يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا چىن كونسۇلىدىن پاسپورت بىجىرىش

‎يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا چىن كونسۇلىدىن پاسپورت بىجىرىش تەرتىپلىرى

‎كىرەكلىك ماتىرياللار:

‎1. بالىنىڭ دوختۇرخانىدىن بەرگەن تۇغۇلۇش ئىسپاتى ۋە تۇرۇشلۇق رايۇندىكى قايماقلىقنىڭ چىقرىپ بەرگەن، بالىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ ئىسپات قەغىزى.

‎2. ئاتا ئانىسىنىڭ پاسپۇرت، توي خېتى، نۇپۇس دەپتەر ،كىملىك، چىگرادىن كىرگەن ۋاقتى بېسىلغان تامغا(پاسپۇرىتنىڭ ئىچىدە بار، شۇنى كۆپەيتىپ)، ۋىزا، ئىقامەت .

‎3. تۇرۇشلۇق ئوينىڭ ئىجارە توختامى( كىرا سۆزلەشمىسى) نىڭ نوتەر قىلىنغىنى.

‎ئىزاھات: يوقارقى نەرسىلەرنى كۆپەيتىپ ۋە ئەسلىسى بىلەن بىللە ئېلىپ بارىسىز. بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ئاي ئىچىدە بېجىرىش لازىم .

‎يۇقارقى نەرسىلەرنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن چىن كونسۇلىغا ئەتىگەنراق بېرىپ ئوچىرەت ئېلىپ قۇيۇيسىز،ئادەتتە ھەر ھەپتىنىڭ بىر،ئۈچ،بەشىنچى كۈنلىرى ئەتىگەن 9:30—12:30 غىچە ۋاقىتتا ئىشلەيدۇ، باشقا ۋاقىتتا بېرىپ ئاۋارە بۇلۇپ يۇرمەڭ.

‎ئوچرەتنى ئېلىپ بۇلۇپ، ئىشىكنى ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا شۇ ئەتراپتىكى مەخسۇس كونسۇل ئۇچۇن رەسىم تارتىپ بېرىدىغان دۇكانغا بېرىپ بوۋاقنى رەسىمگە تارتىپ كېلىڭ، ئۇلار قانداق تارتىشنى بىلىدۇ، ئاتا ئانىسى ئىككىلىسى بۇلىشى شەرت. باھاسى 20 لىرا. ( رەسىمگە چۇشمەي كونسۇلخانىغا كىرسىڭىز يەنە رەسىمگە چۇشۇش ئۇچۇن چىقىسىز، قايتا كىرىمەن دىسىڭىز يەنە قايتىدىن نومۇر ئالىسىز . ئۇنىڭغىچە سان تۇشۇپ قالسا كىرەلمەي باشقا كۈنى قايتا بېرىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ، شۇڭا باشتا رەسىمگە چۇشۇپ كېرىڭ).

‎رەسىمنى ئېلىپ ئۆچرىتىڭىز كەلگەندە كونسۇلغا كىرىپ نىمە ئىش ئۇچۇن كەلگەنلىكىڭىزنى دېسىڭىز شۇنىڭغا قارىتا ئانكىت بىرىدۇ. شۇ يەردە ئانكىتنى تولدۇرۇپ، ماتىرياللارنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قولىڭىزغا بىر پارچە ئۇقتۇرۇش بىرىدۇ، تەخمىنەن ئىككى ياكى ئۈچ ھەپتىلەردىن كىيىن يەنە بېرىپ پاسپورىتنى ئېلىپ كەلسىڭىز بولىدۇ.

‎ئەسكەرتىش: ۋەتەندىكى توققانلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇچۇن سىزدىن ئىككى ئادەمنىڭ تېلغۇن نومۇرىنى سورايدۇ، تىلغۇن نومۇرىنى دەپ بىرىسىز.
‎رەسمىيەت ھەققى 35$

‎چىن كونسۇلنىڭ ئىستانبۇلدىكى توربەت ئادرىسى:

http://istanbul.chineseconsulate.org/tur

‎ئادرېسى: Sarıyer/İstanbul : Tarabya, Çoban Çeşme Sk. No:4, 34457

‎گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى:

چىن كونسۇلى 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ پاسپورت بىجىرىش ، تۇلۇقلاش ، ئۇزارتىش قاتارلىق ئىشلارنى توردا جەدىۋەل تولدۇرۇپ ۋاقتىنى توردىن ئالدىنئالا كىلىشىپ ئاندىن بىجىرىدىكەن ، خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار ،
ئۇقتۇرۇش تور ئادرىسى
http://istanbul.chineseconsulate.org/chn/xwdt/t1424776.htm

ئورنى: تۈركىيە ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش