دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى

ئاپتورى: شۆيىن

مەن پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كېلىشتىم. تاشقى مۇھىت قانداقلا ئۆزگەرمىسۇن، جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە دۇنيا خەلقىگە ياخشىلىق يەتكۈزىدۇ. – شى جىنپىڭنىڭ 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى موسكۋادا سۆزلىگەن نۇتقى

بۈگۈنكى ماقالىمىزدا جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگە بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. توردا جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر مۇھاكىمىلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كۆز قاراش بولسا: ”رۇسىيە مۇرەسسە قىلىدۇ، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ جۇڭگوغا تۇتۇش قىلىدۇ“ دېگەن قاراش بولۇپ، بۇنىڭدىن يەكۈنلەنگەن خۇلاسە: ”ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگونى چەكلەيدۇ، شۇڭا جۇڭگو رۇسىيەنى دۈشمەن بىلىپ، ھەر تەرەپتىن مۇداپىئە كۆرۈشى كېرەك“ دېگەندىن ئىبارەت. ئۇنداقتا بۇ خىل كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى قىياپىتى قانداق؟ كەلگۈسىدە بۇ خىل مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەلگەندىن كېيىن قانداق ھالەتتە بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە غەرب بىلەن مۇرەسسە قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى ئانالىز قىلايلى. ھەممىمىز رۇسىيە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىرلا خىل ئىكەنلىكىنى، ئاساسلىقى نېفىت – گاز ئېكىسپورتىغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. غەرب رۇسىيەنى تارمار قىلىشتا جەزمەن ئۇنىڭ نېفىت – گاز ئېكىسپورتىنى قىسىدۇ. نېفىت – گاز ئېكىسپورتى بوغۇلسا، رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق كىرىم – چىقىمى مۇقەررەر تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. ھېلىمۇ بىر تالاي ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆتنە ئالغان رۇسىيە ئېنىقلا ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئاندىن كېيىن رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، پۇل پاخاللىقى، ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە غەربنىڭ قوللىشىدىكى 5- كالوننا… ۋاھاكازالار ئوتتۇرىغا چىقىپ، رۇسىيە مۇقەررەر ئىچىدىن يىمىرىلىپ كېتىدۇ. بۇ غەربنىڭ ئەينى يىللاردا سۆۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.

رۇسىيەگە كەلسەك، بۇ خىل پۇل – مۇئامىلە سىرتماق ئۇرۇشىدا ئامان قالماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ نېفىت ئېكىسپورت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى شەرت. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز – ئوكيان ترانسىپورت يوللىرىنى كونترول قىلغان ئەھۋالدا، قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ قالدى. ھەر قانداق بىر دۆلەت ياۋروپاغا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلماقچى بولسا، شىمال، ئوتتۇرا ياكى جەنۇب لىنىيەلىرىنىڭ بىرسىدىن چوقۇم ئۆتىدۇ. شىمال لىنىيەسى رۇسىيەدىن باشلىنىپ، ئۇكرائىنادىن ئۆتۈپ، گېرمانىيەگە بارىدىغان ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە بالتىق دېڭىزى قىرغاقلىرىدىن بىۋاسىتە گېرمانىيەگە بارىدىغان شىمالىي ئېقىن تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا لىنىيە بولسا، كاسپىي دېڭىزى ۋە رۇسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىن باشلىنىپ، تۈركىيەدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي ياۋروپا رايونىغا بارىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىدۇر. جەنۇپ لىنىيەسى بولسا پارس قولتۇقىدىن باشلىنىپ، سۈرىيەدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى پورتلارغا، ئاندىن جەنۇبىي ياۋروپاغا بارىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىدۇر.

ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلاشنىڭ ئالدىدا، رۇسىيە پەقەت ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسىنىلا ئىشلىتەتتى. ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسى ياۋروپا – رۇسىيە مەنپەئەتلىرىنى باغلايدىغان تۈگۈنگە ئايلانغان ئىدى. ئېنىرگىيە ئىمپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىگە جازا يۈرگۈزۈشىگە ئىزجىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى تالاش – تارتىشى ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر كېسىلمەي، رۇسىيەنىڭ نېفىت – تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدا ئىشلىتىۋاتقان بىردىنبىر تۇرۇبا لىنىيەسى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ كېسىلىشى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى كېسىلگەنگە باراۋەر. ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەت رۇسىيەنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىدۇر. رۇسىيەنىڭ بۇ يەردە مۇرەسسە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. خەق يۇقىرى باھا قويۇپ كاللىڭىزنى سېتىۋالماقچى بولسا، ساتامسىز؟

