تىل فاكۇلتېتى مۇدىرى: زەيىد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ

ئاپتورى: ئىبراھىم ئەسئەس

ئەگەر ئاشۇ زاماندا تىل فاكولتىتى بولسا، زەيد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇدىرى بولغان بولاتتى. ياق ياق، ئەگەر شۇ چاغدا مائارىپ مېنىستىرلىكى بولغان بولسا، زەيد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مېنىستىرى بولغان بولاتتى . بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ، قارىيلارنىڭ شەيخى، (ئۇ زاماندىكى قارىي ئۇقۇمى قۇرئان يادلىغان ئۆلىمالارنى كۆرسىتەتتى، ھازىرقىدەك يالغۇز قۇرئاننى يادلىغانلا كىشىنى ئەمەس) مەدىنىنىڭ مۇفتىسى، ۋەھيى خاتىرىلىگۈچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىللىرىدىن بىرى ئىدى. تېخى يەنە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمانى ئىدى. ئۇھېكايەت قىلىپ دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، قېشىغا ئېلىپ بېرىلدىم. باشقىلار، ”بۇ بالا بەنى نەججاردىن، 17 سۈرە يادلاپ بولدى“ دەپ تونۇشتۇردى. مەن ئوقۇپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياراپ قېلىپ، ماڭا : ”يەھۇدىلانىڭ يېزىقىنى ئۆگەن، مەن ئۇلارغا ئىشەنچ قىلالمايمەن “ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېرىم ئايدا ئوبدانلا ئۆگەندىم، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى)ئۇلارغا يازاتتىم. ئۇلار خەت يازسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ بېرەتتىم ”.

زەيد ئىبنى سابىت ئۇ چاغدا ئون بىر ياشتا ئىدى. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بىر قانچە تىل ئۆگىنىشكە بۇيرىغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا مەدىنىدە ھەرخىل ئىختىساس ئىگىلىرى بار بولغان يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇۋاتقان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ زەيد ئىبنى سابىت ئىلىمگە بېرىلدى. ئىلىم بىلەن تونۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاندىن راشىد خەلىپىلەر زامانىدىمۇ ئىلىم بىلەن بولدى.

قىيامەتكىچە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ گەدىنىدە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ ياخشىلىقى بار. ئۇ، قۇرئاننى توپلاشقا مەسئۇل بولدى. سىز قۇرئان كەرىمگە قارىغاندا زەيدنى ئەسلەشنى، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. بەلكىم شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىپ، جەننەتتە زەيدكە ھەمراھ بولۇرسىز.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ زەيدنى قۇرئاننى توپلاشقا تاللىشى تاساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى زەيدنىڭ قىممىتىنى تونىغانلىقتىن ئىدى. ئۇنىىڭدا مائارىپ مېنىستىرىنىڭ سالاھىيىتى بار ئىدى. تەجرىبە ۋە ئىختىساس ئىگىسى ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن مېتودقا ئېگە ئىدى. ”زەيد قۇرئاننى توپلىغان“ دېگەن ئىبارىگە سەل قارىساق، قۇرئان ئايەتلىرىنى يادلىۋالغان يەردىن مۇنداقلا يىغىپ يېزىپ قويغان دەپ ئاددىي ئويلىساق بولمايدۇ. زەيد ئۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس مېتود : يەنى ئايەتلەرنى قانداق توپلاش، قانداق رەتلەش، قانداق خاتىرىلەنگەنلىكى ھەققىدە، باشقىلارمۇ يادلىغان بولىشى … قاتارلىق ئۆلچەملەرنى بىكىتكەن . بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختالسام يېتەرلىك. چۈنكى، بۇ يازمىنىڭ ئوبىكتى زەيد ئەمەس، يۇقارقىلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە راشىد خەلىپەلەر زامانىدىكى مەدىنىدە جەميىتىنىڭ ئىلمىي ھەرىكىتىگە يازمىغا مۇقەددىمە شەكلىدە نەزەر تاشلاشتىن ئىبارەت. سەل تۇرۇپ بۇ ھەقتە يەنە توختىلىمەن.

