دائىشقا قېتىلغان نېمىس قىزى قولغا چۈشتى

16 يېشىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائىشقا قېتىلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن سۈرىيەگە كەتكەن ۋە ئالدىنقى كۈنى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھرىدە قولغا چۈشكەن نېمىس قىزى Linda Wenzel نىڭ قولغا چۈشكەن پەيتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
Wenzel نى تېپىۋالغان ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئۇ پەيتلەرنى ئاڭلاتتى.
گېرمانىيەنىڭ Bild گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇھەممەد شۇراف ئىسمى بىلەن سۆز قىلغان ئىراقلىق ئەسكەر، Wenzel نى دەسلەپتە كۆرگەندە دائىش جىنسىي قۇل قىلىۋالغان يەزىدى ئاياللىرىنىڭ بىرىمىكى دەپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
”سەل ئىلگىرى بىز ئوت ئاچقان خارابە بىر ئۆيگە كىردۇق. ئىچكىرىدىن بىرلىرىنىڭ ياردەم چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە قولى يارىلانغان ھالدا يەردە ياتقان بۇ قىزنى كۆردۇق“ دەپ سۆزلىگەن شۇراف Wenzel نىڭ دائىش ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

شۇراف ئۇ پەيتلەرنى مۇنداق چۈشەندۈردى: ”كوماندىرىمىز كەلگەنگە قەدەر ھەممىمىز بەك خۇشال ئىدۇق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى رەسىمگە تارتقۇزۇۋاتاتتۇق. ئەمما كوماندىر قىزنى سوراق قىلىشقا باشلىغاندا، بەزى ئىشلارنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. ئۇنىڭدىن باشقا دائىش ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى سورىغىنىمىزدا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. قىزنىڭ كۈرتچە سۆزلىيەلمىگەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ دائىش ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىدۇق. كوماندىرلىرىمىزدىن بىرسى ئاز بولسىمۇ نېمىسچە بىلەتتى ۋە قىز ئۇنىڭ نېمىسچە گەپلىرىگە شۇ ھامانلا ئىنكاس قايتۇردى“.
Linda Wenzel شۇ تاپتا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كىملىكىنى شۈبھە قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنىقلىشىنى ساقلاۋاتىدۇ.
مۇسۇلدا قولغا چۈشكەن دائىش ئەسكەرلىرى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىغا جايلاشقان بىر ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق
مەنبە: http://www.cnnturk.com/dunya/irakli-askerler-o-anlari-anlatti-kurtce-konusamadigini-gorunce