ئەقىدىۋى تەھلىل ۋە ئۇنىڭ توقۇنۇشنى چۈشىنىشتىكى رولى

(مەسىلىلەرنى ئەقىدە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش)

شەيىخ ئەبۇ بەكىر ماھىر ئەللۇش

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

ئىسلام ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ سەلەفىي، جىھاد ھەرىكەتلىرى مۇپتىلا بولغان ئىشلاردىن بىرى – سىياسىي توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى ئەقىدە نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىش بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.» (بەقەرە 120) «ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى» (بۇرۇج 8) ۋە باشقا ئايەتلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ (ياكى ئىلھاملىنىپ)، يېقىنقى 20 يىلدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىسلامغا قارشى يوقىتىش خاراكتېرلىك ئۇرۇش ئاچقانلىق، قىيامەتتىن بۇرۇنقى كۇفرى بىلەن ئىسلام ئارىسىدىكى ئاخىرقى جەڭ دەپ قارايدىغان بولدى.

مۇشۇ تۈردىكى تەھلىللەر ھەققىدە سەييىد قۇتۇپ مۇنداق دەيدۇ: مۆمىنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىدىكى كۈرەش ماھىيەتتە ئەقىدە كۈرىشىدۇركى ھەرگىزمۇ باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى پەقەت ئىمانلىرى سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، پەقەت ئەقىدە سەۋەبىدىنلا ئۇلارغا غەزەبلىنىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ سىياسىي ئۇرۇش ئەمەس، ئىقتىسادىي ئۇرۇشمۇ ئەمەس، ئېرقى توقۇنۇش تېخىمۇ ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى بۇ ئۇرۇشنى توختاتماق تېخىمۇ ئاسان ئىدى. لېكىن ماھىيەتتە ئەقىدە ئۇرۇشى بولۇپ، ئاخىرىدا كۇپۇر ياكى ئىمان ، جاھىلىيەت ياكى ئىسلام بىرى (قېلىشى كېرەك)…

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىر ئەھلى سۈننەت بىلەن ئىران ئارىسىدا بولىۋاتقان توقۇنۇشنىمۇ ئىسلام ھەرىكەتلىرى ئەقىدە بارىسىدا تەھلىل قىلىشقا مايىل بولۇپ، تارىخ قېدىرىلىپ، بۇرۇنقى گەپ – سۆزلەر تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۇنى ئۆز مەۋقەسىنى كۈچلەندۈرۈش، ھەتتا توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشقا بىر ئۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ قوللاندى.

بۇنداق دېگەنلىكىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن بولغان ئەقىدىۋى ئىختىلاپلىرىمىزغا سەل قارىغانلىقىمىز ياكى قەستەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمز ئەمەس. بۇ يەردە مەقسەت يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھېسسىياتنىڭ تەسىرىدىكى يۈزەكى بىلىشتىن بەكرەك ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىق بىلىش ۋە ئوبېيكتىپ تەھلىل قىلىش، ۋەقە – ھادىسىلەرنى ھازىرنىڭ شەرت – شارائىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ تۇرۇپ چۈشىنىشتۇر.

ئۇنداقتا ئەقىدىۋى تەھلىل قىلىش ۋە توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش دېگەن نېمە؟

«ئەقىدىۋى تەھلىل» دېگىنىمىز ۋەقەلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا بىزدە قالىدىغان دەسلەپكى تۇيغۇ ۋە يۈزەكى تەسىرلەرنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، بۇ تەھلىل ياكى چۈشەنچە كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىنساننىڭ سۇبېيكتىپ ھېسسىيات ئامىللىرىنى مەنبە قىلىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ئەڭ روشەنلىرى دىن ۋە ئەقىدە ئامىلى بولۇپ، ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا تەييار بولغان ھۆكۈم بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ۋەقە يۈز بەرگەندىكى باغلىنىشلىق سىرتقى ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، كىشىدە ئىدىئولوگىيەگىلا تايانغان ۋاقىتلىق تەھلىل ياكى قاراش شەكىللىنىدۇ، رىئاللىقنى ئاساس قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق تەھلىل ياكى قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ئاجىز، ئىنچىكىلىكى يوق ھەم ئوبېيكتىپ بولالمايدۇ .