بۇ يازمىدىن مەقسەت، ئاسماندا پەرىشتىلەر، دېڭىز – ئوكيانلاردا بىلىقلار مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئەرشتە مەقامى كاتتا بولغان ئالىم ھەققىدە توختىلىش. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، بىر قېرىندىشىمدىن كەلگەن تېلىپۇن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بەزى موللىلار ئۇنىڭ ئارقىغا كىرىۋېلىپ، ئۇ قىزىققان باشقۇرۇش، ئىستىراتىگىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلىنىڭ سۈننىتى ۋە ئسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىشقا يارايدىغان دۇنيالىق پەنلەرنى ئۆگىنىشىنىڭ ئۇنى ئالىم(ئۆلىما) قاتارىغا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماختىغانلار قاتارىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى دەپتۇمىش. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئالىم، ئەقىدە، تەپسىر، فىقھ ۋە باشقا شەرىئەت پەنلىرىنى ئىگەللىگەنلەرلا بولۇپ، گەرچە ئالدىنقىدەك پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇغانلار ئەجىرگە ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان ئالىملار قاتارىغا كىرمەسمىش.

ئەمدى بۇ گەپنىڭ خاتالىقىغا ئۇزۇن دەلىللەرنى قويۇپ، ئىسپاتلاشنىڭ ئورنى بۇ يازما ئەمەس. بۇ يەردە قىسقىچە توختىلىمەن. تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان مەخسۇس كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ . مەن بۇ يازمىدا بىر ئايەت، بىر ئۇسۇلى قائىدە يەنە زەيد ئىبنى سابىتنى يازىمەن.

مەن دېمەكچى بولغان ئايەت : ”كۆرمەمسەنكى، اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك اﷲ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار(27) شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(28) “ فاتىر سۈرىسى

بۇ ئايەتتىكى ئالىملار، زېىمىن پەنلىرى (فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىە، گىئولوگىيە..)، ئىنسانىيەت پەنلىرى، زوئولوگىيە، بىئولوگىيە، بوتانىكا پەنلىرى ئالىملىرىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردۇر( ئايەتنىڭ ئالدىدىكى كونتېكسىتىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، بۇ دېگەنلىك باشقىلار قورقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە). چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ھەر يەردە ھەر ساھەدە كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇلار ئالىملاردۇر، چۈنكى :
– ئۇلار ئاللاھنى ۋە قۇدرىتىنى بەندىلەرگە تونىتىدۇ، ئۇلارغا مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاللاھ بىلدۈرگەن سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
-ئۇلار ئاشۇ ئىلىم – پەنلىرى بىلەن قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ئاللاھ تائالا ”ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز“ دەيدۇ (فۇسسىلەت سۈرىسى 53)
مانا مۇشۇنداق ئوچۇق تۇرسا، ئاشۇ ئىلىم پەن ئوقۇغانلارنى ئايەت تىلغا ئالغان ئالىملار ئەمەس دېسە توغرا بولامدۇ ؟ ئاشۇ ئالىملار كائىنات سىرلىرىنى يېشىپ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن بىردەكلىنى ئىسپاتلاپ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ، فەقىھنىڭ ئەھكام ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرگېنىگە ئوخشايدۇ . بىز دوكتۇر زەغلۇل نەججارنىڭ(مىسىرلىق گىئولوگ،ئالىم) كائىنات ئايەتلىرىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىساق، خۇددى ۋەز ئاڭلىغاندا ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمىزنى ھېس قىلغاندەك تۇيغۇدا بولمامدۇق ؟ ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ : ”ئالىملار، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەردۇر“ دېگەن . شەكسىزكى ئاشۇ پەن ئالىملىرى ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىكىنى ئەڭ بىلگۈچىلەر قاتارىدىن.

