تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت رەسمىيەتلىرى

تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن توردىن راندەۋۇ ئېلىش باشلاندى. كېتەرلىك ماتېرىياللار:

1. پاسپورت كۆپەيتىلمىسى

2. بۇرۇنقى ئىقامەت كۆپەيتىلمىسى

3. جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى (بۇنى تۈركچە سابىكا كايدى دەيدۇ، كايماكاملىقتىن ئاسانلا ئالغىلى بولىدۇ، ھەقسىز)

4. بۇرۇنقى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كىملىك، يەنى شىنفىنجىڭ (بۇنى سوراپ قالسا ”يوق، ئەكەلمەپتىمەن“ دەپلا قۇتۇلغان ياخشىكەن، بولمىسا تەرجىمە قىلدۇر، نوتەر قىلدۇر دەپ ئاۋارە قىلىدىكەن)

5. تۆت پارچە رەسىم

6. ئىككى نەپەر تۈرك ۋەتەندېشى كېپىل

7. توي خېتىنىڭ كۆپەيتىلمىسى (بۇنى بەزىدە سورايدىكەن)

8. كىرا سۆزلەشمىسى ياكى ئۆي كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى (ياكى نوپۇس ئىدارىسىدىن ئالغان ئادرېس بەلگىسى)

9. 18 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنىڭ نوتىرى (بۇرۇن نوتەر قىلدۇرغان بولسا، شۇنىڭ كۆپەيتىلمىسى بولسىمۇ بولىدىكەن)

ئەسكەرتىش : پاسپورتى يوقلار ( تۈركىيەدە تۇغۇلغان لىكىن پاسپورتى يوق بالىلار ) توردىن نۇمۇر ئالالـمىغانلىقى ئۈچۈن بىۋاستە كۆچمەنلەر ئىدارىسگە بېرىپ جەدىۋەل تولدۇرىدۇ .

توردىن نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن بىرىنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىۋاتىمەن دېگەننى ياكى گەچىت دېگەننى تاللاش كېرەك .

سوئال – جاۋابلار

كونا ئىقامەتنىڭ ۋاقتى توشمىغان بولسىمۇ قىلغىلى بولارمۇ؟

بولىۋېرىدىكەن.

قانچە پۇل كېتىدۇ؟

پەقەت 63 لىرا كارتا پۇلىنىلا تۆلەيدىكەنمىز.

سۇغۇرتا تەلەپ قىلامدىكەن؟

سۇغۇرتا تەلەپ قىلىنمايدىكەن.

بۇرۇن تۈركىيەگە بىر قېتىم كىرىپ چىقىپ كەتكەن، ئاندىن 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن قايتا كىرگەن بولسا ئىلتىماس قىلسا بولامدىكەن؟

بولىدىكەن، توردىن راندەۋۇ ئېلىپ بارسا شۇنداقلارنىمۇ ھېسابقا ئالىدىكەن.