مىسىردىكى ئىخۋانلار كۈرەشلىرىنى يەنىلا تىنچ شەكىلدە داۋام قىلماقچى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان)، رابىئە ۋە ناخدا مەيدانلىرىدىكى نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قانلىق مۇداخىلىسى بىلەن باستۇرۇلغانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا، يەنىلا تىنچلىق كۈرىشىدە چىڭ تۇرۇش ئۇچۇرى بەردى.

ھېلىمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىخۋان رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد بادىينىڭ ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەھمۇد ئىززەت ئىلان قىلغان ئۇچۇرىدا ”ئىخۋاننىڭ قارشىلىقى ۋە تىنچ كۈرىشى ئۇنى زورلۇق كۈچىگە ئېغىپ كېتىشتىن ۋە ئۈمىدسىزلىككە چۆكۈشتىن قوغداپ قالدى“ دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

رابىئەنىڭ ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىززەت، نامايىشلار قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلغان 14- ئاۋغۇستنى خاتىرىلەشكە چاقىرىق قىلدى.

رابىئە قاتلىئامى

مىليونلارچە كىشى مىسىردا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يولى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان پرېزىدېنت مورسىنى قوللاش مەقسىتىدە ناخدا ۋە رابىئە مەيدانلىرىغا ئاققان ئىدى. مىليونلارچە نامايىشچىلارنىڭ 48 كۈن داۋاملاشقان تىنچلىق شەكلىدىكى پائالىيەتلىرى 2013- يىلى 14- ئاۋغۇستتا بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) نىڭ رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قەتلىئاملاردا 2600 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن، 7000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.islahhaber.net/ihvan-dan-rabia-katliaminin-4-uncu-yilinda–mucadeleye-devam–mesaji-161726.html

جاۋاب يېزىش