ئامېرىكىدىن سىگنال: تەھرىرۇششام بىلەن ئۇرۇشىمىز

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى Michael Ratney، تۈركىيە چىگرىسى بويىدىكى ئۆكتىچىلەر رايونىدا كونتروللۇق ئەلنۇسراچىلارغا ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردە ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى Michael Ratney، سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چىگرىسى بويىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئانا گەۋدىسى ئىلگىرىكى ئەلنۇسرادىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە تەشكىلات – تەھرىرۇششامنىڭ غەلىبە قىلىشى سۈرىيەنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن زور تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Ratney چارشەنبە كۈنى كەچتە ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان مەكتۇبىدا ”سۈرىيەنىڭ شىمالى تارىخىدىكى ئەڭ زور تراگېدىيەلەردىن بىرسىگە سەھنە بولغىلىۋاتىدۇ. ئىدلىبتا ئەلنۇسرا جەبھەسى ھاكىمىيەت قۇرغان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ زۆرۈر ھەربىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالماسلىق توغرىسىدا خەلقئارالىق كۈچلەرنى قايىل قىلىشى تەسلىشىدۇ“ دېدى.

تەخمىنەن ئىككى مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىدلىب، شۇ تاپتا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ قولىغا تولۇق ئۆتكەن بىردىنبىر ۋىلايەت. بۇ سەۋەبتىن ھەم سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى، ھەم رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋىلايەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان گۇرۇھلار ئارىسىدا بولۇۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتىدۇ.

Ratney ”ئىدلىبتە ئوتتۇرىغا چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەر جاۋابكارىنىڭ (تەھرىرۇششامنىڭ لىدىرى ئەبۇ مۇھەممەد ئەل) جولانى ۋە ئۇنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىشى كېرەك“ دېدى.

ئالاھىدە ۋەكىل Michael Ratney، ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يوشۇرۇن سۆھبەتلەرنى يۈرۈشتۈرگەن شەخس سۈپىتىدە تونۇلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇرۇش توختىتىش، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئالغان تۈنجى كونكرېت قەدەم دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

ئىسمىنى ئۆزگەرتسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكىنىڭ نىشانىدا بولىدۇ

Ratney، ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئەلنۇسرا جەبھەسى بىلەن چېتىشلىق بارلىق مۇجاھىدلارنىڭ ئەلقائىدەنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتكەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ نىشانىدا قالىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016- يىلىدا ئەلقائىدەدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىسمىنى ”جەبھەتۇ فەتھۇششام“ غا ئۆزگەرتكەن ئەلنۇسرا جەبھەسى ئاخىرقى مەزگىللەردە باشقا جىھادچى گۇرۇھلار بىلەن بىرلىكتە ”ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام“ نامىدا بىرلەشمە تەشكىلات قۇردى.

ئەلنۇسرا نۆۋەتتە ب د ت، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە تۈركىيەلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا.

ئەھرارۇششام بىلەن ئەلنۇسرا جەبھەسى 2015- يىلى ئىدلىبنى ئالغان بىرلەشمە تەشكىلات – جەيشۇلفەتىھ ئىچىدە تەڭ ئورۇن ئالغان ۋە بۇ ۋىلايەت ئوخشىمىغان گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئورتاق باشقۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى.

ۋاھالەنكى، بۇ ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپەيدى ۋە ئاخىرىدا 7- ئايدىن تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك توقۇنۇشلار باشلاندى. ئەھرارۇششام بولسا ب د ت، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەلەرنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدە يوق.

ئەھرارۇششام ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى رامكىسى ئاستىدىكى گۇرۇھلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى، تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئاخىرقى مەزگىللەردە ئۆزىنى خەلقئارالىق جەمئىيەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش يولىدىكى غەيرەتلىرى بىلەن ئەلنۇسرا جەبھەسىدىن ئۆزىنى ئاجرىتىشقا تىرىشقانىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/ortadogu/haber/2392902-abdden-sert-cikis-savas-cikarir

جاۋاب يېزىش