ياۋروپا نېمىشقا تېرورىزمغا قارشى ھەرىكەت قىلمايدۇ؟

ئاپتورى: مۇراد قوق

سىياسەت پەنلىرى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ ”تېرورىزم“ ئاتالغۇسىغا بىرلىككە كەلگەن تەبىر تۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇپ بولۇپ كەلدى. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ ئىچىدە رادىكاللىق، سىياسىي زوراۋانلىق، قارشىلىق كۆرسىتىش، ئۆكتىچىلىك قاتارلىق بىر قانچە ئۇقۇم ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى يەككە كىشىلەر ياكى جامائەت – گورۇھلار قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلدى. پەقەت 2015- يىلىدىن ھازىرغىچىلا ئەنگلىيە، فرانسىيە، شۋىتسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى. تېرورلۇققا قارىش تۇرۇش ھەربى ھەرىكەت قىلىش  بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ”يۇمشاق كۈچ“ ئىشلىتىش يەنى بۇ جەھەتتە تەسىر كۈچى بار ھەرقانداق تەرەپنى قاتناشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ يۇمشاق كۈچكە ئەڭ ياخشى مىسال ئارھوس(دانىيەنىڭ بىر شەھىرى) تەجرىبىسى بولالايدۇ. بۇ تەجرىبە ھۆكۈمەت تۈزگەن جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈش، ئوقۇش ۋە سەھىيەدە قولايلىق يارىتىش پىروگراممىلىرى ئارقىلىق كۆچمەنلەرۋە توقۇنۇش رايۇنلىرىدىن قايتقان دانىيەلىكلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، سىڭدۈرۈش، پىسخىك قوللاشنى مەقسەت قىلغان تەجرىبە.

تېرورىزم جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى باش ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە. چۈنكى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرى ئۈنۈملۈك ئەمەس. دەلىلى بولسا تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تەكرارلىنىشى. بۇنىڭ سەۋەپلىرىگە قارايدىغان بولساق، گەرچە ياۋرۇپا بىرلىكىدە تېرورزمغا مەسئۇل مەخسۇس بىر ماسلاشتۇرغۇچى – بېلگىيەلىك جىل دى كىېرشوف بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ رولى دۆلەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇشتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ .

يەنە بىر مەسىلە ماسلاشتۇرۇشنىڭ قېيىنلىقىدا. چۈنكى تېرروزمنى ھەل قىلىش مەخسۇس بىر تەرەپ مەسئۇل بولغان كەسپ ئەمەس. ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئەھدىنامىسى ھەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى شۇ دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەسئۇلىيىتى دەپ بىلدۈرگەن . شۇڭلاشقا دۆلەتلەر ئارا يولۇچىلار ئارخىپلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئىشىمۇ مەغلۇپ بولغان .

بۇنىڭدىن سىرت دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرالارنى باشقۇرۇشمۇ ئىنتايىن قېيىن. شېنگىن ئىتتىپاقىغا كىرگەن دۆلەتلەرنېڭ چېگرالىرىدا كىشىلەر ئەركىن يۆتكىلەلەيدۇ .

سەۋەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى تېرورستلارنى ئالدىن بايقاش ۋە پاش قىلىشتا ئىستىخبارات ئاجىزلىقى بار. شۇڭلاشقا ياۋرۇپا رەھبەرلىرى ياۋرۇپا قۇرۇلتىيغا تەۋە كۆرسەتمە بېرىش گورۇپپىسى – تېرورزم مۇتەخەسىسلىرى گورۇپپىسىCODEXTER –  ئارلىق تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاپ بېرىشى كېرەك :

تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى قانداق قىلىپ ئالدىن بايقىيالايمىز؟
تېرورلۇق ھۇجۇملىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىنى قانداق كونترول قىلىمىز؟

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامانلىق ساھەسى ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ياۋرۇپا بىرلىكى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنسىز كۆچۈش، گورۇھلاشقان جىنايەت، چەكسىز ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تېرورزم بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈستىدە توختىلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئىقتىسادى كۈچىنى تېرورزمغا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللارنى يوقىتىشقا سەرپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ تېرورلۇق ھۇجۇملىرىغا سەۋەپلەردىن يالغۇز جىھادچىلار تەرىپىدىنلا بولماستىن ياۋرۇپادا كۈنسىرى كۈچىيۋاتقان ئوڭچىل مىللەتچىلىك. ئۇلار كۆچمەنلىك سىياسەتلىرىگە قارشى. 2012 .يىلىدىكى نورۋىگىيەدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى بۇنىڭ مىسالى. شۇڭلاشقا سىرتقى ۋە ئىچكى رادىكاللىشىش ۋە زوراۋانلىققا توغرا پوزىتسىيە بولىشى كېرەك. بىرلىكنى كۈچەيتىدىغان تەربىيە ۋە قىممەت قاراش، جەمئىيەت بىرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .

ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، دائىشنىڭ سۈرىيەدە ئاجىزلىشىشى بىلەن، ئۇلار بۇ ئاجىزلىقىنى ياۋرۇپادىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى كۈچ ئېغىر بولغان،  بولۇپمۇ دائىش مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت يولغا قويغان دەپ قارايدىغان فىرانسىىيە بىلەن گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قوزغاپ يېپىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: https://www.sasapost.com/opinion/why-does-europe-not-resist-terrorism