تۈركىيەنىڭ ئىدلىب ھەربىي ھەرىكىتىگە قويغان شەرتى

ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا سۈرىيەدىكى تەرەپلەر ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدلىب ئۈچۈن يارىشىش قولغا كەلتۈرۈلدى.

تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ”توقۇنۇشماسلىق رايونى“ ۋە ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيەدىكى قولى تەھرىرۇششامغا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە كېلىشتى. ئەنقەرە ئالدىن پىلانلانغان بۇ ئوپېراتسىيەگە ”ئۆكتىچىلەرگە چېقىلماسلىق“ شەرتى بىلەن ”ماقۇل“ دېدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان ئاستانە سۆھبەتلىرىنىڭ 6- قېتىملىقىدا توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى فورمۇلاسىنىڭ ئىدلىب ئۈچۈنمۇ تەدبىقلىنىشى قارارلاشتۇرۇلدى. ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەتتە كېپىل بولغۇچى دۆلەت دەپ ئېلان قىلىنغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانلار، بۇ قېتىم سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيەنىڭ سىياسىي كىلەچىكى ئۈچۈن ئاچقۇچ ھېسابلىنىدىغان ئىدلىبتە توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېلىشكەندىن كېيىن، ئەلقائىدەگە چېتىشلىق ”تېررورلۇق تەشكىلاتى“ تەھرىرۇششامغا ئۈچ تەرەپلىك ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈنمۇ قول سىقىشتى. ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ي پ گ نىڭ ئىدلىبقا كىرىش ئېھتىمالى، كۆچمەنلىك دولقۇنى ۋە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئانچە قىزىقمىغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە شەرتلىك ھالدا ”ماقۇل“ دېگەن. ئەنقەرەنىڭ ”ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىنمايدۇ، ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، رايوندا داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ“ دېگەن شەرتلىرىگە رۇسىيە بىلەن ئىران قوشۇلغان. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىدلىبقا قىلىدىغان ئورتاق ھەربىي ھەرىكىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئەسكەر تۇرغۇزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە بۇ شەكىلدە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۆكتىچىلەرگە مۇداخىلە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تەھرىرۇششامغا قىلىنىدىغان ھەربىي مۇداخىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن بىخەتەرلىك تېمى قۇرالايدۇ. ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەر رايونلىرىدا تۇرغۇزۇلىدىغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا بولسا رۇسىيە بىلەن ئىران ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ. ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى رايوندىكى رۇس كۈچلىرىنىڭ بەزى نۇقتىلاردا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى دىققەت قوزغىدى. ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى يەرلەردە رۇس ئەسكەرلىرى كونترول نۇقتىلىرى قۇرۇشقا باشلىدى. رۇسلارنىڭ ئىدلىبقا كىرىش – چىقىشنى كونترول قىلىشقا باشلىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئەمما بۇ پىلاندا زىيادە كۆپ ئۆزگەرگۈچى ئامىللارنىڭ بولۇشى سەۋەبلىك، مەنبەلەر ”بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان 7- قېتىملىق ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا ئېنىق بولىدۇ ياكى ھەر زامان ھەرىكەت باشلىنىشى مۇمكىن“ دېگەندەك باھالاردا بولۇۋاتىدۇ.

ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ چىگرالىرىنى ھاسىل قىلىدىغان رايونلاردا قۇرۇلىدىغان كونترول ۋە كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا ”كۆزەتكۈچى قىسىملارنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆزىتىش“ دەپ بەلگىلەندى. كۆزەتكۈچى قىسىملارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچ كېپىل دۆلەت ئارىسىدا قۇرۇلىدىغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. باياناتتا يەنە ”تۈركىيە ئۆكتىچىلەرنىڭ كېپىلى سۈپىتىدە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەيدانىنىمۇ ئويلىشىپ، يارىشىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى“ دېيىلدى. ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، 7- قېتىملىق ئاستانە يىغىنىنىڭ ئۆكتەبىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمما ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھەر زامان باشلىنىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

سۈرىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى سەھنىدە ئەڭ ئاچقۇچلۇق قەدەم

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانلار ئاستانە سۆھبەتلىرى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى توقۇنۇشماسلىق دەۋرىنى باشلاتقۇزغانىدى. ئىدلىب تەھرىرۇششامنىڭ كونترولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ ”تېررورىستلار“ دىن تازىلىنىشى سۈرىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكى ۋە ئاكتيورلارنىڭ ئورنى نۇقتىسىدىن ئەڭ ئاچقۇچلۇق قەدەم ھالىغا كەلدى. ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئالتە مىليون سۈننىي سۈرىيەلىك ياشايدىغان بۇ شەھەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشىغا، تۈركىيەگە ئاقىدىغان مىليونلارچە كۆچمەنلەر دولقۇنىغا ۋە سۈرىيەنىڭ كىلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نوپۇس ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى تۈركىيەنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئەنقەرەنىڭ، ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىدىن كېيىن، ئاستانە سۆھبىتىدە ھەربىي مۇداخىلىگە يېشىل چىراق يېقىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىدلىبتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنىڭ رايوننىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئافرىن ئۈچۈن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىدىن تىزىملىك تەلەپ قىلىندى

تۈركىيەنىڭ ي پ گ نىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتقان ئافرىن ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئاخىرى باشلىنىشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلماقتا. تۈركىيەنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى كۈچلىرىدىن لازىملىق جەڭچى ۋە ئوق – دورا مىقدارىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. فىرات قالقىنى ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقى دىققەتلەرنى تارتماقتا. ئىدلىبقىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بار.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/guncel/haber/2424956-operasyona-ankara-sarti

جاۋاب يېزىش