سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي يۈزى، ئۇيغۇرلار ۋە كۈرد مەسىلىسى

ئاپتورى: شۆيىن

”قورال كۈچى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يول ئەمەس، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۈر سىجىل بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. دىئالوگ جەريانى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسىمۇ، نۇرغۇن قېتىم قايتىلانسىمۇ، ئەمما قالدۇق زىيىنى ئەڭ ئاز بولىدۇ، نەتىجىسىمۇ سىجىل بولىدۇ. توقۇنۇشۇۋاتقان تەرە پلەر دىئالوگ ئورنىتىپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىنى تېپىپ چىقىشى، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىگە دىققىتىنى يىغىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ، خوشنا دۆلەتلەرنىڭ، يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئىرادىسى ۋە رولىغا ھۆرمەت قىلىشى، سىرتتىن كەلگەن ھەل قىلىش چارىسىنى تاڭماسلىقى كېرەك. دىئالوگ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سەۋىرچانلىقنى ساقلاپ، ئەڭ چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.“ – شى جىنپىڭنىڭ 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى قاھىرەدىكى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش شتابىدا سۆزلىگەن نۇتقى

پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو – ھىندىستان توقۇنۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقاندا، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئىراق شىئە خەلق ئەسكەرلىرى (ھاشدى شابى ياكى PMU) ئىراق – سۈرىيە چىگراسىغا يېقىن ئەتراپتىكى T2 بورىۋاي پونكىتىنى بىرلىشىپ ئىشغال قىلدى. بۇ ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بورىۋاي پونكىتلىرى ئاساسلىقى نىفىت ۋە گاز تۇرۇبا يوللىرىغا بېسىم تەمىنلەيدىغان بولۇپ، نېفىت ۋە گازنى ئۇزۇن مەنزىللەرگە توشۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەسلىھەدۇر. بۇنداق بورىۋاي پونكىتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئادەتتە ئەتراپتىكى رايونلارغا ھەربىي بازىلار تەسىس قىلىنىدۇ.

سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ قېتىم ئىشغال قىلغان T2 بورىۋاي پونكىتى ئىراقتىكى كەركۇكتىن سۈرىيەدىكى  بانىياسقىچە سوزۇلغان تۇرۇبا لىنىيەسىدىكى تۆت پونكىتنىڭ بىرى. بۇ تۆت پونكىتنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى، يەنى T4/T3/T2 پونكىتلىرى سۈرىيە چىگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. T2 بورىۋاي پونكىتىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىلگىرى كونترول قىلغان T4/T3 پونكىتلىرىغا قوشۇلۇشى بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سۈرىيە چىگرىسى ئىچىدىكى بارلىق بورىۋاي پونكىتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قىپقالغان T1 پونكىتى ئىراق چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ، Al Bukamal نىڭ شەرقىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان يەردە. نۆۋەتتە ھاشدى شابىلار سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بارلىق بورىۋاي پونكىتلىرى شىئەلەرنىڭ قولىغا چۈشسە، كەركۇك – بانىياس تۇرۇبا لىنىيەسى ئۇتۇقلۇق پۈتكەن بولىدۇ. T2 بورىۋاي پونكىتىنى ئېلىش ئۈچۈن سۈرىيە ئېغىر بەدەل تۆلىدى. دائىش بىلەن ئۇرۇش قىلغان سۈرىيە 60- برونېۋىك قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال يەھيا يۇنۇس بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولدى.

ئەمدى يۇقىرىقى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. كەركۇك – بانىياس تۇرۇبا لىنىيەسى خام نېفىت توشۇيدىغان تۇرۇبا يولى بولۇپ، ئىراقنىڭ كەركۇك نېفىتلىكىنى سۈرىيەنىڭ پورت شەھىرى بانىياسقا تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ تۇرۇبا يولى 1952- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر، ھەر كۈنلۈك توشۇش مىقدارى 300 مىڭ تۇڭغا يېتىدۇ. 2003- يىلى ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاقەتسىزلىك بىلەن كەركۇك – بانىياس تۇرۇبا يولىنىڭ ئىراقتىكى بۆلىكىنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلىۋەتتى. سۈرىيەدە ئۇرۇش پارتلاشنىڭ سەل ئالدىدا دەمەشق بىلەن باغداد مەۋجۇت تۇرۇبا لىنىيەسى ئۈستىدە يېڭىدىن ئىككى خام نېفىت تۇرۇبا يولى ياساش ھەققىدە بىر تۈرلۈك دەسلەپكى كېلىشىم ئىمزالىغان. ئامېرىكىنىڭ 2003- يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشىنىڭ سەۋەبىمۇ سادامنىڭ بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېكىسپورتىدا ھېساباتنى ياۋرو بويىچە قىلىشقا ئۆزگەرتكەنلىكىدۇر. سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى قوزغاشمۇ يەنە ئاشۇ شىئە تۇرۇبا يولىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈندۇر. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى 14 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى گېئوپولىتىك ئويۇنلارنىڭ تۇتۇق سىزىقى بولۇپ كەلدى.

بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز يەنە كەينىمىزگە يېنىپ، ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنى تەھلىل قىلساق، سۈرىيەدىكى ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىدىكى ئىلىشىشنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بىز غەربتىن باشلاپ كۆزەتسەك، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئىزچىل ھالدا لىۋان – سۈرىيە چىگرىسىدىكى رايونلاردا تەھرىرۇششامنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ تەھرىرۇششام دېگىنى ئەلنۇسرا (جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىنى پارتلاتقان قاتىللار) بىلەن باشقا نۇرغۇن گۇرۇھلاردىن تەركىپ تاپقان تېررورچى تەشكىلاتتۇر. ئاللاھ پارتىيەسى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن تەھرىرۇششامنى ئۇرىدۇ؟ چۈنكى كەركۇك – بانىياس نېفىت – گاز تۇرۇبا يولى خومۇس رايونىدا بىر تارماق لىنىيە ئاچقان بولۇپ، بۇ لىنىيە لىۋان – سۈرىيە چىگراسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، لىۋان دېڭىز قىرغىقىدىكى ترابلۇسقا تۇتىشىدۇ. تەھرىرۇششام كونترول قىلغان رايون دەل مۇشۇ لىۋان – سۈرىيە چىگراسىغا قاپسىلىپ قالغاچقا، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۈچ تەرەپتىن بىرلىشىپ تەھرىرۇششامنى ئۇردى. نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندىكى ئۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

كۆرسىتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇزۇندىن بۇيان گولان ئېگىزلىكىدە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى داۋالاپ، قۇتقۇزۇۋاتقان ئىسرائىلىيە لىۋان – سۈرىيە چىگراسىدىكى ۋەزىيەتكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ھەر قېتىم سۈرىيە ۋە لىۋان تەرەپ چىگرانى كونترول قىلسىلا، ئىسرائىلىيە ئەسكەر چىقىرىپ باشقا ياقتىن ھۇجۇم قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىلىيە بىلەن تەھرىرۇششامنىڭ لىۋان – سۈرىيە چىگراسىنى كونترول قىلىشتا ماسلىشىپ قېلىشىدىكى ئىقتىسادىي سەۋەب كەركۇك – بانىياس تۇرۇبا يولى خومۇس تارماق لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قېلىش بولۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە سۈرىيە چىگرىسى ئىچىگە كىرگەن لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى قوراللىقلىرىنىڭ لىۋانغا قايتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. 2006- يىلىدىكى لىۋان – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىدىن ئېغىر زەربە يىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە يۈرىكى ئورنىغا چۈشكىنى يوق. سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا تاۋلانغان ئاللاھ پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تاقابىل تۇرۇشى ئەمدى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، خۇددى ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى موسۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يۈزىنى قېلىن قىلىپ، ئۇ يەردە ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغىنىدەك، لىۋان ۋە سۈرىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەھرىرۇششام تېررورىستلىرىنى قورشاپ يوقىتىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەلكىم قىسىم ئەۋەتىشى ساختىلىق، تۇرۇبا لىنىيەسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ھەقىقىي بولۇشى مۇمكىن.

