نېمە ئۈچۈن قاتارغا قىلىنغان دىپلوماتىك ھۇجۇم مەغلۇب بولىدۇ؟

ئاپتورى: دېۋىد ھېرست

دائىش ۋە ئەلقائىدەگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قويۇلۇۋاتقان بىردىنبىر ئويۇن ئەمەس ئىكەنلىكى خېلى بۇرۇنلا ئاشكارا ئىدى. ھەتتا كۆپىنچە ۋاقىتتا تېرورغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشنىمۇ ئاساسلىق ۋەقەلىك ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى قاتارغا قىلىنغان ئىمبارگو ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش ۋەقەسى سەھنىدىكى بۇ رايۇندا نوپۇز تالىشىۋاتقان ئاساسلىق ئويۇنچىلارنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ھازىر رايون خاراكتېرلىك ئۈچ گورۇھ كۈچ بار

بىرىنچىسى ئىران ۋە ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدىكى ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر، ھىزبۇللا، ھوسىيلار ۋە شىيئە خەلق كۈچلىرى قاتارلىق ئويۇنچىلار.
ئىككىنچىسى قولتۇق رايۇنىدىكى جۇلىقى چىكەتكەن پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى، بەھرەين ۋە ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئىئوردانىيە ۋە مىسىر بار.
ئۈچۈنچىسى تۈركىيە ۋە قاتار ۋە ئۇلارغا قوشۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار(ئىخۋانلار) ۋە ئەرەب باھارىدىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلەر بار.

بۇ ئۈچ تەرەپلىك توقۇنۇشتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا رايۇن مۇقىملىقىنى قالايمىقان قىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ دەلىل بۇ قېتىمقى قاتارغا قىلىنغان ھۇجۇم.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھېساپتا خالاشتى. ئۇ ئۆزىدىن كىچىك قاتارنى سىزىقىغا كىرگۈزمەكچى بولغان ئىدى،  لېكىن ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدى ئەربىستان ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى توپلىغان ئىتتىپاق دۆلەتلەر بىرلىكىنى تەۋرىتىپ قويدى.

بىز بۇنى باشقىچە بىر ئىبارە بىلەن ئىپادىلىسەك شۇ دېگەنلىك بولىدۇ؛ ئىران سۈرىيە ھاكىمىيتىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ئىچكى ئۇرۇش، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنى بىرلەشتۈرگەن بولسا، قاتار بىلەن بولغان كىرىزىس ئەكسىنى قىلىدۇ. ھازىرقى كىرىزس نەتىجىسىدە ئىران بىلەن تۈركىيە ۋە سۈننىي كۈچلەرنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە بىر ئەھۋال.

ئەلۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت مۇنداقلا ئالدىراپ ئاپاق چاپاق بولۇپ كېتەلمەيدۇ. لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستان تۇتقان مەسئۇلىيىەتسىز سىياسەت نەتىجىسىدە ئاستا ئاستا يېقىنلىشىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولۇشقا باشلىغاندەك. چۈنكى ئىران تاشقى ئىشلار مېنىستىرى تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە بۇ قېتىمقى كىرزىسنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن زىيارەتكە كېلىپ بولدى .

پەنتاگون ترامپنىڭ تىۋىتتەرلىرىگە قارشى يول تۇتتى

بۇ قېتىمقى ئويۇن قائىدىسىنى ئىككى نەرسە ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە سەئۇدىيەنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىپ قويدى. بىرى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ قاتارغا تۈركىيە ئەسكەر يۆتكەش قانۇنىنى تەستىقلاشنى تىزلەشتۈرىشى يەنە بىرى ئىران ئىنقىلاپ قوغداش ئارمىيەسىنىڭ ئىران پارلامېنتى ۋە ھۈمەينى قەبرىستانلىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەيىپلىشى ئىدى.

مانا بۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاننى يالغۇز قالدۇرۇپ قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بەلكى ئۆزىدىن كىچىك بىر دۆلەتكە زومىگەرلىك قىلىشى مۇمكىن، ئەمما سىرتتىن زور دەرىجىدە ھەربىي ياردەم بولماستىن ئۆزىنى ھەرگىز قوغدىيالمايدۇ.

