فىلىپپىن مۇسۇلمانلىرىنى نېمە كۈتۈۋاتىدۇ؟

ئاپتورى: دوكتور زىياد شامى

دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە مۇسۇلمانلار نىشانغا ئېلىنماقچى بولغاندا ئەينى سىنارىيە تەكرارلىنىدۇ. يەنى قىتئەلەر ھالقىغان بىر مەۋھۇم دۈشمەن ئىختىرا قىلىنىپ، پەقەت ۋە پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدا ياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن دۆلەتلەردە تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ – دە، نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى شۇ يەرگە تىكىلىدۇ. مۇسۇلمانلار دۇنيا تىنچىلىقىغا خەتەر ھەم يوقىتىش كېرەك بولغان بىردىنبىر ”تېررور“ دەپ كۆرسىتىلىدۇ. نەچچە ئون يىللاپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلمى بولسا بىر تەرەپتە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ.  نەچچە ئون يىلدىن بېرى قوللىنىلىۋاتقان بۇ سىنارىيەدە يېڭىلىق يوق.

بۇ يازمىنىڭ تېمىسىدىكى سوئالغا جاۋا بېرىش ئۇزۇن ئويلىنىش ياكى ۋاقىت تەلەپ قىلمايدۇ. سۈرىيە ۋە ئېراقتا دائىش باھانىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېىشغا كەلگەن ”رودىپاي“ خاپىلىقلار ئاشكارا تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا قوشۇنلىرى دائىشقا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۈستىمىزگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. ئاقىۋەتتە يۈزمىڭلاپ مۇسۇلمان ئۆلۈپ، مىليونلاپ مۇسۇلمان يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردان بولۇپ كەتتى. نەچچە ئون شەھەر، يېزا -قىشلاپ ۋەيران قىلىندى. دائىشنىڭ ئەسكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگىمىدى، ئۆلۈپ تۈگىمىگەنچە بىرلەشمە قوشۇن دائىش باھانىسى بىلەن مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلماقتا.

ھەممىمىز ئالدىنقى كۈنلەردە فىلىپىندە چىققان ۋەقەنىڭ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلماقتىمىز. شۇنداقتىمۇ دۈشمەننى تونىغاندىكى تەجرىبىمىز، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان روشەن ئۆچمەنلىكى، دائىش پەيدا بولغانلىكى يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە زېمىنلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىدەك پاكىتلار بىزنى، ئەمدىكى نۆۋەت فىلىپن مۇسۇلمانلىرىغا كەلگەنمىدۇ دەپ ئەنسىرەتمەي قالمايدۇ.

فىلىپىن ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇپتىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق بولغان مىنداناۋ ئارىلىدا، ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن دائىشقا بەيئەت قىلغان ماۋتى ۋە ئەبۇ سەيياف جامائىتى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتىن كېيىن ھەربى ھالەت يولغا قويىشى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

ھەربى ھالەتكە قوشۇپ، فىلىپىن زۇڭتۇڭى روبېرت دوتىرنىڭ ”تېرورىستلار“غا قارشى تۇرۇشتا ئەسكەرلەرنىڭ جىنايەتنى قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى بۇ ئەنسىرىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئەنگىلىيە گاردىيان گېزىتى ئارالدا ھەربى ھالەت يۈرگۈزگەندە بەزى ئەسكەرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىپ مۇھاكىمە قىلىشقا ئۇچراشتىن ئەنسىرەشلىرى توغرىسىدا  فىلىپىن زۇڭتۇڭىنىڭ“ ئەگەر بىرىڭلار ئۈچ ئايالنىڭ نۇمۇسىغا تەگسەڭلەرمۇ ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ“ دېگەن سۆزىنى  نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى.

ھازىر ئۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلار بولسا، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇمنىڭ دائىشقا قارىش كۆرەش نامىدا باشلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ھەربى ھالەت ئېلانىدىن كېيىن مىنداناۋدىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ماراۋى شەھرىدىن 85 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھۆكۈمەتنىڭ بۇ زۇلۇمنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشگە باھانە، ئالدىنقى ھەپتە فىلىپىن پايتەختى مانىلادا بىر ساھايە مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى دائىش ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھۇجۇمدا 25 كىشى يارىلانغان ئىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ فىلىپىندا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 25%، مىنداناۋ ئارىلىدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 85% نى ئىگەللىگەن مۇسۇلمانلار باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەن. نەچچە ئەسىر پورتىگالىيەنىڭ ئاندىن ئىسپانىيە ئاخىرىدا ئامېرىكا بولۇپ ئەھلى سەلىپ زۇلمىغا ئۇچراپ كەلگەن مۇسۇلمانلار ، مۇستەملىكە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. سابىق زۇڭتۇڭ ماركۇسنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنى قانلىق باستۇرغان ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.almoslim.net/node/279753