تەھرىرۇششام ئىدلىبنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا

سۈرىيەلىك ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان تەھرىرۇششام ھاكىمىيىتى ئىدلىبنى توك، سۇدىن تارتىپ، باغچە، مەكتەپ ۋە يول قۇرۇلۇشلىرىغا قەدەر باشتىن – ئاياغ يېڭىلىماقتا.

سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانىدا باشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرلەشكەن ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇھ – تەھرىرۇششام ئىدلىبتىكى پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈردى. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاق ئالاھىدە ئەلچىسى Brett McGurk سۈرىيەدىكى ئەلقائىدە بازىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، راققا ۋە موسۇلغا ئوخشاش ۋەيران قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدلىبنىڭ رايون ئىچى كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.

تەھرىرۇششام باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يەرلىك پۇقرالارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن شەھەر – بازارلاردا يېڭى يوللار ياسىلىپ، ئەسلىدە بار بولغان يوللارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇش داۋام قىلماقتا.

شەھەر – بازارلاردىكى توك تارقىتىلمىغان، بومباردىماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىستولبىلار رېمونت قىلىنىپ، توك تارقىتىلىشقا باشلىدى.

ئىدلىب رايونىدىكى مەكتەپلەر باشتىن – ئاياغ تازىلىنىپ، رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ ۋە ئوقۇتۇشقا ھازىرلىنىۋاتىدۇ.

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بومباردىمان سەۋەبى بىلەن ئاقساپ قالغان دەرسلەر تېزلىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تەكرار قىلىشقا تەشكىللىنىۋاتىدۇ.

شەھەر ئىچىدىكى يېشىللىقلار سۇغىرىلىپ، باغچە ۋە گۈللۈكلەر قايتىدىن تۈزەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. كىشىلەر راھەت سەيلى قىلالايدىغان ئاممىۋى مەيدانلار قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ئىدلىبتە بومباردىمانلارنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن، تەھرىرۇششام ساراقىب رايونىدىكى تېرىقچىلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. بۇ رايوندا ئېتىزلارنىڭ سۇغىرىلىشى، تېرىلىشى ھەققىدە باشلانغان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قامداش ئۈچۈن كۆكتات ۋە مېۋە – چىۋە ئۆستۈرۈش باشلاندى.

دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن تەھرىرۇششام تۇرۇبا يوللىرى ئارقىلىق سۇغىرىش قاناللىرىنى ئېچىپ، ئېتىزلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا لايىق ھالەتكە كەلتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.islahhaber.net/abd-nin-terorist-dedigi-tahrirus-sam-idlib-i-gelistirmeye-devam-ediyor-161566.html

جاۋاب يېزىش