تۈركىيە ئىدلىب ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

دائىشنى باھانە قىلىپ سۈرىيەنىڭ شىمالىنى PKK غا ئېلىپ بەرگەن ئامېرىكا، ئەمدىلىكتە ئەلقائىدە يالغانلىرى بىلەن ئىدلىبنى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئافرىنغا تۇتۇش قىلىش تەييارلىقلىرى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بوپ قالغان PKK نى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئۈچ ئايدىن بۇيان 1100 دىن كۆپ يۈك ئاپتوموبىلىدا ئوق – دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن بەش بۈرجەكلىك بىنا، PKK نىڭ ئىشغالىدىكى ئافرىننىڭ جەنۇبتىكى قوشنىسى ئىدلىبقا ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەينەل ئەرەب، تەل ئابياد ۋە رىمەيلاندا قۇرغان بازىلاردىن پات – پات ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئىدلىب رايونىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار تەپسىلىي ئاخبارات توپلاۋاتىدۇ. ئىدلىب، سەرمەدە، ھارىم، سالكىن ۋە جىسىرى شۇغۇر قاتارلىق يەرلەردە ئۈزلۈكسىز چارلاۋاتقان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى، 24 سائەت خاتىرە قالدۇرۇپ، ”ئەلقائىدە“ باھانىسى بىلەن ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ ئاخىرقى شەكىللىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ”ئورتاق ھەرىكەت قىسىملىرى“ رامكىسىدا 2014- يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر مۇناسىۋەت ئورناتقان ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ بەزى ۋەكىللىرىنى ئىنجىرلىككە چاقىردى. بىۋاسىتە CIA گە باغلىنىشلىق بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدلىبتە تۈركىيە قوللىشىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى بايقالدى.

چانكايادا جىددىي يىغىن

ئەنقەرە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى دائىش باھانىسى بىلەن PKK غا ئېلىپ بەرگەن بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ يېڭى ئويۇنلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە. تۈرك قوراللىق كۈچلىرى ئافرىننىڭ شەرقىدىكى فىرات قالقىنى رايونىغا ئۈزلۈكسىز كۈچ توپلىغاچ، ئافرىننىڭ جەنۇبىدىكى ئىدلىبتە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە چېتىشلىق گۇرۇھلارغا ياردەم بېرىشنى تېزلەشتۈردى. ئامېرىكىنىڭ PKK غا، تۈركىيەنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە قورال ياردىمى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئالدىنقى كۈنى چانكايا سارىيىدا بەك مۇھىم بىر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. باشباكان بىنالى يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى يىغىنغا جۇمھۇرباشكانلىق باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، باش شتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئىستىخبارات باشلىقى ھاكان فىدان ۋە نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشتى. ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يىغىندا ئامېرىكا ئىدلىبنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئاۋال بومباردىمان، ئاندىن ئىشغال

ئامېرىكا مەركەزلىك PKK كارىدورى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇش ياكى بولماسلىقتىن دېرەك بېرىدىغان ئافرىن – ئىدلىب لىنىيەسى پورۇخ تۇڭىغا ئايلاندى. تۈرك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ئالاقزادە بولغان بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ بىر قارارغا كەلگەنلىكى ۋە ئىدلىب مەركىزى بىلەن ئەتراپىنى 15-20 كۈن قاتتىق بومباردىمان قىلىدىغانلىقى ئېنىقلاشتى. ئىدلىب رايونىدىكى يەتتە چوڭ ئولتۇراق مەركەزلىرىدە مۇساپىر سۈپىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ياغىدىغان بومبىلارنىڭ ئارقىسىدىن PKK/PYD بۇ قېتىم ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. مۇنبىج، تەل ئابياد ۋە ئاخىرىدا راققادا دائىش باھانىسى بىلەن ئامېرىكىدىن ئالغان توننا – توننا قوراللارنى ئىدلىبقا توغرىلىماقچى بولغان PKK ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.

ئارقا سەپ تەمىناتى ئەسەدنىڭ رايونىدىن ئۆتىدۇ

ئافرىندىن ئىدلىبقا گۇرۇپپا – گۇرۇپپا PKK چىلارنى ئەۋەتمەكچى بولغان بەش بۈرجەكلىك بىنا، شەرقتە فىرات قالقىنى سەۋەبىدىن كېسىلگەن تەمىنلەش لىنىيەسى ئۈچۈن باشقا چارە تاپتى. ئامېرىكىلىقلار ئىدلىبتە قىرغىنچىلىق قىلماقچى بولغان PKK/PYD چىلەرنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئەسەدنىڭ قولىدىكى رايونلاردىن قۇرۇقلۇق يولى بىلەن يەتكۈزمەكچى. كەفىر جەننە ۋە بۇلبۇل رايونلىرىغا ئېلىپ كېلىنىدىغان ئوق – دورىلار بۇ يەردىن PKK چىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. ھاسەكەدىكى رىمەيلان بازىسى بىلەن ئەربىلدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىمۇ بۇ جەرياندا ھەربىي ياردەم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. PKK غا يەتكۈزۈلىدىغان نەرسىلەرنى ئازەزنىڭ ئىككى كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە بىر يېرىم يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلىنغان مىنناگ ئايرودرومىدىن ئەۋەتىشنىمۇ ئويلاشقان ۋاشىنگتون، مەزكۇر رايوننىڭ تۈركىيە چىگرىسىغا پەقەت يەتتە كىلومېتىرلا يىراقلىقتا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ پىلاندىن ۋاز كەچتى.

كۇنۇپكىنى ئاۋال كىم باسىدۇ؟

بىر تەرەپتىن رايوندىكى ۋاكالەتچىلىرىنىڭ قولى بىلەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، ”ئۇ يەردە ئەلقائىدە بار“ دېگەن باھانىنى ئويدۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاستانە سۆھبىتىنى سۇغا چىلاشتۇرماقچى بولغان ۋە ئاخىرىدا ئىدلىبنى ئىشغال قىلىپ، PKK/PYD نىڭ قولى بىلەن تېررور كارىدورى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئامېرىكىغا قارشى تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تۈرك ئارمىيىسىنىڭ ھەم ئىدلىب، ھەم ئافرىنغا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە چوڭ بىر ھەرىكەت باشلاپ، كونتروللۇقنى تامامەن قولغا كىرگۈزۈشى لازىم بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىمىغان تەقدىردە، ئامېرىكا لىۋان چىگرىسىدىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن، ئۇندىن باشقا شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىدىغان سىنارەدلەر بىلەن ئىدلىب رايونىنى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇرىدۇ. ئەنقەرەنىڭ ئىشغالچىلاردىن ئاۋال كۇنۇپكىنى بېسىش – باسماسلىقى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېنىق بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/ortadogu/haber/2398900-turkiye-elini-cabuk-tutsun

جاۋاب يېزىش