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا قارا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. قارا دېڭىز رۇسىيەنىڭ كاۋكاز رايونى ۋە بۇ رايوننىڭ نېفىت – گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق جەنۇبىي ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىشىدىكى ئوتتۇرا لىنىيە تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ. شۇنداقلا قارا دېڭىز قولدىن كەتسە، تۈركىيەمۇ تەۋرىنىپ، يۈز ئۆرۈشكە باشلايدۇ دە، ئوتتۇرا لىنىيە تۇرۇبا يولىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنى رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتىدىن ئايرىلىپ قالسا، شىمال ۋە ئوتتۇرا لىنىيە تۇرۇبا يوللىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇ يىلى رۇسىيەنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى بۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنداقتا رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلامدۇ؟ ئوخشاشلا مۇمكىن ئەمەس. بايا ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىنى باغلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. مۇبادا ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاقى سۈرىيەنى كونترول قىلغان تەقدىردە، پارس قولتۇقىدىن ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە بارىدىغان ”سۈننىي مەزھىپى تۇرۇبا لىنىيەسى“ نى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ. بۇ ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق باغلانغان رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئەت رىشتىسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈننىي تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تۇتىشىدىغان يېرى جەنۇبىي ياۋروپا بولۇپ، بۇ رايوندا قەرز كرىزىسىغا پاتقان بەش ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى تۆتى بار. جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن گېرمانىيە پۇل – مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتتە ئىزچىل قارشىلىشىپ كەلدى. مۇبادا ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاقى يېتەكچىلىك قىلغان سۈننىي تۇرۇبا لىنىيەسى ئۇتۇقلۇق ياتقۇزۇلسا، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئېنىرگىيە مەسىلىسىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. شۇنداقلا سۈننىي تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ توشۇش مىقدارى ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭكىدىن جىق يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكا سۈرىيەنى كونترول قىلسا، بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تۇرۇبا لىنىيەسى براك قىلىندى دېگەنلىك بولىدۇ.

بۇندىن باشقا، سۈننىي تۇرۇبا لىنىيەسى تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ تۈركىيەنىڭ يۈز ئۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان ئوتتۇرا لىنىيە تۇرۇبا يولىنى قۇرغىلى بولمايدۇ. گېئوپولىتىكا (جۇغراپىيەلىك سىياسىي) نۇقتىسىدىن قارىغاندا، رۇسىيە سۈرىيەنى قولدىن بېرىپ قويسا، ئىراننى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئىران قولدىن كەتسە، غەرب سادقا ئوخشاش سىنارەدكە قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ كاۋكازدىن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغىچە بولغان رايونلىرى غەربنىڭ ھۇجۇمىغا پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز قالىدۇ. ئەگەر دائىش ئۇنسۇرلىرى بۇ يەرگە كىرىدىغان بولسا، رۇسىيە غەربنىڭ خانىۋەيران قىلىدىغان كېيىنكى مەيدانى بولۇپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ ئەڭ يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 2015- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە قەتئىيلىك بىلەن سۈرىيەگە ئەسكەر چىقاردى. چۈنكى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سۈرىيەدىكى مەنپەئەتىنى ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتىگە تېگىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەقەللىي لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەرنى بىلسە، بۇ داۋلىنى كىچىك بالىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. تۆۋەندىكى كۆڭ رەڭلىك لىنىيە ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاقى پىلانلىغان سۈننىي تۇرۇبا لىنىيەسىدۇر.

ئەمدى سەل يۇقىرىغا ئۆرلەپ، رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇھىتىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىگە نەزەر تاشلايلى. رۇسىيە دۆلەت قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە تۆت ئوكيانغا تۇتىشىدىغان چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشى پۈتكۈل مۇداپىئە لىنىيەسىنى رۇسىيەنىڭ بوسۇغۇسىغا قىستاپ قويدى. ناۋادا ئۇكرائىنا قولدىن كەتسە، رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزى مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا كىرىشى ئىمكانسىز بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا سۈرىيەنى قولدىن بېرىپ قويسا، رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسى دەرھاللا كاۋكاز رايونىغا چېكىنىپ كېتىدۇ. ئەينى يىللاردا سوۋېت – گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن چاغلىرىدا، مارشال Rundstedt قوماندانلىق قىلغان گېرمانىيە جەنۇب گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىسىمۇ رۇسىيەنى بۇ دەرىجىدە قىستىيالمىغان. شۇڭا ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەنى قولدىن بېرىپ قويمىغان تەقدىردىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەگەر بۇ ئىككى رايون قولدىن كەتسە، رۇسىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت يىراق شەرقتىكى تىنچ ئوكيان رايونىدا جۇڭگو بىلەن تىركىشىپ ئۆتسە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا رۇسىيە شەرق – غەرب ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوخشاشلا سوۋېت – گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ قېيىن چاغلاردىمۇ ئىككى سەپتە تەڭ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان. شۇڭا ئەگەر رۇسىيە بۇ ئىككى رايوندا بىر قەدەم يول قويىدىغان بولسا، سلاۋىيان مىللىتى قايتا ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. رۇسىيە چوڭ بولغىنى بىلەن چېكىنىدىغان يولى قالمىدى.

يۇقىرىدىكى ئانالىزلاردا بىز رۇسىيەنىڭ شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب تۇرۇبا لىنىيەلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قولدىن كەتسە، باشقىلىرىنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. يەنى ئۇكرائىنا بىلەن سۈرىيە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرولۇق مەنپەئەتى دائىرىسىگە تەۋە بولۇپ، ئىش دۆلەت – مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلغاندا، بۇ خىل مەنپەئەتلەرنى تېگىشىدىغان بۇيۇم قىلىۋالغىلى بولمايدۇ. رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن سۈرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئۆزئارا تېگىشىدۇ دەپ ئويلىغانلار ئەڭ ئاددىي لوگىكىلىق ساۋاتلارنى، شۇنداقلا ئەڭ ئەقەللىي تارىخىي ساۋاتلارنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان كىشىلەردۇر.

