ئۆزبېكىستاندا مۇسۇلمانلار قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلىۋاتىدۇ

ئىسلام كەرىموۋنىڭ 27 يىللىق دىكتاتور ھاكىمىيىتىدە بەزى مۇسۇلمانلار رادىكال گۇرۇھلارغا ئەزا بولۇش بىلەن قارىلىنىپ، قارا تىزىملىككە ئېلىناتتى. بۇ مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىلىپ، ياشاۋاتقان مەھەللىلىرىدىن ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن قوغلىناتتى.

كەرىموۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن شەۋكەت مىرزىيايېۋ بۇ قارا تىزىملىكنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەھەللە باشقارمىلىرى، بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە پۇقرالار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەخسۇس گۇرۇپپىلار قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى قارا تىزىملىككە ئېلىنغان مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.

بۇ سۆھبەتلەردە كىشىلەرگە تۈرلۈك گۇرۇھلارغا ئەزا بولۇشنىڭ زىيانلىرى چۈشەندۈرۈلۈپ، ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئەگىشىشكە نەسىھەت قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ باسقۇچتىن كېيىن، گۇناسىز پۇقرالار سۈپىتىدە ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ.

ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر بۇ دۆلەتتە 11 مىڭ مۇسۇلمان قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزبېكىستاننىڭ مەشھۇر ئاخباراتچىلىرىدىن خەيرۇللاھ ھامىدوۋمۇ بار.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.islahhaber.net/ozbekistan-da-muslumanlar–kara–listeden-cikartiliyor-161621.html

جاۋاب يېزىش