دائىش ئافغانىستان جىھادىنى پالتىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتامدۇ؟

دائىش ئالدىنقى كۈنلەردە ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھىرىدىكى بىر شىئەلەر پاناھلىنىش ئورنىغا بومبا ھۇجۇمى ئۇيۇشتۇرۇپ، 50 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ھۇجۇم يىللاردىن بۇيان ناتو، ئامېرىكا ۋە ئۇلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان تالىبان ھەرىكىتىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دائىشنىڭ ئافغانىستاندىكى مەسجىد ھۇجۇمىنى ئۈستىگە ئالغان باياناتى:

تالىبان باياناتىنى يېڭىلاپ، پۇقرالار رايونلىرىدا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوللىمايدىغانلىقىنى، مەقسەت ۋە غايىلىرىنىڭ پەقەت چەتئەللىك ۋە يەرلىك ئىشغالچىلارنى بۇ دۆلەتتىن قوغلىۋېتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا بايان قىلدى.

دائىشنىڭ پۇقرالار رايونلىرىنى نىشانغا ئېلىپ قىلغان ھۇجۇملىرى، بولۇپمۇ شىئە پۇقرالار يەرلەشكەن رايونلاردا پارتلاتقان بومبىلىرى كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە ”دائىش شىئەلەرنىمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئىچىگە تارتىپ كىرمەكچىمۇ“ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا  قىلىۋاتىدۇ.

ئافغانىستاندا تالىبان يىللاردىن بۇيان سەپلەرنىڭ ئايرىلىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئېنىقلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، ئەتراپنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان دائىش، قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن تالىباننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

16 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەتچى كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن دۆلەتنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە خەلق تەرىپىدىنمۇ ئالقىشلانغان تالىبان ھەرىكىتى پايتەخت كابۇلنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالاي دېگەندە، بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدە كۈرەش قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئۇرۇشلىرىنىڭ پەقەتلا ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە تىرىشماقتا.

دائىش تەرىپىدىن پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىدا پارتلىتىلغان بومبىلار دۇنيادىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن قىزىق خەۋەرلەرگە تېما بولۇۋاتقاندا، ھۇجۇمنى ئۇيۇشتۇرغانلارنىڭ ئۇچۇرى بېرىلمىگەندە، ئافغانىستان دېيىلسىلا ئەقىللەرگە تالىباننىڭ كېلىشى تالىبان ھەرىكىتىگە بولۇشىچە قارا سۈركەيدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

ئافغانىستاندا مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ گۇمران بولۇشى 2017- يىلىدا تېخىمۇ تېزلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دائىشنىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن بىردىنلا سەھنىگە چىقىشىنىڭ يىللاردىن بۇيان بەدەل تۆلىنىۋاتقان ئافغانىستان جىھادىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتىدۇ. دائىش بىلەن تالىبان ئافغانىستاننىڭ نانگارھار رايونىدا پات – پات تۇتۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.islahhaber.net/isid-afganistan-cihadini-baltalamayami-calisiyor–161544.html

جاۋاب يېزىش