قاتار كرىزىسى، ئىرانغا ھۇجۇم، مەككە جېڭى!

ئاپتورى: ئىبراھىم قاراگۈل

ئوتتۇرا شەرقتە بىر كېچىدىلا چوڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىك مەڭگۈلۈك ئەمەس. خىيانەتنىڭ، يۈز ئۆرۈشنىڭ چېكى يوق. بۇ رايوندىكى داۋاملىشىۋاتقان بىردىنبىر نەرسە باشقۇرۇلۇش ئاستىدىكى قورچاق دۆلەتلەر. ئوتتۇرا شەرقنى يىراقتىن بۇيرۇق بېرىپ باشقۇرماق، ئىچكى دۈشمەنلەرنى پەيدا قىلماق ئاسان.

بۇلارنى ”ئىسلامنى قوغداش“ نامىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقۇزۇشمۇ تەس ئەمەس. ئۇلاردىكى ھوقۇقنى نىفىت، تەبىئى گاز ۋە ئىجتىمائى پاراۋانلىق ھازىرلاپ بېرىپ تارتىۋالماق تەس ئەمەس.
ئۇلاردىكى  ”ئۇلۇغ رەھبەرلەرنىڭ تىرىشىشى بىلەن قولغا كەلگەن“ دېگەن باھانە بىلەن ئىقتىسادنى تاراج قىلماقمۇ بەك ئاسان . ئۇلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلماقمۇ شۇ.
بۇ يەردىكى بىردىنبىر ئۆزگەرمەس نەرسە ئىشغالىيەت ۋە پەسكەشلىك.

بۇ رايۇن ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. بەلگىلىمىلەر شۇلاردىن كېلىدۇ. شۇلار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇزىدۇ، نوپۇز بېرىدۇ.. بارلىق رەھبەرلىرى ئاشۇلار تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ ۋە باشقۇرىلىدۇ. بۇ رايۇندىكى قارىماققا مۇستەقىل كۆرۈنگەن دۆلەتلەر يۇشۇرۇن مۇستەملىكىدە. ئوتتۇرا شەرق مۇستەملىكىدە. بۇنداق ئەھۋالدىكى رايۇننى پارچىلىماق، ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلماق بەكمۇ ئاسان.

بۇ يەردىكى ئۆزگەرمەس نەرسە، بۇ رايۇندىكى ئىراق ۋە سۈرىيە ۋە لىۋىيە ۋە يەمەنگە ئوخشاش رايۇن دۆلەتلىرىنى پارچىلاش. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بېرى بۇ پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ . بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇقمىسىزلاشتۇرۇلۇپ، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىندى بەزىلىرى پارچىلاندى. ياكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئىتتىرىلدى. تېرورست گورۇپلار پەيدا قىلىنىپ، ياشاش مۇمكىن ئەمەس بىر ھالغا كەلتۈرۈلدى.

قاتار كىرزىسى ئىران ۋە سەئۇدىيە توقۇنىشىنىڭ بىر يۈزى

بۇ رايۇندا نىشانغا ئېلىنغان تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ھىندونۇزىيە ۋە شىمالى ئافرىقا دۆلەتلىرى بار. بۇ دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىش پىلانلىرى بار. بۇ دۆلەتلەر مەيلى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولسۇن مەيلى دۈشمەن بولسا، ھەر بىرىگە ئاشۇلار تۈزگەن ئايرىم ئىشغال قىلىش پىلانى بار.

ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنى ئەۋۋەل پارچىلاپ يوقىتىش كېرەك. خۇددى ئىراق ، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە بولغاندەك تېخىمۇ كىچىك دۆلەتچاقلارغا ئايلاندۇرېۋېتىش كېرەك دەپ قارىشىدۇ.

ئۇلار سۈرىيە مەسىلىسى ھەل بولۇشتىن بۇرۇن قاتار كىرزىسىنى چىقاردى. ئامېرىكا رەئىسى ترامپنىڭ تۇنجى چوڭ ئىشى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىرىش بولىدۇ. قارىغاندا بۇنىڭ بۇيرىقى ترامپ سەئۇدىيەگە كەلگەندىلا بېرىلگەن چېغى، ”ئەرەبلەرنىڭ خائېىنى“ دېگەن قالپاق قاتارغا دەرھاللا كەيدۈرۈلۈپ، ئىشغال قىلىشقا تەييارلىق قىلغاندەكلا قۇرۇقلۇق، سۇ ۋە ھاۋا چىگرالىرى قامال قىلىندى.

