بۇ قېتىمقى كرىزىسنىڭ سىنارىيەسى قاتاردىن ھالقىپ كەتكەن!

ئەگەر قاتارنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇتۇقلۇق بولۇپ قالسا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

بەزى تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى قاتار كىرزىسىنى تەھلىل قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ كىرزىس كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، تۈزۈلگەن سىناريە دائىرىسى قاتار ۋەقەسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن.. تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىق بولغان ئىشلارنىڭ سىنارىيەسى ھەققىدىكى پەرەزلىرى:

قاتارنى مۇھاسىرىگە ئېلىشتىن مەقسەت قاتار(ئەلجەزىرە)نى جىمىقتۇرۇش بولۇپ، مەقسەت ئۈچ تەرەپ(قولتۇق دۆلەتلىرى، ترامپ، نىتەنياھۇ) تۈزگەن بىر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:
– ئىسرائىلىيە ھائارتىس گېزىتىدە چىقىۋاتقان ماقالىلەر غەززەگە بىر قېتىملىق چوڭ ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بولىۋاتىدۇ. مىسىر ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قاتارغا قىلغان ھۇجۇمى  غەززەدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر(ھاماس)نى يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن چىقىدىغان ئاشۇ ئۇرۇشنىڭ تەييارلىقى ئىكەن.

-بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ ئەلجەزىرىنى جىمىقتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئىس بۇسىنى چىقارماسلىق ۋە شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

– قاتار ۋە ئەلجەزىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن قولتۇق دۆلەتلىرىدىكى ھەرقانداق ئۆكتىچى ئاۋازنى تېرور قالپىقى ۋە قاتارغا ھېسداشلىق قىلىپ دۆلەتكە خىيانەت قىلغان دېگەن باھانە بىلەن بېسىقتۇرىدۇ.

– ئەرەب دۆلەتلىرىدە قاتار ۋە ھاماسقا قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ غەززەگە قىلىندىغان ئۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان جامائەت قارىشى پەيدا قىلىدۇ.

– مىسىر بىلەن ئىسرائىل مۇسىلدىكىدەك غەززەنى ئېغىر دەرىجىدە بومبىلاش، ئەينى ۋاقىتتا ھاماسنىڭ ۋە ھاماسنى قوللايدىغان بارلىق مېدىيانى بېسىقتۇرىدۇ.

– ئاندىن مىسىر ۋە ئىسرائىليە ئىككى تەرەپتىن غەززەگە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلار تازىلايدۇ.

– ئاندىن مىسىر، سەئۇدىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئىئوردانىيە پەلەستىندىكى ھەر تەرەپ(ئابباس ۋە دەھلان ئىككىسىلا ئارافاتنىڭ فەتىھ تەشكىلاتىدىن)نى پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرلەشتۈرىدۇ.

– سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇمى يۈزلۈك تىنچلىك قۇرۇلتىيى ئېچىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىپ، يەھۇدى دۆلىتىنى ئىېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىلەرنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

– بۇ جەرياندا مېدىيادا ”ئەسىر كېلىشىمى“ دېگەن نامدا تەشۋىقات كۈچەيتىلىدۇ، سەئۇدىيە باشچىلىقىدا، قارشى چىققانلار تېرورست دەپ ئاتىلىدۇ.

– ھازىر گېپى چىقىۋاتقان، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدىكى تارىخى كېلىشىم مۇشۇ جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى ھاماس ۋە ئەلجەزىرىنى يوقاتماي بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

– بۇ پىلاننىڭ ئۈچ خىل مەغلۇب  بولۇش ئېھتىماللىقى بار(قاتارنىڭ غەلبە قىلىشى، ترامپنى  ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىشى، سەلماننىڭ ئۆلۈپ مۇھەممەد بىن نايىفنىڭ تەختكە چىقىشى).. بۇنداق بولمىغان ئىشلار تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

-يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى،مىسىر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايۇندىكى بارلىق كىرزىسلەرنى غەرپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۈچلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش كېرەك دېگەن قارىشىدىن بولىۋاتىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.agelturk.com/2017/06/blog-post_56.html