ئامېرىكا ھەربى ئالى قوماندانى(ترامپ) مەيلى قانچىلىك تىۋىتتەر يازسۇن، ئامېركىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئارمىيەسى بۇنداق بىر ياردەمگە مەيلى يوق. بۇ، ئاقسارايدىن بۇ كىرىزىس ھەققىدە چىقىۋاتقان باياناتلار بىلەن پەنتاگوندىن چىقىۋاتقان باياناتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چۈشەندۈرۈلەيدۇ .

سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار بىلەن بارلىق چېگرالىرىنى تاقىغان ھامان پەنتاگونمۇ كېچىكمەستىن بايانات ئېلان قىلىپ قاتارنى ”رايۇننىڭ بىخەتەرلىكىدە رول ئوينايدۇ“ دەپ ماختىغان بولدى.

بۇ بايانات قاتاردىكى ئەدىد بازىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ بازا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بايانات بۇ بازىدا بارلىق ھاۋا ئۇچۇشلىرىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ بازىدا ئونمىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى بار.

ئۇنىڭدىن كېيىن ترامپنىڭ تىۋىتتەرلىرى يېزىلدى. ترامپ ئۇنىڭدا بۇ بۇ قېتىمقى ئىمبارگونىڭ ئۆزى 50 دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىدا قىلغان سۆزىنىڭ تۈرتكىسىدە بولغانلىىقى ھەققىدە ماختىىنىپ ، بۇ كىرزىسكە  ئۆزىنىڭ  سەۋەپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.  لېكىن ئۇنىڭ ئارقىدىنلا پەنتاگون يېڭى بايانات ئېلان قىلىپ يەنە قاتارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى تۇرغۇزغانلىقىنى ماختىدى.

ئاندىن ياۋرۇپا پەنتاگونغا قېتىلدى، ھېچ بولمىغاندا ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى شۇنداق قىلدى. سىمار گابرىيىل ”روشەنكى بۇلارنىڭ مەقسىدى قاتارنى يالغۇز قالدۇرۇش ، مەۋجۇدلىقىغا تەھدىت سېلىش. بۇنداق ترامپ ئۇسۇلىدا مەسىلە ھەل قىلىش كىرىزسقا تولغان بۇ رايۇننى تېخىمۇ خەتەرلىك قىلىۋېتىدۇ “ دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئەسكەر يۆتكەشنى ماقۇللىشىن كېيىنلا ترامپ قەتار ئەمىرىگە تېلىفۇن قىلىپ، بۇ كىرزىسنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى. دېمەك ئۇنىڭ ھەربى گېنىراللىرىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرى ترامپقا تىۋىتتەرلىرىدىن 24 سائەتتىن كېيىن بارغان گەپ.

خاتا ھېساباتلار

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئاغزىدىن چوڭ لوقمىنى چىشلىۋالغان ئىدى. بۇلارنىڭ تۇنجى خاتا ھېسابى ترامپنىڭ سۆزلىرىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدى. سەن ترامپتىن بىر نەرسە سېتىۋالغىنىڭدا ئۇنىڭ ئەكس تەسىرلىرىنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەك. بۇلاردىن بىرى ترامپ ئۆز دۆلىتىدە دۇچ كەلگەن غايەت زور قارشىلىق ۋە نەپرەت.
بىز ترامپقا قارشى تەرەپلەرنى بىر بىرلەپ سانىساق، بۇ ساننىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز – مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى، پەنتاگون(مۇداپىئە مېنىستىرلىكى)، تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى، ئاۋام پالاتاسى، سودىيەلەر. ۋە مېدىيا…

يەنە ھېلىقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىسى، ئەلئۈتەيبە، ئۇنىڭ سەتچىلىكى مېدىيانى بىر ئالدى، ئۇ بۇرۇنقى مۇداپىئە مېنستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ گېلىنى ياغلىغاندەك باشقا مەسئۇللارغىمۇ شۇنداق قىلالايمەن دەپ خاتالاشتى.

