چۆل ئاستىدىكى تۈرك مۆجىزىسى – كارىز

مانا بۇ 2200 يىل ئىلگىرى تۈركلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر ئېنژىنېرلىق مۆجىزىسى.

كارىز قاناللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇرپان رايونىدا بەرپا قىلىنغان يەر ئاستى سۇ تەمىنلەش سىستېمىسىدۇر.

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى.

ئورنى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغان تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى تۇرپان شەھىرى سۇ مەنبەسى بولمىغان ۋە ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق بىر رايونغا جايلاشقان.

رايوندىكى سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن، 2200 يىل ئىلگىرى تەڭرى تاغلىرىدىن تۇرپانغا قارىتىپ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى 5272 كىلومېتىرلىق يەر ئاستى سۇ قاناللىرى بەرپا قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ رايون جەننەتنى ئەسلىتىدىغان مەنزىرىلەرگە ئىگە بولغان.

كارىز قاناللىرى تەڭرى تاغلىرىدىن يىغىلغان سۇلارنى 60 كىلومېتىرلىق چۆلنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۇرپاندىكى ئولتۇراق يەرلەرگە توشۇيدۇ.

جۇڭگولۇقلار بۇ قاناللارنى دۆلىتىدىكى ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىۋاتىدۇ.

بۇ قاناللار بۇندىن 2200 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر تۈركلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان.

قاناللارنىڭ چوڭقۇرلۇقى 110 مېتىردىن باشلىنىدۇ. بۇ قاناللار چۆلنىڭ ئاستىدا توردەك تۇتاشتۇرۇلغان.

تارىختا قۇدۇق يولى دەپ ئاتالغان كارىز قاناللىرى، يەرلىك كىشىلەرنىڭ تەڭرى تاغلىرىدا ئېرىگەن قار سۇلىرىنىڭ يەر ئاستىغا سىڭىشىدىن پەيدا بولغان سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان بىر سۇغىرىش ئىنشائاتىدۇر.

ئارىلىق تاشلاپ ئېچىلغان قۇدۇقلارنىڭ ياردىمى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى سۇغۇرۇلىدۇ. تەڭرى تاغلىرى بىلەن تۇرپان ئارىسىدىكى رايون چۆل بولغاچقا، سۇنىڭ زىيادە ئىسسىقتا پارلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كارىز سۇ قاناللىرى يەر ئاستىدا بەرپا قىلىنغان.

تۇرپاننىڭ سۇ ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە ئوتتۇزى ھېلىھەم بۇ يەر ئاستى كارىز قاناللىرىدىن تەمىنلىنىدۇ.

كارىز قاناللىرىغا جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ”يەر ئاستىدىكى بۈيۈك قانال“ دەپ نام بېرىلگەن.

كارىز قاناللىرىنىڭ تارىخىنى ۋە ھازىرقى ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە، بۇ رايوننى زىيارەت قىلغانلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

كارىز قاناللىرى مۇزىيىدىكى يەر ئاستى سۇ قاناللىرىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلى ئىنسان بالىلىرىنىڭ تەبىئىي شارائىتلارغا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

تەڭرى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ئەسىرلەر بويى رايون خەلقىگە خىزمەت قىلغان بۇ يەر ئاستى قاناللار ئوتتۇرىچە 1.5 مېتىر ئېگىزلىكتە، 60~70 سانتىمېتىر كەڭلىكتە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كۈنىگە 858 كۇپمېتىر سۇ يەتكۈزىدۇ. ۋاھالەنكى بۈگۈن بۇ مىقتارلار ئۈچتە بىر نىسبەتتە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

2200 يىللار ئىلگىرى پەقەتلا ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كارىز قاناللىرى، 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇرغاق تۇرپان رايونىنى بەرىكەتلىك بوستانلىق ھالىتىگە كەلتۈرگەن.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/foto-galeri/48421-colun-altinda-turk-mucizesi/p1

جاۋاب يېزىش