ئىراندىكى دائىش ھۇجۇمى

ئىراندا نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟

ئاپتورى: ئۆچمەس

تۈنۈگۈن چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قۇراللىقلار بىرلا ۋاقىتتا ئىران پارلامېنتى ۋە ھۈمەينىنىڭ قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇم بىرقانچە يىللاردىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم بولۇپ قالدى.
بۇ ۋەقەدە 12 كىشى ئۆلۈپ 40 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 3. ھۇجۇم ئالدىن توسۇپ قىلىنغان .
ھۇجۇمدىن كېيىنلا ئىران تەرەپ ئادىتى بوينچە ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان دەپ ئەيىپلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل جۈبەيرمۇ ئىراننى نۇغرۇن قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.
ئارقىدىن دائىش ئەئماق ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

بۇ يەردە چىققان سوئال بولسا: نېمە ئۈچۈن دائىش بۇرۇن چېقىلمىغان ئىرانغا ئەمدى ھۇجۇم قىلدى؟

بۇ سوئال مەنتىقىلىق سوئال چۈنكى دائىش قۇرۇلغاندىن بېرى ئىرانغا بىر قېتىمدىن باشقا ھۇجۇم قىلىپ باقمىغان. ئىران ئىراق چېگراسىدىكى كىچىك ھۇجۇمدا ئىككى ئىران ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم مۇسىلدا دائىشنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە رەققادا باشلانغا ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
دېمەك دائىش ئادىتى بويىچە مەغلۇپبىىيەتكە ئۇچرىغاندا، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغاندا، باشقا يەرلەردە ھۇجۇم قىلىپ يېڭى ئۇرۇش فرونتى ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ..

بۇ يەردە كۆپلىگەن تەھلىلچىلەرنىڭ دائىش نېمە ئۈچۈن ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدۇ؟ دائىشتا ئىراننىڭ قولى بارمۇ؟ دېگەن سوئاللىرى، يەنە بەزىلەرنىڭ دائىش بىلەن ئىران ئارىسىدا مەخپى كېلىشىم بار دېگەن پەرەزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇنداق سورىغانلار ئىچىدە ئادىل جۇبەيرمۇ بار. شۇ سەۋەپلىك بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بار دېگەنلەرمۇ بولدى.
ئەمدى بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىدا سەئۇدى ئەرەبىستان دېيىش مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى سەئۇدىيە ئۆزى دائىشنىڭ ھۇجۇمىغا توختىماي ئۇچراپ كەلدى. دائىشتىكىلەرمۇ سەئۇدەى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنى كاپىرغا چىقىرىدۇ.

خوش : ئۇنداقتا دائىش راستىنلا ئىراندا يېڭى فرونت ئاچالامدۇ؟
ھازىرغىچە ئىران بۇنداق چوڭ ھەجىملىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ باقمىدى. بۇنداق يېڭى فرونت ئېچىلىشى ئۈچۈن دەسلەپ خەلق ئىچىدا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار بارمۇ يوق بۇنى ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. ئىران ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش سۈننىيلەر كۆپ سانلىقتا ئەمەس، بارلىرىنىڭمۇ ئىجتىمائي ۋە سىياسى ئورنى كۈچلۈك ئەمەس.

بۇنىڭغا ئىراندا جەمئىيەت ئامانلىقى ئىراق ۋە سۈرىىيەدەك ئاجىز ئەمەسلىكىنى ئېتىبارغا ئالغاندا، ئىراقتىكىدە ئارقا ئارقىدىن دائىش ھۇجۇمى مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، لېكىن بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇم دائىشنىڭ ئىراندا پۈتۈنلەي قولى باغلاقلىق ئەمەسلىكىنى، خالىسا يەنە ھۇجۇم قىلالايدىغانلىقىنى كۆرستىپ قويدى دېيىشكە بولىدۇ… ھۇجۇمدىن كېيىن تارقىتىلغان ۋىدىئو بىر دائىش ھۇجۇمچىسىنىڭ ”سىلەر بىزنى يوقىلىدۇ دەپ قالدىڭلارمۇ؟ بىز مەڭگۈ بار“ دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

بۇ ھۇجۇمدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا قوللايدۇ دەپ قارىلىدىغان ئىران كۇردىستان پارتىيەسى 20 يىلدىن كېيىن قايتا قۇراللىق ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى. بۇ ئىران قوللايدىغان كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا كۇرد كۈچلىرى يەنى ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرستىدۇ.