ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلدى

تالىبان باياناتچىسى زەبىبۇللاھ مۇجاھىدنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن پايتەخت كابۇلنىڭ شىمالىدىكى پارۋان ۋىلايىتىگە جايلاشقان باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەتراپىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەۋە بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى تالىبان تەرىپىدىن قارىغا ئېلىنىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

باياناتنىڭ داۋامىدا، قارىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان ئۇرۇش ئايروپىلانىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تالىبان باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ۋەقە ئافغانىستان ۋاقتى 14:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ شىمالىدىكى پارۋان ۋىلايىتىگە جايلاشقان باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ بازىسى ھېسابلىنىدۇ. تالىباننىڭ بۇ بازىغا قارىتا پات – پات سىنارەد ھۇجۇمى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/asya/haber/2384602-acikladilar-abd-ucagi-dusuruldu