ئەمدى توقۇنۇشنى بىرتەرەپ قىلىش دېگىنىمىزچۇ؟  شەكسىزكى توقۇنۇش شەخسلەر، ئىجتىمائىي بىرلىكلەر، دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا (ساقلىنىپ بولمايدىغان) تارىخىي رىئاللىق ۋە دۇنيا قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تارىخ ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن جەمئىيەتشۇناسلىقتا توقۇنۇش شەخسلەر ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكلەردىن باشلاپ دۆلەتلەر، مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلسا، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە  سەل باشقىچىرەك مەنىسى بار. بۇ كونتېكسىتتە توقۇنۇش مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تاشقى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان ئىدىيەنى كۆرسىتىدۇ .

مەن بۇ يازمامدا توقۇنۇش توغرىسىدا ئىككىنچى ئۇقۇمنى (خەلقئارالىق مۇناسىۋەت) ئاساس قىلىپ توختالماقچىمەن. چۈنكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللەتنى ئاساس قىلغان، سىياسىي دۆلەت ئۇقۇمى ئاساسەن يوق بولۇپ، يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى. بۇ دەۋىردە مىللەت ئۇقۇمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قالدۇقلىرى يېڭى دۇنيا تەرتىبى ئاستىدا يېڭىچە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، بەزى دۆلەتلەر تېخىچە بۇرۇنقى مىللەتچىلىك خارەكتېرىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىدىن (غەرەزلىرىدىن) ۋاز كەچكىنى يوق.

توقۇنۇشنى تەھلىلى قىلىشتىكى مېتودلار

ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارىتا ھەر خىل تەھلىل قىلىش مېتودلىرىنى چۇڭقۇرلاپ چۈشەندۈرمەستىن، بەلكى كىرىش سۆز بولۇشى ئۈچۈن پەقەت قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

توقۇنۇشنى تەھلىل قىلىشتىكى مېتودلارنى بىلىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپچىقىش سەۋەبىنى بىلىش يېتەرلىك. مەن بۇ يازمامدا مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن بەكرەك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈستىدە توختالماقچىمەن. چۈنكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپچىقىش سەۋەبى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كۈلتۈر، ئەقىدە، ئىدىيە، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق سىستېمىلرى جەھەتتىكى ئۆزئارا بەسلىشىش، خىرىس قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ساموۋىل ھانتىڭتون ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى دېگەن كىتابىدا كۆزدە تۇتقان توقۇنۇش شۇ. ئۇ، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبى دىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئوخشىماسلىقلىرى سەۋەبىدىن دەپ قارىغان. مەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالماقچىمەن:

ئەقىدە توقۇنۇشى

بۇ ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئىدىئولوگىيە توقۇنۇشى بولۇپ، ئەقىدە، دىنىي مەزھەپلەر، ئىدىيىۋى ئېقىملار ۋە قىممەت قاراشلىرى ئوخشىماسلىقى سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەقىدە كەسكىن توقۇنۇشلاردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنساندىكى كۈچنىڭ ئاساسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ۋە كىشىلەرنى بىر ئارىغا توپلىغۇچى ئامىلدۇر.

كىملىك توقۇنىشى

بۇ ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئېرقى توقۇنۇش بولۇپ، ئەقىدىۋى توقۇنۇشتىن دائىرىسى تېخىمۇ كەڭرى، چۈنكى بۇ دائىرىدە ئەقىدە، مىللەت، ئېرق، تىل، ئۆرپ – ئادەت ئارىلاشقان، ئەقىدە بىلەن بىر بولۇپ، مىللەتلەرنى ئايرىپ پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.

زېمىن توقۇنىشى

بۇ ھازىرقى زامان ئاتالغۇسىدا سىياسىي جۇغراپىيە (geopolitics) ياكى تەبىئەت سىياسىيسى دائىرىسىدىكى توقۇنۇش بولۇپ، يەر، دەريا – دېڭىز ۋە باشقا تەبىئى ئامىللارنىڭ خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە بولغان تەسىرى نېمە، دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيدىغان ساھە.

بايلىق توقۇنىشى

بۇنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە بىر تەرەپتە بار بولغان سۇ، نېفىت، گاز ۋە يەر ئاستى مەدەن قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار سەۋەبىدىن چىقىدىغان توقۇنۇش بولۇپ، قارشى تەرەپتە بۇ بايلىقلار قانچە ئاز  بولغانسېرى توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ.