ئۇسۇلى قائىدە بولسا : مادامىكى، بۇ پەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ھەم ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ياشاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زېمىننى بەرپا قىلىش، ئورۇنباسارلىقىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىگە زۆرۈر بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، بۇ پەنلەرمۇ شەرئىي تەلەپ قىلىنغان ئىلىم قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنى ئۆگەنگۈچى ساۋاپقا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئايەتتىكى ”ئاللاھتىن قورقىدۇ“ دەپ سۈپەتلەنگەن ئالىملار قاتارىغا ھەم كىرىدۇ .

بۇ پەنلەرنى ئىگەللەش، ”ۋاجىپنى تولۇقلايدىغان ۋاجىپ“ يەنى ئىككىلەمچى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى، ئۆزى بىرىنچى ۋاجىپتۇر. پەرز كۇپايىدۇر. ھەتتا، ماڭا تېلىپۇن قىلغان دوستۇمغا ئوخشاش، ئۆزى مۇشۇ پەنلەردە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان كىشلەرگە پەرز ئەين بولىدۇ. بۇ پەنلەردە ئوقۇغان ئالىملارغا، ئۇلار ئەتىگەن – كەچ ئىلىمگە ماڭغاندا دېڭىز دەريالاردىكى بىلىقلار مەغپىرەت تىلەيدۇ.

ئەمدى زەيد ئىبنى سابىتقا قايتساق، سىز ھەر قېتىم قۇرئاننى قولغا ئالسىڭىز، ئوقۇسىڭىز، زەيدنىڭ ئىشىنىڭ مىۋىسىنى ئوقۇيسىز. زەيدنىڭ يەنە نېمە ئىلىملەرنى ئىگەللىگەنلىكىنى بىلدىڭىز- قۇرئان ۋە مىراس ئىلىملىرىنى دېمەيۋاتىمەن – بەلكى ئۇنىڭ بىر قانچە تىل ئۆگەنگەنلىكى، قوليازما تەتقىقاتى مېتودى قاتارلىقلارمۇ بار. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدە زەيد جاپا چەكتى، ئۇ ئىلىملەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت يولىدا ئىشلەتتى، بۇ ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى مەغپىرەت تىلەيدۇ .

بۇ يەردىكى ئۆلچەم، ئىنساننىڭ نېمە ئۆگىنىشىدىن بەكراق، نېمىگە نىيەت قىلغانلىقىدۇر. ئۇ ئىلىمنى كاتتا غايىلەر ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ ياكى قورسقىغا ۋە شۆھرەت ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ ؟ مىھراپتا ئېتىكاپتا تۇرغان بىر موللا بەلكىم پۈتۈن خەلقتىن بۇرۇن دوزاخقا چۈشىشى مۇمكىن.. لابىراتوردا بىرەر خىمىيەلىك تەركىپنى تەتقىق قىلغان بىر خىزمەتچى نۇرغۇن كىشىدىن بۇرۇن جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن … ھېلىقى دوستۇمدەك بىرەر ئايەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇرۇنقىلار بايقىمىغان مەناغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئۆزى ئوقۇغان پەنلەرگە بىرلەشتۈرگەنلەر ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن بولىشى مۇمكىن.. ئۆلچەم : نىيەت.

ئەي دوستۇم ! سەن قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇر. مەنچە، سەن پەقەت ئاشۇنىڭ بىلەنلا شەرىئەتكە ۋە ئۈممىتىڭگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيسەن. ئاللاھ سېنى شۇ يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن، سېنى ھىدايەتكە ئېرىشكەن ۋە ھېدايەتكە باشلىغانلاردىن قىلسۇن!

(يازمىدىكى ئالىملار، ئاللاھنى تونىغان ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ)

تەرجىمە قىلغۇچى: قارلۇق

مەنبە: