قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلمەكچى

خىتايدىكى قازاق ئاھالىسىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن ياۋروئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالموتىدىكى ياۋروئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رۇسلان تۇسۇپبەكوۋ ئالموتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى.

تۇسۇپبەكوۋ بۇ تەكلىپىگە دۇنيادا سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ”ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان ناھىيە ھېلىمۇ قازاقىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ دۆلىتىمىزدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى قويۇلغان بىردىنبىر رايوندۇر. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر خىتايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى لاۋۇلداپ يېنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇ تۇپراقلار رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەمىشە تالاش – تارتىشلىق مەسىلە بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇزۇن پاراڭلىشىش مۇمكىن. ئەمما بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، قازاقىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە بىتەرەپ تۇرۇشىدۇر“ دېدى.

رۇسلان تۇسۇپبەكوۋ بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايدىكى قازاق ئاھالىسىنى مەسىلە چىقمايدىغان قازاقىستانغا كۆچۈرۈش تەكلىپىنىمۇ بەردى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.islahhaber.net/kazakistan-daki-uygur-ilcesinin-ismi-degisiyor-161770.html

جاۋاب يېزىش