رىئاللىققا قارىساق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 25 يىلدا رۇسىيە دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىزچىل ئىلىشىپ كەلدى. چېچىن ئۇرۇشى، كوسوۋۇ ئۇرۇشى، گرۇزىيە ئۇرۇشى، قىرىمغا ئەسكەر چىقىرىش، سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىش قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. رۇسىيە ئىزچىل غەرب قوللىغان تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلدى. ھەتتا سۈرىيەدە ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن روبىرو كېلىپ قالدى. تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا – رۇسىيە بىر بىرىنىڭ دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشتى. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 7- ئاينىڭ 29- كۈنى ترامپ ئۆز قولى بىلەن رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىمبارگو كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، رۇسىيەنى يەنىمۇ قىستاپ باش ئەگدۈرمەكچى بولدى. بۇلار كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلار تۇرسا، رۇسىيە قانداقسىگە ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلىدۇ؟ مۇتەخەسىس بىلەن چوشقىنىڭ پەرقى شۇكى، چوشقا ئۆزى خالاپ مۇتەخەسىس بولالمايدۇ، ئەمما مۇتەخەسىس پات – پات چوشقىدەك دۆتلىشىپ كېتىدۇ.

”رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسە قىلىدۇ“ دېگەن ھۆكۈمنىڭ داۋامى ”رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ جۇڭگونى چەكلەيدۇ“ دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇنىڭدىن چىقىرىدىغان خۇلاسىسى ”سۈرىيە ئۇرۇشى جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتسىز“ دېگەندىن ئىبارەت. يەنە ”رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىشى خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن“ دېگەن گەپمۇ بار. جۇڭگو ب د ت دائىمىي كومىتېتىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە توققۇز قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە قېتىملىقى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن بولدى. ئەمدى دەپ باقسۇن، سۈرىيە ئۇرۇشى جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتسىزمىكەن؟ جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ھەربىي خىراجەت بېرىشى ئۇنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى توسۇشى ئۈچۈنمىدۇ؟ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى توسۇشنىڭ نەتىجىسى رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ خەلق پۇلىنى زاپاس پۇل قاتارىغا ئېلىشىمىدۇ، نېفىت ھېساباتىدا خەلق پۇلىنى ئىشلىتىشىمىدۇ؟ رۇسىيەنىڭ ئات ئاۋارە، كۆت ئاۋارە قىلىپ، نۇرغۇن پۇلنى خەجلەپ ئۇرۇش قىلىشى سۈرىيەدە غەربلىكلەرگە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى توسۇش ئويۇنىنى ئويناپ بېرىش ئۈچۈنمىدۇ؟ مانا بۇ كاللىسىغا ئېشەك تېپىۋەتكەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ گەپلىرى.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، رۇسىيە سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ، ھەلەپنى، ئاندىن خومىسنى، ئاندىن پالمىيرانى ئارقا – ئارقىدىن ئىشغال قىلىۋاتقاندا، جۇڭگودىكى مۇتەخەسىسلەر يەنىلا ئامېرىكا – رۇسىيە مۇرەسسەچىلىكى مۇقامىغا توۋلاپ، رىئاللىق ئالدىدا كەينى – كەينىدىن پەشۋا يىدى. ئۆزى قارىغۇ تۇرۇپ، پانۇس كۆتۈرۈپ باشقىلارغا يول كۆرسىتىدىغانلار يەنىلا بىزنىڭ مۇتەخەسىسلىرىمىز.

يۇقىرىدىكى بايانلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدىكى مەنپەئەتىدە مۇرەسسە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگومۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئۇنداقتا جۇڭگو – ئامېرىكا – رۇسىيە ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

يەنىلا لوگىكا ۋە ئومۇمىي ساۋاتلاردىن جاۋاب ئىزدەيلى. بىرگە بىرنى قوشساق بىردىن چوڭ سان چىقىدۇ. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چۈشىنىدىغان قائىدە. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلەشمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جۇڭگو تەبىئىيلا رۇسىيەنى يېنىغا تارتىشى، ھەرگىزمۇ مۇتەخەسىسلەر ئېيتقاندەك ”رۇسىيە بىلەن قارشىلاشماسلىقى، بەلكى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشى لازىم.

ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ئىلگىرى بىزگە ئۈلگە بولغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ئارقا – ئارقىدىن ئېغىر گېئوپولىتىك كرىزىسلارغا دۇچار بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا مىقياسىدا ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى. ئامېرىكا سىياسىتىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولغان ۋە كىسسىنگېر جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرغان، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قەبرىسىگە ئۇزىتىپ قويغان ئىدى. كىسسىنگېرنىڭ ئەينى چاغدا ئوينىغان كارتى جۇڭگو – ئامېرىكا – سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز بولغان جۇڭگونى نىسبەتەن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئامېرىكىنىڭ يېنىغا تارتىپ، بىرلىكتە ئەڭ كۈچلۈك بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى. ئىچكى لوگىكا مانا مۇشۇنداق. نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئەڭ كۈچلۈك بولغاچقا، نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئەڭ ئاجىز ھالەتتىكى رۇسىيەنى يېنىغا تارتىپ، ئامېرىكىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

ئەمما مۇتەخەسىسلەرنىڭ بەرگەن جاۋابى ”جۇڭگو رۇسىيە بىلەن قارشىلىشىشى كېرەك“ بولۇپ، بۇ ئەقەللىي ساۋاتلارغا زىت. ئەجەبا بۇ مۇتەخەسىسلەر بىرگە بىرنى قوشسا بىردىن چوڭ سان چىقىدىغانلىقىدەك قائىدىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بەزىلەر مۇتەخەسىسلەردە بىلىم بار، ساۋات يوق دەيدىكەن. قارىغاندا ھەقىقەتەن شۇنداق ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىشىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا بولغان ئىش ئەمەس. جۇڭگو تارىخىدىمۇ بۇنداق ئىشلار بولغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە خۇلاسىلەنگەن تەجرىبىلەرنىڭمۇ كۆپلۈكىدە.

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جىن سۇلالىسى باش كۆتۈرۈپ، لياۋ سۇلالىسى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ”ۋەتەنپەرۋەر ۋەزىر“ نىڭ قىزىقتۇرۇشى ئاستىدا جىن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، لياۋ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ ئار – نومۇسىنى يۇيماقچى بولىدۇ. دەرۋەقە شىمالىي سۇڭ بىلەن جىن سۇلالىسى بىرلىشىپ، لياۋ سۇلالىسىنى يوقىتىدۇ. ئەمما جىن سۇلالىسى بۇ جەرياندا شىمالىي سۇڭنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر باشلاپ جەنۇبقا چۈشۈپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىمۇ مۇنقەرز قىلىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر جىڭكاڭ سەتچىلىكىدۇر. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا موڭغۇل ئىمپېرىيەسى باش كۆتۈرىدۇ. تارىختىن ساۋاق ئالمىغان جەنۇبىي سۇڭ ۋەزىرى ”جىڭكاڭ سەتچىلىكىدىن ئىنتىقام ئېلىش“ بايرىقى ئاستىدا، موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ جىن سۇلالىسىنى يوقىتىدۇ. ئەمما موڭغۇللار جىن سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جەنۇبىي سۇڭنىمۇ يوقىتىدۇ. كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، ئاجىز ئورۇندىكى ئىككى تەرەپ ئەمەلىيەتتە بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىشىپ ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تەرەپكە تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر ئىشقا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتتۇر.

يۇقىرىدىكى ساۋاتلار ۋە لوگىكىلىق ئانالىزلاردىن كېيىن، بىز جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. تۆۋەندە جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بايان قىلىمىز. 1998-، 1999- يىللىرىدىكى يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى ئۇرۇشى جۇڭگو – رۇسىيە ئىككىلا دۆلەتنى سەگىتتى. رۇسىيەنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ھەممە كىشى كۆرۈپ يەتتى. جۇڭگولۇقلارمۇ ئەمەلىي كۈچكە تايانمىغان قارشىلىقنىڭ پەقەتلا ئەلچىخانىسىنىڭ پارتلىتىۋېتىلىشىدىن ئىبارەت ھاقارەتنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندى. ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى جۇڭگو – رۇسىيە ئىككىلا دۆلەت قوبۇل قىلدى. ئارقىدىنلا بىرلىشىش باشلاندى. 2001- يىلى 6- ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ تۆت ئايدىن كېيىن، ئامېرىكا – ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە رەڭلىك ئىنقىلابنى ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ۋە موڭغۇل رايونلىرىغا تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولدى.

كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى قالايمىقان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك باغلىنىشىنى ئۈزۈۋېتىشى ئۇنىڭ بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق ۋە بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ پىلان پۈتكۈل ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئۇششاق پارچىلىۋېتىشنى ئاخىرقى نىشان قىلىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيە بۇ پىلاننىڭ بىرىنجى ئىجراچىسى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن زومىگەرلىك تالىشىشى ئاشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەنگلىيە ئاجىزلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق – بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانىنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاشۇ يىللاردا ھەمكارلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قورشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاشۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىدا. مەزكۇر پىلان بالتىق دېڭىزىدىن شەرقىي ياۋروپاغىچە، ئاندىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان مۇداپىئە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، رۇسىيەدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا رايونىدا غەربىي تىنچ ئوكيان مۇداپىئە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ بۆسۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. غەربىي تىنچ ئوكيان مۇداپىئە لىنىيەسىنى يا، ناتونى ئوق قىلىپ، يېقىن شەرقتىن ئوتتۇرا شەرققە، ئاندىن يىراق شەرققە، ئاخىرىدا پۈتكۈل ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەسىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. سىرتتىن قورشاشتا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ فلوتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇھىم سۇ يوللىرىنى كونترول قىلىدۇ. شۇنداقلا دېموكراتىيەنى كېڭەيتىش نۇقتىنەزەرلىرى ۋە تېررورچى گۇرۇھلاردىن پايدىلىنىپ، ياۋرو – ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىدۇ.

ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى پارچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى توپلاش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ، يەنى ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل غەربنىڭ دېڭىز – ئوكيان زومىگەرلىكىگە تەھدىت سېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ پىلاندا، جۇڭگو – رۇسىيە خۇددى قەپەستىكى جانىۋارلارغا ئوخشايدۇ. شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى مۇداپىئە لىنىيەسى ئۇلارنىڭ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە غەربنىڭ ئوۋلاش نىشانىنىڭ يادروسىدۇر. ئوۋلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى توقۇنۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ھالدا ناتونى شەرققە كېڭەيتىپ، رۇسىيەنى ئوتتۇرا دېڭىز، بالتىق دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئېغىزى ئارىسىغا قاپساپ، ناتونى كونترول قىلىپ، ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشىنى چەكلىشىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ. رۇسىيەنىڭ غەربكە بۆسۈپ چىقىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتكەندە، رۇسىيەنىڭ قوش باشلىق بۈركۈت ئىستراتېگىيەسى بويىچە، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا بىر بىرىنى تولۇقلاشتىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئارىسىدا مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. غەربىي تىنچ ئوكيان مۇداپىئە لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونى قاپساشتىكى مەقسەت، ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ غەربكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرق رايونىدا رۇسىيە بىلەن زىتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىككى يولۋاس ئۇرۇشقاندا چوقۇم بىرسى يارىلىنىدۇ. غەرب ھېچ ئىش قىلماي تاماشا كۆرسە، ئىككى تەرەپ بوغۇشۇپ ھالىدىن كەتكەندە ئىككىلىسىنى تەڭلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولىدۇ. دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تورلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئارىسىنى بۇزىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ كېتىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان پىكىرلەرگە تولدى ۋە بىر مەزگىل جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

غەربنىڭ بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق ۋە بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى پىلان پېتى قالمىدى. بەلكى ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشى ئارقىلىق يۈزگۈزۈلدى. 90- يىللاردىن ھازىرغىچە، ناتو تەسىر كۈچىنى ئاتلانتىك ئوكياندىن جۇڭگونىڭ غەربىي دەرۋازىسى – ئافغانىستانغىچە ئىلگىرىلەتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشى رۇسىيەگىلا قارىتىلغان ئەمەس. ھەربىي جەھەتتە بېسىم چۈشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يەنە دېموكراتىيە پىكىر ئېقىمى، دىنىي مەسىلە ۋە تېررورىزىمدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتلەرنى چاك – چېكىدىن سۆكۈپ، رەڭلىك ئىنقىلابلارنى قوزغىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئىچكى جەھەتتىن ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئىككىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك باغلىنىشىنى ئۈزۈپ، بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى يۆلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن غەرب ئىستراتېگىيىسىنىڭ سايىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خەرىتىدىن رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغالغان يەرلەر بىلەن تېررورىزىم ئەۋج ئالغان يەرلەرنى تۇتاشتۇرساق، بۇ رايونلارنىڭ غەربنىڭ ئىستراتېگىيىسى بىلەن جىپسىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. غەربنىڭ قاتتىق – يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى پارچىلاشتۇر. بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېقىلغانلىق. ئىككى دۆلەت ئورتاق دۈشمەنگە دۇچ كەلدى. بۇ جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى پەيدا قىلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر.

2012- يىلى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىدى. 1996- يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو – رۇسىيە ئارىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلدى. 2001- يىلى ”جۇڭگو – رۇسىيە خوشنىدارچىلىق – دوستلۇق كېلىشىمى“ ئىمزالاندى. 2011- يىلى باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش، ئورتاق گۈللىنىش، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان دوستلۇق ئاساسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. 2014- يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو – رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى نۇرغۇن سورۇنلاردا جۇڭگو – رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ نۇرغۇن قېتىم ”ياخشى خوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلىدى. پۇتىنمۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ئوزئارا ماسلىشىشقا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ شى رەئىسنى ”ناھايىتى ياخشى دوست، ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ھەمراھ“ دەپ ئاتىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشىنىشنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2014- يىلى يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سوچىغا بېرىپ، 22- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ ھەرىكەت جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ چىگرا سىرتىدا چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ باشلىنىشى بوپ قالدى. 2015- يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپتىكى دۆلەتنىڭ 9- ماي ۋە 3- سىنتەبىر تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مىۋىسى ۋە ب د ت نى ئاساس قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.

زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يەنىلا رىئاللىقتىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن كۆزەتسەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەقىقەتەن يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا يۆلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان. خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە، ئامېرىكا ئىزچىل بىر قۇتۇپلۇق ھۆكۈمرانلىق بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق ۋە بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئۇششاق دۆلەتلەرگە پارچىلاپ، نېفىت دوللىرىنىڭ خوجايىنلىقى ۋە دوللار دەۋرىيلىكى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى پۇل – مۇئامىلە بۇلاڭچىلىقىنى تاماملاپ، يەھۇدىي كاپىتال گۇرۇھىنىڭ دۇنياۋى پۇل – مۇئامىلە مۇستەملىكە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئامېرىكىنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرى ب د ت نىڭ تاجاۋۇزچىلىققا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى نىزامنامىلىرىگە زىت كېلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى دۇنيا مىقياسىدىكى پۇل قوزغىلىڭىنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ب د ت بايرىقىنىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەھۇدىي كاپىتال گۇرۇھىنىڭ پۇل – مۇئامىلە مۇستەملىكە سىستېمىسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