جەنۇبتىكى رايونلارغا كەلسەك، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى 400 نەپەر رۇس ئەسكىرى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دەرئا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تانكا مەشىق مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىردىنلا ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانلارنىڭ سەزگۈر نېرۋىلىرىغا تېگىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستېرى نىتانياخۇ سەكرەپ چۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە بۇ رايونغا رۇسىيە ئارمىيىسى كىرگەندىن كېيىن، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى يۆلەپ، نۆۋەتتە تېررورچىلارنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان رايونلار ۋە گولان ئېگىزلىكىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دەرئا شەھىرىنى قولىغا ئالغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ پىلانىدىكى كەركۇك – خەيفا تۇرۇبا لىنىيەسى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

دەرئا شەھىرى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى دەسلەپ پارتلىغان شەھەر. بۇ يەر ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قورال – ياراغ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم ئۆتىڭى. دەرئا شەھىرى ئىشغال قىلىنسا، گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئەتراپىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە جەنۇبتىكى ئۆكتىچىلەرگە قورال – ياراغ يەتكۈزۈش ئاساسەن تۈگەيدۇ. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىيەدىكى مەغلۇبىيىتىمۇ تېزلىشىدۇ. ئامېرىكا ھازىر سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا تەستە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ. سۇۋەيدە رايونىدىكى ئۆكتىچىلەر ئاللىقاچان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى. قورشاۋ ھازىر تاماملىنىش ئالدىدا. تانف تېغى رايونىدا ئامېرىكا ھامىيلىقىدىكى 4000 كىشىلىك ئۆكتىچى قوراللىقنىڭ ئىچىدىكى 300 كىشىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ئىختىيارىي تەسلىم بولۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. رۇسىيە برونېۋىك قىسمى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تانف تېغى رايونىدا توپلاندى. ئاللاھ پارتىيەسى بۇ رايوندا ئامېرىكا بىلەن ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئېغىر بېسىم ئاستىدا، ئامېرىكا ئاخىرى جەنۇپ تەرەپتە توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇشقا قوشۇلدى ھەمدە تانف تېغىنىڭ سۈرىيە چىگرىسى ئىچىدىكى رايونلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇش رۇسىيە – سۈرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە بولغان ھۇجۇمىنى توسۇپ، دەرئادىن ئىبارەت بۇ تەمىنلەش لىنىيەسىنى قوغداپ قالىدۇ. سۆھبەت ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۇتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت دېگىنىدە ئەمەلىيەتتە قىلچىمۇ سەمىمىيلىك يوق.

ئالدى بىلەن تانف تېغى رايونى ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە پىلانىدىكى خەيفا – موسۇل تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بورىۋاي پونكىتلىرى مەركەزلەشكەن رايونغا يېقىن بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا راستىنلا بۇ يەردىن ۋاز كەچسە، بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى ئوتتۇرىدىن ئۈزۈۋېتىلدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئاندىن قالسا، ئامېرىكا 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تانف تېغىنىڭ ئىراق – سۈرىيە چىگرىسى رايونىدا ھاشدى شابىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 65 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا دائىشقا ھۇجۇم قىلىش نىقابى ئاستىدا بۇ ھۇجۇمنى قوزغىدى. تانف تېغى رايونى دەمەشىقتىن باغداتقا بارىدىغان خەلقئارا تاشيولنىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان يېرى. بۇ يەرنى ئالغاندىن كېيىن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ھاشدى شابىلار بىر يەرگە كېلەلەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ تانف تېغى رايونىنى رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش سەمىمىيىتى بولغان بولسا، ھەرگىزمۇ ھاشدى شابىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلمىغان بولاتتى. تۆۋەندىكى رەسىم بولسا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ سۇۋەيدە رايونىدا ئامېرىكا قوللاۋاتقان ئۆكتىچىلەرنى قورشىۋالغان كۆرۈنۈش.

