ئاتاتۈرك ئايرودرومى تاقىلىدىغان بولدى

ئىستانبۇلدا ئۈچىنچى ئايرودروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاتاتۈرك ئايرودرومىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قىزىقىش تېمىسى ئىدى. CNNTürk تە سۆز قىلغان قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلەشمە مىنىستىرى ئاھمەت ئارسلان: ”سابىھا گۆكچەن ئايرودرومى خىزمىتىنى داۋام قىلىدۇ، ئەمما ئاتاتۈرك ئايرودرومى خىزمەتتىن توختايدۇ“ دېدى.

ئاھمەت ئارسلان، ”ئۈچىنچى ئايرودروم قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئاتاتۈرك ئايرودرومى نېمە بولىدۇ؟“ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئاتاتۈرك ئايرودرومى بىلەن ئۈچىنچى ئايرودروم ئوخشاش ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئىشلىتىدۇ. يەنى ئۈچىنچى ئايرودروم پۈتكەندە ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ھاجەت قالمايدۇ. ئەمما بۇ يەر ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئېچىۋېتىلمەيدۇ. خەلقئارالىق بىر كۆرگەزمە مەيدانى قۇرۇلىدۇ. دۇنيا بىلەن رىقابەتكە چۈشەلەيدىغان بىر كۆرگەزمە مەركىزى بولىدۇ. مال سېتىۋېلىش مەركىزى ياكى ئولتۇراق رايون بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئاتاتۈرك ئايرودرومى شەھەر مەركىزىدە قالغان بەك چوڭ بىر مەيدان. شۇڭا كۆرگەزمە مەيدانىنىڭ يانلىرىغا يېشىل مەيدانلارمۇ بەرپا قىلىنىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://emlak.haber7.com/emlak/haber/2395134-ataturk-havalimani-hakkinda-karar-verildi

جاۋاب يېزىش