نوپۇز ۋە كۈچ توقۇنۇشى

بۇ توقۇنۇش كۆپ ۋاقىتلاردا تېخنىكا جەھەتتىن ئىنتايىن تەرەققى قىلغان چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا چىقىدىغان بولۇپ، خەلقئارادىكى سو ئۆتۈش يوللىرى، دېڭىز بوغۇزلىرى، ئوكيان ئاراللىرى قاتارلىق ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلارنى تالىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. مەقسەت بولسا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تىجارەت، يۈك توشۇش ۋە دېڭىز قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى توقۇنۇشلاردىن بەزىلىرىنىڭ بىر تەرەپنىڭ مەۋجۇد بولۇش ياكى يوق بولۇشىغا چېتىلىدىغان ھەل قىلغۇچ توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى (مەسىلەن: ئەقىدە توقۇنىشى) بەزىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن سەل باشقىچىرەك (مەسىلەن: كىملىك توقۇنىشى) دەرىجىدە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ھەر ئىككىسىلا ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش شەكىللرىدىن بولۇپ، ئۇ يوقىتىش خارەكتېرىدىكى توقۇنۇش. ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ قاتتىق ھالسىراپ توختىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بايلىق، نوپۇز ئۈچۈن چىققان توقۇنۇشلارنى ئۆزئارا كېلىشىپ، ھەل قىلىپ توختاتقىلى بولغان بىلەن ئەقىدە ۋە كىملىك توقۇنۇشلىرىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ سەييىد قۇتۇپنىڭ يۇقىرىدا مەقسەت قىلغىنى.

ئەقىدىۋى تەھلىلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى

مەقسىتىم ئەقىدىۋى تەھلىلنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدە توختىلىش ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىماندىكى «ئەلۋەلا ۋەلبەرا» ئۇقۇمىغا بىۋاسىتە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇنداقلا «ئېيتقىنكى، ‹مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر›.» (ئەنئام) دېگەن قائىدىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەقىدىنى ئاساس قىلغان نەزەرىيەلەرنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

مەقسىتىم مۇشۇ تۈردىكى تەھلىلنىڭ پەيدا بولۇش، ئۈممەت ئىشلىرىنى قولىغا ئالغان ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇشۇ خىل تەھلىلگە يۈزلىنىشى ۋە ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە كىرگەن ياشلار ئارىسىدا تارقىلىش ۋاقتىدىن ئىبارەت.  مەنچە بۇنىڭدا  تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بار:

1 – ئەرەب دۇنياسىدا نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى تەقلىدىي كۈلتۈر ۋە ئىدىيە ئېقىملىرىغا ئوخشىمايدىغان يېڭىچە ئېقىملارنىڭ تارقىلىشى. بۇ ئېقىم ئىككى ھەرەم دىيارىدا شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابتىن باشلاپ تارقالغان بولۇپ، تەۋھىدكە ۋە ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ چاقىرىقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىدىن بېرى «ئەلۋەلا ۋەلبەرا» قارىشىدۇر. كېيىنچە بۇ قاراش ئىسلام ۋە ئەرەب ئۈممىتى دۇچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ ۋەقەلەردە مەيدانغا چىققان ئۆلىمالار تەرىپىدىن سىياسىي ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈلگەن. بۇ ۋەقە ياكى توقۇنۇشلارنىڭ قارشى تەرىپىدە دىن جەھەتتىن مۇخالىپ تەرەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىدىنى ئاساس قىلغان تەھلىل ئوبدانلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. ئالدىنقى نەچچە ئون يىلدا ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئارقىلىق ئېرىشكەن غايەت زور بايلىق رايوننىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا تەشۋىق قىلىنىشى ۋە باشقا ئەرەب ۋە ئىسلام رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭدىن باشقا شام ۋە مىسىر دىيارىدا ۋە ئاجىزراق ھالدا مەغرىپ رايونلىرىدا ئەرەب مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ يامرىشىمۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغان ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ باشقا يەردىكى دىنىي پىكىرگە قاتتىق تەشنا بولغان ياشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا رول ئوينىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر بىز پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىستاتىسكا ئېلىپ بارىدىغان بولساق ئەڭ مۇھىم ۋە كۈچلۈك مېدىيە ۋاسىتىلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىدە بولۇپ، بۇ باي دۆلەتلەر بىلەن ئورۇن ۋە ئىقىساد جەھەتتىن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ سەۋەبتىن شام (سۈرىيە ۋە ئىراق)، مىسىر دىيارلىرىنىڭ بۇرۇنقى سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى تەسىرىنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى كىڭەيدى ۋە پەرقمۇ زورىيىپ باردى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ شام ۋە مىسىر دىيارىدىكى دۆلەتلەر يەرلىك ئىسلام ھەرىكەتلىرىنى (ئوخشىمىغان نىسبەتتە) باستۇرۇپ، قارشىسىدا مىللەتچى ئېقىملار ۋە پارتىيەلەرگە يول قويۇۋاتقاندا ئەرەب قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئىسلامىي ھەرىكەتلەرگە، بولۇپمۇ سەلەپى ھەرىكەتلەرگە يول ئېچىۋەتتى. مانا مۇشۇلارغا باققىنىمىزدا ئىككى تەرەپتىكى پەرقنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ يوغىنىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