ئىرانغا قىلىنغان (دائىش) ھۇجۇمى بىر ئىستىخباراتنىڭ ئىشى

مانا مۇشۇنداق ئېنىقسىز بىر ۋەزىيەتتە، دائىش تۇيۇقسىزلا ئىراننىڭ تېھران شەھرىدە، ئىران پارلامېنتى ۋە ھۈمەينى قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئىراننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى سىموۋۇلىغا ھۇجۇم قىلدى. شەكىل جەھەتتە ئىرانغا قارشى، يەنە كېلىپ ئىران ۋە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلماستىن دائىملا ئىرانغا قارشى سۈننىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دائىش بۇ قېتىم تۇيۇقسىز ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىراندىكى بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدا ئىستىخبارات بار. قاتار كىرزىسىدىن كېيىنلا، ئېنىقسىز ھۇجۇملار ئارقىلىق  ئىران تەرەپنى ئەرەب دۇنياسىغا قارشى كۈشكۈرتمەكچى بولغان بىر تەرەپ بار.  بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئارقىلىق بىز دائىشنى كىمنىڭ يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە تېرورست گورۇپپىلانىڭ قولى ئارقىلىق ۋەقە چىقىرىدىغان دۆلەتلەرنى بىلىۋالالايمىز.

ئونلىغان يېڭى تەشكىلاتلار چوڭ ئۇرۇشقا يول ئاچىدۇ

بىز بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتتۇق، ئامېرىكىنىڭ PKK ۋە گۈلەن تەشكىلاتى ئارقىلىق؛  سۈرىيەدە PYD ئارقىلىق تۈركىيەنى نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلىمىز. ئەرەبلەر بىلەن ئىران ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىرىش ئۈچۈن ئونلىغان ھەربى تەشكىلاتلار پەيدا بولاندا ھەيران قالماڭلار. سۈرىيەنى دائىش بىلەن PKK پارچىلاپ بولدى.

قاتار ۋەقەسى بىلەن ئىرانغا قىلىنغا ھۇجۇم ئەينى بىر مەنبەنىڭ مەھسۇلاتى، ئەينى پىلاننىڭ پارچىلىرى، ئاساسى مەقسەت ئەرەب سۈننىيلىرى بىلەن شىئيەلەرنى بىر بىرىگە كۈشكۈرتۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ھالىدىن كەتكەن نۇقتىغا كەلگەندە، ئاشۇ پىلان تۈزگىچىلەرنىڭ پىلانىغا شەرتسىز ماقۇل دەيدىغان يەرگە ئەكىلىش. ھەردائىم مۇشۇنداق بولىدۇ. دائىم باشقىلار بېكىتىپ بەرگەن توغرا-خاتالىق ئۆلچىمىگە بويسۇنىمىز.

ھازىر كۆرىۋاتقانلىرىمىز چوڭ مەزھەپ ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقىدۇر

ئامېرىكا ئىراننى نىشانغا ئالغان پىلاننىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئاتتى. بۇ قەدەمدە رىيادتا مىسر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈننىي دۆلەتلىرىدىن بىر فرونت تەشكىللەندى. قارىغاندا قاتار بۇ پىلانلانغان ئۇرۇشقا ماقۇل بولمىغاندەك قىلاتتى. شۇڭلاشقا دەرھاللا چەتكە قېقىلدى. ئىراننىڭ شىيە مەزھىپىنى تارقىتىش يولىدا ئېلىپ بارغان نۇمۇسسىز ھەرىكەتلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرى(ئىراق، سۈرىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر مۇقىمسىزلىقىغا بىۋاستە سەۋەپچىلەردىن بىرى ئىراندۇر -ت ) سەۋەپلىك ئىرانغا غەزەپلىنىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا كۆنۈپ قالدۇق. بەلكى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانغىمۇ ئاشۇنداق غەزەپلىنىپ قالىمىز.

بۇ قېتىم بېسىم قىلىدىغىنى ئىران ئەمەس، بەلكى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بولىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بەرگەن ۋەدىسىدىن بىخەۋەرمىز، ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پۈتۈنلەي (مۇسۇلمانلار ئارىسىدا) ئىچكى ئۇرۇش بولىدۇ. يەنى ئۇزۇندىن بېرىپ غەرپ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مەزھەپ ئۇرۇشى بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن ھېچقايسى دۆلەت ساق قالمايدۇ. شۇنداقلا بولسا، بەلكى بۇ رايۇن يەنە كەلگۈسى 50 يىلدا ئورنىدىن دەس تۇرالماسلىقى مۇمكىن.

چېكىدىن ئاشقان تېرورلۇق ھەرىكەت پىلانلىرى

بۇ ئۇرۇش سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىتتىپاقداشلىرى قاتارنى ئىشغال قىلىۋالسا باشلىنىدۇ. ئۇ يەردىكى نېفىت بايلىقى ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ. قاتاردىن كېيىن باشقا بىر قولتۇق دۆلىتىنى كۆرىمىز. يەنى كۈۋەيت. كۈۋەيت ئىران ياكى ئىراقنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ساق قالمايدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئىران ۋە سەئۇدىيەگە بېسىم قىلىپ بۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

بەلكىم پات يېقىندا ئىران ۋە سەئۇدىيەدە، ھەتتا پۈتۈن رايۇندا چېكىدىن ئاشقا تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن. بۇ ھۇجۇملاردىن مەقسەت ئىچكى جەھەتتىن توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، پىلانلانغان ئۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان جامائەت رايى پەيدا قىلىش. بىز بۇ سۈيقەستكە سەزگۈر بولىشىمىز كېرەك.

بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىر قىلتاق

ئىران ئۈچۈن قىلىنغان بۇ پىلان نىھايەتتە يەنىلا سەئۇدىيە ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر قىلتاقتۇر. مەنچە بۇلارنىڭ مەقسىدى سەئۇدى ئەرەبىستاننى كىچىك دۆلەتلەرگە پارچىلاش، ئاندىن تۈركىيە ۋە ئىرانغا يۈزلىنىش. بۇنى سىلەر قانداق ئاتىساڭلار ئاتاڭلار، ئەرەب ئىچكى ئۇرۇشى دەمسىلەر، ئىسلام ئىچكى ئۇرۇشى دەمسىلەر ياكى ئىران – سەئۇدىيە ئۇرۇشى دەمسىلەر، ھەممىسى نىھايەتتە غەرپنىڭ بۇ رايۇندا چوڭ بىر ئۇرۇش چىقىرىش پىلانىغا پايدىلىق. بۇ ئۇرۇش ھەتتا كەڭىرىپ مەككىگىچە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن(قۇرامىتىيلار قوزغىغاندەك 10 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قوزغىغاندەك -ت). ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مانا مۇشۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى مەككە ئۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلىق

مەن بۇ نۇقتىدا كۆپ توختالدىم، ئاگاھلاندۇردۇم. ”ئىسلام ئۆز ئىچىدە ئۇرۇشىدۇ“، ”ئۇرۇش ئىسلامنىڭ قەلبىدە چىقىدۇ“ ”ئىسلام ئىچكى ئۇرۇشى“ دېگەندەك ئىسىملاردا تەتقىقات يازمىلىرى مۇشۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردۇر. مەن ”ئىككى يىل ئىچىدە قولتۇق رايۇنىدا مەسىلە چىقىدۇ“ دەپ يازغان ئىدىم ، لېكىن ئىككى يىل ئۆتمەستىلا ترامپ كېلىپ پۈتۈن رايۇننى ئوتقا ئىتتىرىۋاتىدۇ. ئىش قاتاردىن باشلاندى.

مەن بۇرۇن ”زەھەرلىك شامال سۈرىيەدىن كېيىن قولتۇق رايۇنى تەرەپكە ماڭىدۇ، قولتۇق دۆلەتلىرى ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا بولىدۇ“ دەپ يازغان ئىدىم. بۈگەن بۇ پەرەزلىرىمنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشماستىنلا ئەمەلىيەتتە بولىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئىران بىلەن ئۇرۇشنىڭ سەئۇدىيە تەرەپتىن چىقىدىغانلىقىغا ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ ئىران تانكىلىرىنىڭ مەككىگىچە بارىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار. مانا بۇ بالايى ئاپەت، ئۇلار پىلانلاۋاتقان ئىسلام ئىچكى ئۇرۇشى.

تانكىلار مەككە ئىشىكىنى قېقىشتىن بۇرۇن ..

بىر قانچە يىلدىن بېرى مەن رايۇنىمىزدا ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەپ كەلدىم. ئەنسىرەشلىرىمنى يازدىم. ھەممىمىز بۇ خەتەرنىڭ قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. مەنچە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئاقىۋېتى سۈرىيەنىڭ ئاقىۋېتىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىز دەرھال تەدبىرىمىزنى ئالمىساق بىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنلىرىمىز دەپسەندە قىلىنىدۇ. بىز بۇ خەتەرنى ئاڭقىرالىساقلا، تانكىلار مەككىگە كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتىمىزنىڭ كۆپلىكىنى كۆرىمىز.

بۇ تانكىلار بىر بولسا ئىراننىڭ، بىر بولسا ئامېرىكىنىڭ بولىدۇ. كەئبىگە ئېتىلىدىغان بومبىلار ئىراننىڭ ياكى ھوسىيلارنىڭ(ئىران شىيئەلىرىنىڭ مەككە دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ھەجنى كەربالاغا قىلىش كېېرەك دەيدىغان قاراشلىرى بار – ت) ياكى ئامېرىكىنىڭ بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، بۈگۈن قاتار كىرزىسىنىڭ ئارقىدىكى پىلانلىغۇچىلار ۋە ياكى ئىران- سەئۇدىيە ئۇرۇشىنى پىلانلىغۇچىلار يۇقارقى رەزىل پىلانلارنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئەنسىرەيدىغىنىم بۇ رايۇننىڭ ئۆز ئىگىلىرى قولىدا ۋەيران بولۇپ كېتىشى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.yenisafak.com/en/columns/ibrahimkaragul/the-qatar-crisis-tehran-attack-preparation-for-mecca-wars-2038371