پۇل قوزغىلىڭىنى تاماملاش ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىچكى جەھەتتىن مەنپەئەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى، ئىستراتېگىيەلىك ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرما زەربىگە ھازىرلىنىشى لازىم. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى ئەڭ زور بولغان ئىككى رايون ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرقتۇر. مەنپەئەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەمكارلىشىپ قۇردى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قېتىۋالدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رايوننىڭ گېئوپولىتىك توقۇنۇشلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىدىغان، تەشكىلاتقا كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدىغان بولدى. بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۆزئارا ئىشىنىشنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئالدى بىلەن قول سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتا ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى باشلىدى. نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا زور كۆلەمدە ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو مەزكۇر دۆلەتلەردە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا ۋە بۇ دۆلەتلەرنى پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن قوغداشقا باشلىدى. رۇسىيە يىراق شەرق رايونىنى جۇڭگوغا ئېچىۋەتتى. جۇڭگومۇ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە چاۋشيەننى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق چەمبىرىكىگە قېتىۋالدى. ھەربىي جەھەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چىگرا لىنىيەلىرىدە ئۆزئارا زور كۆلەمدە ئەسكەر قىسقارتتى. قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنى ھەمدە چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۈنجى قېتىملىق ھاۋادىكى سىنارەدكە قارشى مۇداپىئە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيگەندىن كېيىن، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا تايىنىشنىڭ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئىستراتېگىيەلىك ئىش تەقسىماتىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت رايونلىرىدا باش ھۇجۇمچى ھەمدە بىر بىرى ئۈچۈن يان ھۇجۇمچى بولۇشتى. مەسىلەن، رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدە باش ھۇجۇمچى بولۇپ، ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قارشى تۇردى. رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىشى بۇ خىل باش ھۇجۇمچىلىقنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگو بۇ ئىشتا ياردەمچى بولۇپ، رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قان تولۇقلىغۇچى رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن سۈرىيەدە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى لاگىرلىرى شەكىللەندى. ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدا تەيۋەن، دياۋيۈ ئارىلى، جەنۇبىي دېڭىز، چاۋشيەن قاتارلىق رايونلار جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت رايونلىرى بولغاچقا، بۇ يەرلەردە جۇڭگو باش ھۇجۇمچى، رۇسىيە ياردەمچى بولدى. نۆۋەتتە جۇڭگو – رۇسىيە – چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا – ياپونىيە – كورىيەگە قارشى ۋەزىيىتى ئاللىقاچان شەكىللەندى. جۇڭگو – رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ياپون دېڭىزىدىن جەنۇبىي دېڭىزغا، ئوتتۇرا دېڭىزدىن بالتىق دېڭىزىغا قەدەر سوزۇلدى. بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر – بىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغان سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھاۋادىكى سىنارەدكە قارشى مۇداپىئە مانېۋىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى ئۇلارنىڭ غەرب نىقابىنى يىرتىپ ئۆزىنى ئاشكارىلىغان چاغدا بىرلىككە كەلگەن ھاۋا مۇداپىئە تورى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو – رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۈكسىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

ھەممىمىز يەھۇدىي پۇل – مۇئامىلە مۇستەملىكە سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىقى نېفىت، ئاشلىق، مېدىيانى كونترول قىلىشنى غەربنىڭ ھەربىي كۈچىگە يانداشتۇرغان ھالدا قۇرۇلغانلىقىنى ۋە قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ماسلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن، ئۇلار قايتۇرما زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رەڭلىك ئىنقىلابى ئۇتۇقلۇق بولماي، ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدە بىرلىشىپ، ئالدى بىلەن نېفىت دوللىرىغا زەربە بەردى. ئامېرىكا رىياسەتچىلىكىدىكى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ماھىيەتتە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى يېڭىباشتىن كونترول قىلىپ، ياۋروپا ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ياساش كەسپى مەركىزىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى قولىغا كىرگۈزۈشنى، دوللارغا ئۆسۈم قوشۇش ۋە تۆۋەن نېفىت باھاسىنى پۇل سوغۇلۇشقا يانداشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى تولۇق يىقىتىپ، ياۋروپانى تولۇق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

رۇسىيە ئىككى سەپتە تەڭ ئۇرۇش قىلىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ھالسىراپ قالدى. كېيىنچە جۇڭگو پۇل، رۇسىيە ئەسكەر چىقىرىپ، سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋالدى. بۇ يىل سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 25 پىرسەنتتىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. دائىش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زەربىسى ئاستىدا يوقىلىش گىردابىدا تۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش دەۋرىگە كىرىشىگە ئاز قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو – رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو – رۇسىيە ھەمكارلىقى غەربنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوراللىق ئارىلىشىشتا تۈنجى قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. شەرقىي ئاسىيا رايونىدا، جۇڭگو – رۇسىيە – چاۋشيەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئامېرىكىنى چاۋشيەندە ئۇرۇش قوزغاش پەيلىدىن ياندۇردى. چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە نېفىت دوللىرىنىڭ كلاپانىغا دەسسەپ تۇرۇۋېلىشى ئامېرىكىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرسىمۇ، ئامال قىلالمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. كىم جۇڭئۇننىڭ ترامپنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرمەي، گۇئام ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىمەن دەپ تەھدىت سالالىشى پۈتۈن دۇنياغا ئامېرىكىچە نوچىلىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ۋە چاۋشيەندىكى مەغلۇبىيىتى باشقا دۆلەتلەرگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوغدىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىمۇ زىچ ئالاقىسى بار. رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدىكى كۈرىشى ئاساسلىقى ئېنىرگىيە ئېكسپورت بىخەتەرلىكى ئۈچۈندۇر. رۇسىيەنىڭ قوش پايدىغا ئېرىشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 2014- يىلى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىن جۇڭگونىڭ غەرب ۋە شەرقىگە ئىككى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. مۆلچەرلەنگەن تۇرۇبا لىنىيەلىرى پۈتكەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتى ياۋروپاغا قىلىدىغان ئېكسپورتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتى پەيدىنپەي رۇبلى ۋە خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىشقا ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ نېفىت دوللىرىغا ئېغىر زەربە بىرىدۇ. جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەمۇ ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە ئېكسپورتىدا ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىغان قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىۋالدى. مانا بۇ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتۇر.

كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە ئىستىمالى نېفىتتىن تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە يۆتكەلگەندە، رۇسىيە ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى تۈركمەنىستان ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز زاپىسى دۇنيادىكى ئومۇمىي گازنىڭ 65 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭغا قاتار قوشۇلسا، تەبىئىي گازنىڭ OPEC ىدىن بىرنى قۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى تۈركمەنىستان ۋە ئىرانغا بىخەتەرلىك مەنپەئەتى تەمىن ئېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنىرگىيە تەمىناتى دۆلەت سىرتىدىن بىۋاسىتە ھەل بولغان بولىدۇ. نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن ئىران نېفىت ئېكسپورتىدا خەلق پۇلى ئىشلىتىشكە باشلىدى. قاتاردا خەلق پۇلى راسچوت مەركىزى بار. بۇنىڭغا قوشۇپ ئۆزىدىكى يېڭى ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشلىرىغا تايانغاندا، جۇڭگو نېفىت دوللىرىغا بولغان بېقىنىشتىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلەيدۇ.

ئاشلىق جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەينى يىللىرى ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت ۋە ئالتۇن زاپىسىنى خورىتىپ تۈگىتىۋەتكەنلىكىدەك ساۋاق ھېلىھەم يادىمىزدا تۇرۇپتۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە سانائەتلىشىشنى قايتىدىن تاماملىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2016- يىلى رۇسىيەنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى 110 مىليون توننىغا يېتىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى. رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان ئاشلىقلىرى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يىمەكلىكلەر ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە قازاقىستان چىگرىسى ئىچىدە زور كۆلەمدە ئاشلىق تېرىپ، ئاندىن جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىپ ئەكىرىشىمۇ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە غايەت زور ياردەم بېرىدۇ.

مېدىيا جەھەتتىمۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. غەرب بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق ۋە بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانىنى يۈرگۈزۈۋاتقاندا، قىممەت قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇپ، ”غەرب مەدەنىيىتى مەركەز“ تەلىماتىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇلار سۈرىيە – ئىراق رايونىدىكى ئىككى دەريا مەدەنىيىتىنى گرېكلارغا چېتىپ، سۈنئىي ھالدا گرېك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي يالغانلىرىنى ياساپ چىقتى. نۆۋەتتە جۇڭگو – رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارخېئولوگىيە ساھەسى زىچ ھەمكارلىشىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قېزىش ئارقىلىق ”غەرب مەدەنىيىتى مەركەز“ تەلىماتىنىڭ يالغانلىرىنى پاش قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېدىيا – تەشۋىقات جەھەتتە، غەربنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغان پىكىر زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە غەرب جەمئىيىتىنى ئاشكارىلاش جەھەتلەردە زور كۆلەمدە ھەمكارلاشماقتا. مەسىلەن، خەلق گېزىتى ۋە تاسىس ئاگېنتلىقى بىرلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئاساسىي ئېقىم مېدىيالىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان بىرلەشمە زىيارەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۈچ جەھەتتىن كۆرۈۋالالايمىزكى، جۇڭگو – رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە زور دەرىجىدىكى ئۆزئارا تولۇقلاشنى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنىڭ يېڭى مودېلى ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ نىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ. جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي رايونلىرى پەيدىنپەي مۇقىملاشتى. كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ باشقا خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىقىغا ئەگىشىپ، ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇقىم رايونلار بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. بۇ مۇقىم رايونلاردا خەلق پۇلى بىلەن باشقا دۆلەت پۇللىرىنى بىۋاسىتە تېگىشىش بارغانسېرى ئومۇملىشىدۇ. جۇڭگونىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى ئىقتىسادىي چەمبىرەك ۋە پۇل سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ چەمبىرەكنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چەمبىرىكى بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئېقىم مىقتارى مەلۇم دەرىجىگە تۆۋەنلىگەن چاغدا، بۇ پۇل – مۇئامىلە ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇمران بولىدىغان ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ.

جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى غەربنى نېمە قىلارىنى بىلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ۋە ئېزىقتۇرۇش، ئىتتىپاقنى پارچىلاش غەربنىڭ جەزمەن قىلىدىغان ئىشىغا ئايلىنىدۇ. ئاخبارات شاھى كىسسىنگېرنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ئايرىم – ئايرىم ئىككى قېتىملىق زىيارىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىسسىنگېرنىڭ ئۇسۇلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئامېرىكىدىن ئالىدىغان مەنپەئەتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئىككى قېتىملىق زىيارەتتە كىسسىنگېر كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى. 7- ئاينىڭ 3- كۈنى پۇتىن موسكۋادا شى جىنپىڭغا سان ئاندىرې مېدالىنى تەقدىم قىلغان چاغدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق كېلىشتى: تاشقى مۇھىت قانداقلا ئۆزگەرمىسۇن، جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

غەرب جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنى پارچىلىيالمايلا قالماستىن، بەلكى غەرب تاشلىغان يەمچۈكلەرمۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. ياپونىيە رۇسىيەنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىغا ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلدى. پۇتىن بۇ سوۋغاتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئەمما ئارقىدىنلا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 3- ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگوغا 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇ بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەت ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئايرىماقچى بولغان ئىدى. ئاخىرىدا جۇڭگو بۇ سوۋغاتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئەمما ئارقىدىنلا جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە بىر قاپقان سېۋەتكە ئايلاندى. غەرب تاشلىغان ھەر قانداق يەمچۈك ئولجىغا ئايلىنىدىغان بولدى.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە غەنىمەت يىغالايدىغان بولدى. رۇسىيە باش ھۇجۇمچى بولىدىغان شەرقىي ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققىچە بولغان رايونلاردا، رۇسىيە بىلەن ئاداۋىتى بار دۆلەتلەر ئاز ئەمەس. مەسىلەن، پولشا، ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىسرائىلىيە قاتارلىقلار. جۇڭگو باش ھۇجۇمچى بولىدىغان شەرقىي ئاسىيا رايونىدا، جۇڭگو بىلەن ئاداۋىتى بار دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن، ياپونىيە، ۋېيتنام، ھىندىستان قاتارلىقلار. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ماسلىشىپ، ئارىلاش ئوۋلاپ، ئىككىلىسى مۇھىم گېئوپولىتىكىلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى.

مەسىلەن، جۇڭگو باش ھۇجۇمچى بولىدىغان شەرقىي ئاسىيا رايونىدا، رۇسىيە ياپونىيە، ۋېيتنام، ھىندىستانلاردىن نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈۋالدى. ئوخشاش ئۇسۇلدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قىرىم مەسىلىسى تۈپەيلى يۈز ئۆرۈشۈپ كەتكەندە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پاتقان ئۇكرائىناغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئايروخوت (ئۇچار كېمە) قا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئان-225 ۋە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ياسىما ماتېرىياللىرىغىمۇ ئىگە بولدى. يەنە كېلىپ ئۇكرائىنا بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىشىدىغان بولدى. ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشى بىلەن، رۇسىيەنىڭ رۇمىنىيە، پولشا، قاراتاغ قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتماللاشتى. جۇڭگو ئۇلارغا مىھرىبانلىق كۆرسىتىپ، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ غا ئەكىرىۋالدى. رۇسىيە سۈرىيەدە تۈركىيە قوللىغان ئۆكتىچى قوراللىقلارنى رەھىم قىلماي قىرىپ كەتكەندە، جۇڭگو دەل ۋاقتىدا بېرىپ، تۈركىيەنىڭ بىر پورتىنى سېتىۋېلىپ تەسەللى بەردى. نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تەڭلا ۋاقىتتا ئىتتىپاقداشلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇردى.

جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقى ئىككىلا دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق بولۇپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا سۈرىيە ۋە چاۋشيەندە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئىناۋىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. فىلىپپىننىڭ يۈز ئۆرۈشى، سىنگاپورنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشى، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى ھەققىدىكى بۇرۇلۇشى، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ يۈز ئۆرۈشى، ئوماننىڭ سۈكۈت قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىنىڭ غەربكە بولغان تەھدىتىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى، بەلكى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تىندۇرما تېشىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

تېخىمۇ كېڭەيتسەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئارىسىدىكى بۇ خىل يېڭى تىپتىكى مۇناسىۋەتنى جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ئامېرىكا ھازىرغىچە ئىككى قېتىملىق پۇل – مۇئامىلە بۇلاڭچىلىقىنى تاماملىدى. ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردا ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيانى خاراب قىلدى. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلاندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا پۇل قوزغىلىڭىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى تارىخنىڭ ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ.

يېڭى تىپتىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلىشى ئاخىرىدا مۇقەررەر ھالدا غەرب يېتەكچىلىك قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. پۈتۈن دۇنيادا جۇڭگو يىللاردىن بېرى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق يېڭى تەرتىپ ئورنىتىلىدۇ. بۇ خىل بۇرۇلۇش يېڭى بىر خىل مەدەنىيەت ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بۇ زور تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ كەلگۈسىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۇل ئۇرۇشىنىڭ ئىس – تۈتەكلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تېگىدە قانلار دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. غالىبلارنىڭ مەرتىۋە ھاسىسىدىكى قىزىل ياقۇت كۆزلەرنى قاماشتۇرسىمۇ، ئەمما تەختلەرنىڭ ئاستىدا تاغدەك دۆۋىلەنگەن جەسەت سۆڭەكلىرىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: https://weibo.com/ttarticle/p/show?id=2309404143107452056040#_0

جاۋاب يېزىش