ئىككىنچى سەۋەب

ئەللىكىنچى ۋە ئاتمىشىنچى يىللاردا سەييىد قۇتۇپنىڭ پىكرى تارقىلىپ، جىھادچى ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ سەلەپىي ھەرىكەرتلەر ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. باشتا سۆزىدىن قىسقىچە نەقىل ئالدىم. شەكسىزكى گەرچە سەييىد قۇتۇپنىڭ پىكرى ئىخۋانلار ئارىسىدىن تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىخۋانلارنىڭ ئاساسى ئېقىم قارىشى ئەمەس ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنچە خەلقئارالىق تۈزۈمگە كىرىپ ماسلىشىشىغا، شۇ قۇرۇلما ئىچىدە تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەمەلىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق ياراتتى. باشقا ھەرىكەت ۋە ئېقىملار بولۇپمۇ جىھاد ھەرىكەتلىرى خەلقئارا قۇرۇلمىغا كىرەلمىدى ھەم ماسلىشالمىدى، ئەكسىچە دۇنيا قانۇنىيەتلىرىگە زىت ھالدا دۇنياۋى كۈرەش باشلىۋەتتى. بەلكىم شۇنداق سورىشىڭىز مۇمكىن، قانداقسىگە نەجد كۈلتۈرى (ئەرەب ئارىلى سەلەپىيلىكى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاپ ئېقىمى) نىڭ تەسىرىنى سەييىد قۇتۇپ ۋە ئىخۋاننىڭ تەسىرىنىڭ ئالدىغا قويدىڭىز؟  بۇنىڭ جاۋابىنى ئىككى نۇقتىدىن بېرىمەن:

1 – تۇقۇنۇشقا قارىتا ئەقىدىۋى تەھلىل قىلىش جىھاد ئېقىمى ياكى سەلەپى جىھاد ئېقىمىدا بەكرەك روشەن كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇلار نەجد دەۋىتىنىڭ ئەقىدە شەكلىنى ئاساس قىلغان.

2 – كۈچ ۋە نوپۇزغا ئىگە بولغان دۆلەت تۇتقان ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر (قولتۇق دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قوللاشقا ئېرىشىپ كەلگەن نەجد دەۋىتى) بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى نىشان قىلغان، يېتەرلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، زور قىيىنچىلق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ئىسلاھاتچى ھەرىكەت ئىدىيە ۋە كۈلتۈر ئارىسىدا زور پەرق بار. بۇنىڭدىن سىرت دۆلەت ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئۇ ھەرىكەتلەرنى توختىماي باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقتەك رېئاللىقمۇ بار.

ئۈچىنچى سەۋەب

ئەقىدىۋى تەھلىل ۋەقەلەر ئۈستىدە مۇرەككەپ بولمىغان يۈزەكى ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، جەمئىيەت زىيالىلىرى ۋە ئاقىللىرى ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان، چۇڭقۇر ۋە مۇرەككەپ تەھلىل ئەمەس. ئەقىدىۋى تەھلىل كۆرسەتمىسى مۇئەييەن ۋە ئېنىق بولغان شەرئىي نۇسۇس(قۇرئان ھەدىس، ۋەھيى)لارغا تايانغان جۈزئىي ئىزدىىنشتۇر. باشقا تەھلىللەر بولسا كەڭ دائىرىلىك كۈچ چىقىرىپ، ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇچۇر ئىگەللەش، مۇددىئانى تېپىپ چىقىش، ھادىسىلەرنى زامان ۋە ماكانغا باغلاش، ۋەقە يۈز بەرگەندىكى مۇھىت ۋە شارائىتلارنى ئېتىبارغا ئېلىش قاتارلىق مۇرەككەپ جەريان تەلەپ قىلىدۇ.