ئىككىنچى خاتالىق ئۇلارنىڭ قاتارنى كىچىك دەپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ دەپ ئويلاشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ تۈركىيەگە سالغان خېلى كۆپ مەبلىغى بار. ئەبۇ زابى ئالدىنقى يىلىدىكى ئىنقىلاپتىن كېيىنلا يەنە مەبلەغ سالغان ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەت مۇشۇ ئارقىلىق تۈركىيەنى سېتىۋالالايمىز دەپ ئويلاپ قالدى.
لېكىن ئىشلار ئەكسىچە بولدى، ئەردوغان ئەگەر قاتار بويسۇندۇرۇلسا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئۈچۈنچى خاتالىقى بولسا، ئۇلار قاتاردىن نېمىنى ھەقىقى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئاتالمىش تېرورغا ياردەم بېرىش ياكى ئىران بىلەن يېقىنلىشىش ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە قاتارغا تۆھمەت قىلىۋاتلاردىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ھەممىگە ئاشكارا ئىران بىلەن غايەت زور سودا ئالماشتۇرىشى بار.

ئۇلارنىڭ ھەقىقى تەلەپلىرى كۈۋەيت ئەمىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلجەزىرىنى تاقاش، يېڭى ئەرەب(alaraby.co.uk) تور بېتى، ئەلقۇدۇس گېزىتى، ھافىڭتون پوستنىڭ ئەرەبچە نۇسقىسى قاتارلىق مېدىيا ۋاستىلىرىغا مەبلەغ سالماسلىق ۋە پەلەستىنلىك مۇتەپەككۇر ئەزمى بىشارىنى قاتاردىن قوغلىۋېتىش ئىدى.

يۇقارقىلار ھەممىسى ئەرەب تىلىدا، ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ دېكتياتور ھاكىمىيەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ ئاڭلاشنى، كۆرۈشنى خالىمايدىغان خەۋەرلەرنى بېرىدىغان مېدىيا. ئۇلار بۇ تاراتقۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدە توسۇپ چەكلەش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇلارنىڭ خاھىشىغا ماس كەلمەيدىغان ھەقىقەتلەرۋە دۇنيادىكى مۇستەبىد، چېرىك ھاكىمىيەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان بارلىق مېدىيانى تاقاتقۇزماقچى ئىدى.

ئىسرائىل بۇ شورپىشانە خورغا قېتىلدى

يۇقارقى تەلەپلەرنىڭ 7.سىدە ھاماس ۋە ئىخۋانلارنىڭ ئىسمى بار. ھاماسنىڭ ئىسىمىنى بۇ تىزىمغا قويۇشمۇ خاتا ھېسابات ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھەركەتكە ئامېرىكا قانداق قاراشتىن قەتئى نەزەر، قولتۇق رايۇنىدا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھېسداشلىق قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.

مانا مۇشۇ يەردە ئىسرائىل بۇ شورپىشانە خورغا قېتىلدى. ئەلچى ئەلئۈتەيبىنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتكەن ئىمەيللىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ۋە ئىسرائىليە مەسئۇللىرى ئوغۇردەك ھەرىكەت قىلىشىقان.
شەكسىزكى ئىسرائىليە باش مېنىستىرى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى چەكلەشتە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق دېگەن گېپىدە راستچىل. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋت قىلىشقا قاتتىق ھېرىسمەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىيالىغا ئانچە كىرىپ قالمايدۇ.

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  خاتالاشقان يېرى قايسى؟
شەكسىزكى قاتار غەززە ئەمەس، قاتارنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بار. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ھەربى كۈچى، ئەسكەرلىرى بار. قاتار ئۆزى كىچىك بولسىمۇ دۆلەت ئىگىلىك مۈلكى 335 مىلياردىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ تەبىئى گاز ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت. ExxonMobil دا پېيى بار. لوبىيچىلىق قىلىدىغانلار يالغۇز سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىلا ئەمەس.

غەززە جېنىدا نەچچە يىللىق مۇھاسىرىدە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرالىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://m.huffpost.com/ar/entry/16998012?ncid=fcbklnkarhpmg00000001