قاتار كرىزىسىدە غەرب تار يەردە قىستىلامدۇ؟

ئاپتورى: پېتېر سالىسبۇرىي

شازام ھاۋس ئىنىستىتوتى تەتقىقاتچىسى پېتېر سالىسبۇرىينىڭ قارىشىچە، تەبىئى گاز زاپىسى مول، باي دۆلەت قاتار بىلەن قوشنىلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي كرىزىس ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بىلەن قولتۇق دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىلىنمىگەن قاراڭغۇ تەرىپىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئېھتىمالى باركەن.

بۇ ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە قاتار قاتارلىق تۆت دۆلەت(كېيىن مالدىيۋ، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆتلەر قوشۇلدى) قاتار بىلەن يەنە بىر قېتىم دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن قاتار بىلەن بولغا ھاۋا، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق چىگرالىرىنى تاقىدى. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىكى قاتار پۇقرالىرىنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

پىتىرنىڭ قارىشىچە بۇ كىرزىسنى قانداق بېسىقتۇرۇش ئېنىق ئەمەسكەن . لېكىن سەئۇدىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئوچۇق ئاشكارا قاتارنى تېرورستلارغا ياردەم بېرىدۇ دەپ، غەرپنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن .

شۇنداق، قانداق قىلىش ئېنىق ئەمەس. 2011. يىلىدىن بېرى دوھا سۈرىيە ۋە لىۋىىيەدە ئۆكتىچى قۇراللىقلارنى قوللاپ كەلدى(باشقا دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش) . لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قوشنا دۆلەت يەمەندىكى توپىلاڭنى بېسقتۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ئەسكەر ئەۋەتتى. پىتىرنىڭ قارىشىچە قاتار ئىككى خىل قارىمۇ قارىشى پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆز ئىمكانىيىتىدىن ھالقىپ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ .

قاتاردا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ بازىلىرىدىن بىرى بار. بۇ بازا ئامېرىكىنىڭ ئەلجەزىرە ئەيىپلەپ كەلگەن ئىراق ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور بولۇپ، لوگىستىك(ئارقا سەپ) ۋە بىۋاستە قوماندىلىق قىلىش مەركىزى بولغان . قاتار بىر تەرەپتىن ۋاشىنگىتون بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىران بىلەنمۇ ئالاقە قۇرۇپ، ھاماس ۋە ھىزبۇللادىن ئىبارەت ئامېرىكا تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغان ئىككى تەشكىلات بىلەنمۇ ئالاقە قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ ئالاقە قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلدى.

بۇرۇنلاردا ھازىرقى ئەمىر تەمىمنىڭ دادىسى ئەمىر ھەمەد قولتۇق دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۆزگىرىشچان ھەم قولتۇق رايۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا خەتەرلىك دەپ قارالغان . ئۇلار 2013 .يىلى تەمىمنىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىشى بىلەن ئىشلار تۈزۈلىدۇ دەپ ئويلاشقان، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى تەمىمنى رىيادقا چاقىرتىپ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن . لېكىن 2014. يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سەئۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭ سىرتتىكى دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىدىن غەزەبلىنىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن شۇ يىلى قاتاردىن دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ ئىلىپ كەتكەن ئىدى.

گەرچە ئۇ دىپلوماتلار (8 ئايدىن كېيىن) قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ چاغدىكى جىددىيلىك يولىدا بىر تەرەپ قىلىنماي، ئاقىۋەت بۇ ھەپتە قايتىدىن كىرزىس چىقتى. غەرپ رەھبەرلىرى ئۈچۈن  قاتارغا قارىتىلغان تۆھمەتلەر، باشقا قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئوخشاش زىددىيەتلىك تۆھمەتلەردىن ھالقىپ كېتىدۇ .

ئەينى ۋاقىتتا، رىياد ۋە ئەبۇ زابىينىڭ بۇ قېتىمقى كىرزىستىكى ئەسلى مەقسىتى قاتارنىڭ ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە قىلىۋاتقان ياردىمى ئەمەس بەلكى رىياد باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان رايۇن رەھبەرلىكىدۇر. سەئۇدىيە ئەزەلدىنلا قاتارنىڭ قولتۇق دۆلەتلىرى تۇتقان سىياسەتكە ئوخشىمايدىغان سىياسەت  تۇتىشىدىن بىئارام ئىدى.

بۇخىل ئەھۋال غەرپ سىياسىيونلىرى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ . چۈنكى قاتار ئامېرىكا، ئەنگىليە ۋە فىرانسىيەدىكى گىگانت ئېنىرگىيە شېرىكەتلىرىگە پاي سېلىغلىق . بۇ دۆلەتلەر قاتاردىن مىلياردلاپ دوللارلىق مەبلەغگە ئىگە ئېرىشكەن. قاتارنىڭ گېزىمۇ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بازىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن سىرتمۇ دوھا خەلقئارا بازاردىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەنگىلىيە ياۋرۇپا بىرلىكىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدىلا 5 مىليار ئەنگىليە سىتىرلىڭىىق كېلىشم ئىمزالىغان ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: https://www.theguardian.com/commentisfree/2017/jun/06/qatar-saudi-arabia-west-diplomatic-rift-gulf-states