ئېنىقكى، ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتنى كۆتۈرۈپ چىقىشى پەقەتلا ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇپ، ئۆزگىرىشنى كۈتۈش ئۈچۈندۇر. ئەمىسە ئامېرىكا نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ بۇ دەيىر ئەززۇر – ئەلمەيەدىن – ئەلبۇكامال رايونلىرىدىكى ئۇرۇشقا بېرىپ چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە يولۋاس قىسىملىرى راققانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغاق رايونلىرىغا بولغان مۇھاسىرىنى تاماملاپ، كۈرد قوراللىقلىرىنىڭ جەنۇبقا ئىلگىرىلىشىنى توسىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇپ بولدى. ئۇلار ھازىر فىرات دەرياسىنى بويلاپ، دەيىر ئەززورغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئوتتۇرا قىسىمدا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى پالمىيرانىڭ شەرقى شىمال رايونىدىكى ئەسسۇخناھ شەھىرىنى ئىگەللەپ، ئوخشاشلا دەيىر ئەززۇرغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. جەنۇبتىكى رايونلاردا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ھاشدى شابىلار ماسلىشىپ، ئىراق – سۈرىيە چىگرىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەلبۇكامال رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بۇ ئۈچ يول خۇددى ئۈچ نەيزىدەك دائىشنىڭ يۈرىكىگە قادىلىدۇ.

دائىشنىڭ بۇ يۈرىكى ھەربىي يۈرەك ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈرەكتۇر. 6- ئاينىڭ 18- كۈنى راققادىن ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ چىققان 10000 غا يېقىن دائىش ئەسكەرلىرى ئەڭ ئاخىرىدا دەيىر ئەززۇر بىلەن ئەلبۇكامالنىڭ ئارىسىدىكى كىچىك شەھەر ئەلمەيەدىنگە ئورۇنلاشتى. ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن قارىغاندا، ئەلمەيەدىن شەھىرى مۇداپىئەگە ۋە ئەسكەر تولۇقلاشقا قولايلىق ئەمەس، ئەمما دائىش مۇشۇ يەرگە ئورۇنلىشىشنى تاللىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئەلمەيەدىن دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنى قوغداش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئەلبۇكامال رايونىدىكى نېفىتلىكلەرگە ئوخشاش، بۇ رايونمۇ ھازىر دائىشنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولۇپ قالدى. بۇ يەر ئىشغال قىلىنسا، دائىشنىڭ يوقۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ.

سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۈچ يول بىلەن ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئىچكى ئۇرۇش ئاياقلاشقاندا، ھۆكۈمەت دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇشنى باشلىغاندا دەسلەپكى سەرمايە دەيىر ئەززۇردىن ئەلبۇكامالغىچە بولغان رايونلاردىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن چىقىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ رايوندا 11000 مىڭغا يېقىن دائىش تېررورچىلىرى توپلاندى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دائىش ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20000 ئەتراپىدا. بۇنچىلىك كۆپ تېررورچىلارنى يوقىتىشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى چوڭ بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا دەسلەپ راققادا دائىش بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئەلمەيەدىنگە قېچىپ كېتىشىگە يول قويغان چاغدىلا پايدا – زىياننى ئوبدان بىلەتتى. چۈنكى بۇ رايون سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن دائىش مۇقەررەر تالىشىدىغان يەر ئىدى. كەلگۈسىدىكى قانلىق جەڭدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئامېرىكا ھازىر كۈردلەرنىڭ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى تىزگىنلەپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىلگىرىلىشىنى تاماشا قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كۈتۈۋاتقىنى ئۇلارنىڭ بوغۇشۇپ، قان بولۇشۇپ، ئىككىلا تەرەپنىڭ ھالىدىن كېتىشىدۇر. ۋاقتى كەلگەندە كۈردلەر جەنۇپقا چۈشۈپ، غەلىبە مېۋىسىنى ئاسانلا تارتىۋالالايدۇ. بۇ قىيىن ۋەزىيەتتىن قانداق بۆسۈپ چىقىش جۇڭگو – رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەت ئۆمىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇش سەۋىيەسىنى سىنايدىغان سىناقتۇر.

سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى ئىراق چىگرىسى ئىچىدىكى كەركۇكقا كېلەيلى. مەيلى كەركۇك – بانىياس تۇرۇبا لىنىيەسى بولسۇن ياكى موسۇل – خەيفا تۇرۇبا لىنىيەسى بولسۇن، ئۇلاردا ئاقىدىغان خام نېفىت يەنىلا كەركۇك نېفىتلىكىدىن چىقىدۇ. ھازىر بۇ نېفىتلىك كۈرد قوراللىقلىرىنىڭ قولىدا. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى كۈردلەر پۈتۈن كۈرد رايونلىرىدا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا گەرچە تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تالىشىشتا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، جۇڭگو – رۇسىيە بىرلىشىپ نېفىت دوللىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نېفىت چىقىدىغان مەنبەنى مەھكەم كونترول قىلدى. ئەمەلىيەتتە مەيلى سۈرىيە، تۈركىيە ياكى كۈردلەر بولسۇن، مەسىلىنىڭ يادروسى بۇ ئۈچىلىسىدە تۆت دېڭىزنىڭ ئارىسىدا بولۇش ئەۋزەللىكىنىڭ بولغانلىقىدا. يەنى پارس قولتۇقى، ئوتتۇرا دېڭىز، قارا دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىز ئەتراپلىرىدىكى نېفىت – گاز بايلىقلىرىنىڭ تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلۇشىدا ئۆتمىسە بولمايدىغان يوللار بولغانلىقىدا.

سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ھەلەپ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ۋەزىيەت سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. كېيىنچە ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيە – تۈركىيە ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بىلەن تۈركىيە قىلتاققا چۈشمىدى. جۇڭگو تۈركىيە لىراسىنى خەلق پۇلى بىلەن ئايرىۋاشلاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭگو – تۈركىيە پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنى جۇڭگو بانكىلار ئارا زايوم بازىرى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈركىيەنى پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن قوغداش كۈچەيتىلدى.

رۇسىيە تۈركىيەنى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ كونكرېت مەنپەئەت تەقسىماتىغا ئېلىپ كىردى. مەسىلەن، رۇسىيە قارا دېڭىزدىن تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان كۆك جىلغا تۇرۇبا لىنىيەسىنى قۇرۇشقا قوشۇلدى. سۈرىيەدىكى شىئە تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈركىيەنى شىئە تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ياۋروپاغا كېتىدىغان يەنە بىر چىقىش ئېغىزى قىلدى. بۇ ئاساستا تۈركىيە ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇشقا قاتنىشىدىغان، بۇ رايوننىڭ تەرتىپىنى ئورتاق ساقلايدىغان بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولغان قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئارمىيەلىرىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تۈركىيەگە مەدەت بەرگەنلىكتۇر. تۈركىيە قاتارغا ئەسكەر چىقىرىش ئارقىلىق سۈننىيلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئابرويىنى ئۆستۈرۈۋالدى. ئەمدى قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئىككى سۈننىيلەر دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو قوللىغان سۈننىيلەر دۆلىتى پاكىستانمۇ تۈركىيەنى قوللاپ، قاتارغا ئەسكەر چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تۈركىيەنىڭ سۈننىيلەرنىڭ ئىچىدىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈننىيلەرنىڭ ئىچىدىكى ئورنىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

جۇڭگو تۈركىيەگە شۇنچىۋالا ياخشىلىقلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئالماقنىڭ بەرمىكى بار دېگەندەك، تۈركىيەمۇ قاراپ تۇرمىدى. 8- ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ: ”جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر. تۈركىيە تۈركىيە چىگرىسى ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ“ دېدى. تۈركىيە يەنە ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ نى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئالدى بىلەن، ھازىر شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ چوڭ لاگىرى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۈركىيە چىگراسىغا يېقىن جىسىر شۇغۇردا بولۇپ، بۇ بازار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىدلىپ ئۆلكىسىنىڭ ئىچىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونىغا تەۋە. توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى دېگەنلىك تېررورچىلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يەنى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىقلار بىرلىشىپ، تېررورچى تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلسا بولىۋېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستانچىلار ئىش چىقىرىشقا پېتىنسا، تۈركىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىشىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشىگە دۇچ كېلىدۇ. ياۋاشلىق بىلەن پۇرسەت كۈتۈشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، تۈركىيە چىگرىسى ئىچىدە جۇڭگوغا زىيانلىق ئىشلارنى تەۋرىتەلمەيدۇ. تۈركىيە ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتىشنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ جۇڭگو چىگرىسىغا قايتىش يولىنى كېسىپ تاشلىغان بىلەن باراۋەر. شەرقىي تۈركىستانچىلار تۈركىيەنى پاناھ تارتىپ، يۆلەنچۈككە ئېرىشتۇق دەپ ئويلىغان. ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئاكىلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە سېتىۋېتىلدى.

ئىككىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن سېتىۋېتىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى پانتۈركىزىمنىڭ شەرققە كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. جۇڭگو – رۇسىيە يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سۈننىيلەرنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشىنى قوللىدى. تۈركىيەنىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىدىغان پانتۈركىزىم چۈشىدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلدى. چۈنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قالقىنى تۈركىيە تېشىپ ئۆتەلەيدىغان قالقان ئەمەس.

جۇڭگو – رۇسىيە بىرلىشىپ، سۈرىيە بىلەن تۈركىيەنى بىر تەرەپ قىپ بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۆت دېڭىز ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانلاردىن پەقەت كۈردلەرلا قالدى. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ كۈردلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرلىرىغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئۇ قەدەر پۇختىلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. كۈردىستاننىڭ نېفىت – تەبىئىي گاز ئېچىش ھوقۇقى ھازىر ئاساسەن ئىككى شىركەتنىڭ قولىدا. بىرسى Genel Energy شىركىتى. بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى پۇل – مۇئامىلە جەمەتىنىڭ ئەۋلادى بولغان Nathaniel Rothschild دۇر. باش مالىيە ئەمەلدارى ئىلگىرى Goldman Sachs نىڭ ئەنگلىيەدىكى مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ كەسپىي باشقۇرغۇچىسى بولغان. Genel Energy شىركىتى كۈردىستاندىكى ئۈچ مۇھىم رايوندا نېفىت – تەبىئىي گاز قىدىرىش، ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. يەنە بىر شىركەت بولسا، ئىراق خەلقئارا بايلىق شىركىتىدۇر. بۇ شىركەت كۈردلەر بىلەن ئىككى پارچە مەھسۇلات مىقتارىنى بۆلۈشۈش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، 40% ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۈچ ئاي ئىلگىرى، يەنى 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى بۇ ئىراق شىركىتى ئامېرىكا Crest مەبلەغ سېلىش شىركىتى تەرىپىدىن تولۇق سېتىۋېلىنىپ، خۇسۇسىيلاشتۇرۇلغان. خاتالاشمىدىڭىز، بۇ دەل ھېلىقى چىش پاستىسى ياسايدىغان شىركەت شۇ. دېمەك، كۈردىستاننىڭ نېفىت – گاز بايلىقلىرى ئاساسەن دېگۈدەك يەھۇدىي كاپىتالى تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىندى.

كۈردىستاننىڭ نېفىت – گاز بايلىقلىرىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەمدى كۈردلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ نۇقتىدا ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۈردلەر تارقالغان رايونلار مۇستەقىل بولۇپ چىقىپ كەتسە، شىئە تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ. شىئە تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىراندىن ئىراققىچە بولغان بۆلىكى دەل ئىراندىكى كۈردلەر ئۆلكىسى بىلەن ئىراق كۈردلىرى كونترول قىلغان سۇلايمانىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتىدۇ. شىمالدىكى كۈردلەر كونترول قىلغان رايونلار ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ نېفىتلىكىگە يېقىن بولۇپ بىۋاسىتە كاسپىي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە سوزۇلغان رايونلار كۈردلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا. يەنى بۈگۈنكى كۈرد رايونلىرى سۈرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان تۆت دېڭىز ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق ھازىرلىغان.

پىلانلار مۇكەممەل، لېكىن ئەمەلىيەتتە غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى پۇل – مۇئامىلە باش قېتىنچىلىقىغا چۈشۈپ قالدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغان چاغدا يۆلىگەندەك، كۈردلەرنى يۆلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاندىن قالسا، كۈردلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشى خەلقئارا قانۇنلارنى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە ب د ت نىزامنامىسىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكتۇر. خەلقئارانىڭ ئېتىراپىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، يەرلىك مىللەتنىڭ رېفېراندۇمى بىلەن مۇستەقىل بولۇش يەنىلا خەلقئارا قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ زېمىنىنى پارچىلاش بولىدۇ. بۇنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلالمايدۇ. چۈنكى كۈردلەرنىڭ دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش شوتلاندىيەنىڭ رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، كورسىكا ئارىلىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، كاتالونىيە رېفېراندۇمىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا كۈردلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، كۈرد رايونلىرى بىۋاسىتە تۈركىيە، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىران زىمىنلىرىنى پارچىلايدۇ. ئۇلار مۇقەررەر ھالدا بۇ تۆت دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ زەربە بېرىشىگە دۇچ كېلىدۇ. ھەمدە بۇ تۆت دۆلەت جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. كۈرد قوراللىقلىرى بۇ تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يېڭەلەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ۋە ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتلەر بولۇپ، دائىشنى كۆرۈپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن ئىراق كۈرد قوراللىقلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇش قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سۈرىيە كۈردلىرىنىڭ مەيدانى ئىراق كۈردلىرىنىڭكى بىلەن قارمۇ – قارشى بولۇپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇ پاتقاققا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. كۈرد رېفېراندۇمى مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا جەزمەن ب د ت دا تارتىشىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى ئالدىنقى شەرتى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش بولۇپ، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويمايدۇ. ئەڭ چوڭ ھازىرقى ھالەت بولسا مەۋجۇت دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدۇر. تۆت دۆلەت بىرلىشىپ كۈردلەرنى ئۇرغان چاغدا، جۇڭگو جەزمەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ. بۇ نېفىت دوللىرى قوزغىلىڭىنىڭ بىرىنچى پاي ئوقى بولىدۇ.

جۇڭگو – رۇسىيە ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، سۈرىيە غەرب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. شىئە تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئىران، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىراقلارنىڭ ئېنىرگىيە مەنپەئەتىنى بىر – بىرىگە چاتقىلى بولىدۇ. سۈننىيلەر دۆلىتى تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭمۇ ئارىغا قوشۇلۇشى بىلەن، كەلگۈسىدە بۇ ئىتتىپاق بارغانسېرى زورىيىدۇ. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ نېفىت – گاز بايلىقلىرىغا تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىپ، يەھۇدىي كاپىتال گۇرۇھلىرىنىڭ تالان – تاراج قىلىشىدىن ساقلىنالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز دۆلەت پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ياكى خەلق پۇلى بويىچە ھېسابات قىلىش شەكلى بىلەن جۇڭگودىن بىۋاسىتە لازىملىق ئەشيالارنى سېتىۋالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نېفىت دوللىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالايدۇ.

ھەربىي جەھەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توختىماي كېڭىيىپ، غەرب قوللىغان تېررورىزىم ۋە رەڭلىك ئىنقىلاپلارغا تاقابىل تۇرىدۇ. جۇڭگو رايوندىكى دۆلەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆزلىمەيدۇ. بەلكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇ جۇڭگو – رۇسىيە يېتەكچىلىك قىلغان ئېنىرگىيە ئىتتىپاقى لاگېرىدۇر. ئۇ ئامېرىكا ۋە يەھۇدىيلار مونوپول قىلغان دۇنياۋى سانائەت، ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل – مۇئامىلە سىستېمىسىغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. مانا بۇ نېفىت دوللىرى قوزغىلىڭىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى.

نېفىت دوللىرىدىن ئىبارەت بۇ شۈلۈۋېلىش قورالىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە باشچىلىقىدىكى ۋول – سىترىت پۇل – مۇئامىلە قاراقچىلىرىنىڭ كارامىتى ئاشكارا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى، ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇقىم رايونلار ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ. پۇل – مۇئامىلە قاراقچىلىرىنىڭ تالان – تاراج قىلالايدىغان يەرلىرىمۇ بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ. بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق – بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يادرولۇق رايونلىرىدۇر. بۇ رايونلار مۇقىم بولسا، ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى مۇقىم بولىدۇ، دۇنيا مۇقىم بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تەبىئىيلا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادالەت كۈچلىرىگە تايانچ بولىدۇ. پۇل ئۇرۇشىنىڭ ئىس – تۈتەكلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تېگىدە قانلار دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. غالىبلارنىڭ مەرتىۋە ھاسىسىدىكى قىزىل ياقۇت كۆزلەرنى قاماشتۇرسىمۇ، ئەمما تەختلەرنىڭ ئاستىدا تاغدەك دۆۋىلەنگەن جەسەت سۆڭەكلىرىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: https://weibo.com/ttarticle/p/show?id=2309404139124171915905

جاۋاب يېزىش