لائىكلەردە ۋەھىمە: تۈركىيەگە شەرىئەت كېلىۋاتىدۇ

”سۆسۈن ئۆگزە ئاياللار پاناھگاھى ۋەقپى“ نىڭ قۇرغۇچىسى، ”ئىستانبۇل ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى ئاياللار ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەركىزى“ نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، ئادۋوكات جانان ئارىن CNN Türk تە قاتناشقان بىر نەق مەيدان پروگراممىسىدا، مۇپتىلارغا بېرىلىشى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان نىكاھ قىلىش ھوقۇقى ھەققىدە ئەقىلگە سىغماس گەپلەرنى قىلدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ”لائىكلىك قولدىن كېتىۋاتىدۇ“ دېگەندەك سەپسەتىلىرى بىلەن جامائەت پىكرىنى مەشغۇل قىلغان ئەقىدىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان جانان ئارىن، مۇپتىلارغا مەدەنىي قانۇن دائىرىسىدە بېرىلگەن ھوقۇقنى شەرمەندە ئىپادىلەر بىلەن تەنقىد قىلدى:

شەرىئەتنى يولغا قويىدۇ

”ئاك پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى شەرىئەتنى يولغا قويۇش، تاييىپ ئەردوغان تېخى بۇ يەرلەرگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئوچۇقتىن ئوچۇق ”دېموكراتىيە بىر پويىزدۇر، لازىم بولغاندا چىقىمىز، ئىشىمىز پۈتكەندە چۈشۈۋالىمىز″ دېگەن. بۇ يەردىكى مەقسەت شەرىئەتنى يولغا قويۇش، لائىكلىكنى تامامەن يوق قىلىش، بىردىن ئارتۇق قانۇن سىستېمىسىنى يولغا قويۇش.“

ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرى قولدىن كېتىۋاتىدۇ

”ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇۋاتقىنى شۇكى، لائىكلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرى قولدىن كېتىدۇ. بۇلار پۈتۈنلەي دىنىي قانۇننى يولغا قويىدۇ. مۇپتى دېگىنى دىن ئادىمىدۇر. نېمە ئىشى بار ئۇنىڭ مەدەنىي نىكاھتا؟“

HDP ۋەكىلى بىلەن دوست تارتىشتى

”ئۆيلەردە تۇغۇش مەسىلىسى بەك قورقۇنچلۇق. ھۆرمەتلىك مەرال دانىشنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلىمەن. بۇلار بالدۇر توي قىلىشنى يولغا قويىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى دىنىي نىكاھ بىلەن قىلىدۇ.“

قىزلار ئوقۇمايۋېتىپتۇمىش

”بۇ ئەسلىدىلا بىر يۈرۈش پىلان ئىدى. ئاۋال رەسمىي نىكاھ بولماي تۇرۇپ قىلىنغان دىنىي نىكاھنى جىنايەت دەپ ھېسابلايدىغان جازا قانۇنى ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاندىن كېيىن مائارىپنى 4+4+4 قىلىپ، بۆلۈنمەس 12 نى ئۈچكە بۆلدى. بۇ سەۋەبتىن باشلانغۇچتا تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، قىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردىن چېكىندى ۋە توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.“

جانان ئارىن ئاخىرىدا ”تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەيدىغان بىر نەرسە قالمايۋاتىدۇ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ…“ دېدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/guncel/haber/2388795-canli-yayinda-skandal-ifadeler-seriat-geliyor