭ ۋە باشقا خەلقلەرنىڭمۇ شەھىرىدۇر. ھېچبىر زامان كەركۇكنى كۈردىستانغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن مەجبۇرلىمايمىز. مۇستەقىل بىر رايون بولامدۇ، كۈردىستاننىڭ ئىچىدە قالامدۇ، شۇ يەردىكى خەلقلەر ئۆزلىرى قارار چىقىرىدۇ. كەركۇكتە ياشايدىغان پۈتۈن خەلقلەر ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن قايسى مودېلنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز“ دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

مانېۋىر كېڭەيتىلمەسلىكى كېرەك

تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ كۈردىستان چىگراسىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ كۈردىستان چىگراسى ئىچىگە يول ئېلىشىغا ئىشەنمەيمەن. تۈركىيەنىڭ مانېۋىرنى ئۆز تۇپراقلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەمما بىز تەرەپكە ئۆتۈشنى ئويلىسا، كەسكىن ھالدا بۇنىڭغا قارشى بىر پوزىتسىيەمىز بار. بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتمەيمەن ۋە يۈز بېرىدۇ دەپمۇ قارىمايمەن.

بىزنى بۇ يولغا باغدات مەجبۇرلىدى

كۈردىستان باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: ”خەلقىمىزنىڭ قورقۇنچى باغداتنىڭ رىئاللىقنى كۆرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقتى. بۇنىڭغا نۇرغۇن مىسال ئالالايمىز. بىرىنچىسى، ھاشدى شابىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنىيلىشىشىدۇر. ھالبۇكى، ھاشدى شابى بىر گۇرۇپپا خەلق ئەسكەرلىرى ئىدى، ئەمما ئۇلارنى قانۇنىيلاشتۇردى، ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، قوراللاندۇردى. پەشمەرگە 1800 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئون مىڭدىن ئارتۇق يارىدارى بار. ئىراق پارلامېنتى بۇنى كۈنتەرتىپكىمۇ قويمىدى. دۇنيا بانكىسى ۋە IMF بۇ ئىشلار ھەققىدە ئىراققا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما بىزگە بىر كۇرۇش بېرىشنىمۇ ئويلىشىپ قويغىنى يوق. شۇڭا كۈردلەرنىڭ نېمىشقا رېفېراندۇم يولىنى تاللىغانلىقىنى باغداتتىن سورىماق لازىم. بۇ يولغا بىزنى باغدات مەجبۇر قىلدى. 2003- يىلى ئۆزىمىزگە تەۋە ھەممە نەرسىمىز بار ئىدى. ئۆز ئىستىكىمىز ۋە ئىرادىمىز بىلەن باغداتقا تەۋە بولدۇق. چۈنكى بىزگە ئىراقنىڭ بىر فېدىراتسىيەلىك دىموكراتىك دۆلەت بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. بىرلىكتە ياشاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتۇق. 13 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمىزدىن بىز ئىراقنىڭ نەرىدە دەپ سوراۋاتىمىز. ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يوق.“

ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدىغان مۇستەقىللىقنى خالىمايمىز

باغدات بىلەن سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى خالايمىز. ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدىغان مۇستەقىللىقنى خالىمايمىز. بۇ رېفېراندۇم بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىستىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىشنى خالىدۇق. ئىككىنچى قەدەمدە باغدات دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە مەسىلىلەرنى قولىغا ئېلىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشىنى خالايمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/guncel/haber/2434390-barzaniden-geri-adim-sinyali

جاۋاب يېزىش