چۇڭقۇرراق ئىزدەنسەك بىرىنچى سەۋەب بىلەن ئۈچىنچى سەۋەبنى مۇنداق باغلىساقمۇ بولىدۇ. يەنى نەجد دەۋىتىنىڭ زاھىرىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن يېڭى بىر پىكىر ئېقىمى پەيدا بولۇپ، ئىزدىنىش، تەتقىقات، دەلىللەش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە قىياس تەققاسلاش ئۇسۇللىرى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. مانا بۇلار سەلەپىي جىھاد ھەرىكەتلىرىنىڭ پىكىر قاتماللىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. بۇلار كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئېغىر دەرىجىدە قاتمال بولغان يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبمۇ بولۇشى مۇمكىن.

سوئال ۋە جاۋاب

بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال چىقىشى مۇمكىن:  ئۇنداق غەربلىكلەرنىڭ توقۇنۇشنى ئەقىدىۋى تەھلىل قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان گەپ – سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

جاۋاب:  مەن بۇ يازمامدا بىر قانچە يەردە دەپ ئۆتتۈم. مەقسىتىم توقۇنۇشتىكى ئەقىدىنىڭ رولى ياكى تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ئەمەس، ئۇنى يۈزەكى بىر سەۋەب دېيىشمۇ ئەمەس. ئۇنى ھېچكىمنىڭ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتۈم. توقۇنۇشتىن ئەقىدىنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش (ئايرىۋېتىش) قۇرئان ۋە ھەدىسكە شەك كەلتۈرگەنلىكتۇر.

بۇ يازمامدا دېمەكچى بولغىنىم شۇ: ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار، توقۇنۇشلاردا ئەقىدىنىڭ تەسىرى زادى قانچىلىك، ئەرەب رايونىدا بولىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ يېقىنقى سەۋەبلىرى ئارىسىدا دىنىي سەۋەبلەر قانچىلىك؟ توقۇنۇشتىكى ئۇزاق تارىخىي سەۋەبلەر كۆپىنچە ۋاقىتتا خەلق ۋە دۆلەت ئەسلىمىسىدە دائىم ھازىر بولالمايدۇ (ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ). بىز توقۇنۇشقا چارە ئىزدىگەندە، ئىتتىپاق تۈزگەندە مۇشۇلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

مەن ھەرگىزمۇ رەئىس بوشنىڭ 2001 – يىلى 17 – سىنتەبىر كۈنى سەلىپ ئۇرۇشى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. 21 – سىنتەبىر كۈنىدىكى بىزنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىمىز، ئەركىنلىكىمىز تاجاۋۇزغا ئۇچرىدى دېگىنىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئىران ۋە ئۇنىڭ شىئە قۇراللىق كۈچلىرى توۋلاۋاتقان «ھۈسەينىيە» شوئارلىرىغا سەل قارىمايمەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئېنىرگىيە ئۇرۇشى»نى قوللاش ئۈچۈن «جامائەت مايىللىقى» پەيدا قىلىش كونتېكسىدە چۈشىنىمەن. چۈنكى خەلقنى نوقۇل نېفىت ۋە گاز دەپ ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئاسان ئەمەس. خەلق ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئەقىدە كۈچىگە موھتاج. دەل ئەقىدە خەلقنى ئەڭ قىزغىن بولغان كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇنداقتا بوش بۇ سۆلەردىن نېمىنى كۆزلىگەن ئىدى؟ ھەقىقەتەنمۇ يېڭىدىن ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى قىلماقچىمىدى؟ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈنمىدى؟ ياكى ئۇ خەلقىنى ئەڭ كۆپ ئېنىرگىيەنى بېسىپ ياتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا باشلاپ كىرمەكچىمىدى؟ مەنچە ئۇ خىتابىدا خەلقىگە ئېنىق قىلىپ بۇ مۇسۇلمانلار بىزگە ھوجۇم قىلدى، ئۇلارنى يوق قىلايلى، ئۇلار بىزنىڭ ھاياتىمىزنى، ئەركىنلىكىمىزنى قەستلىدى دېدى. لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ خەلقىگە ئۇلارنىڭ قولىدا بىزگە لازىملىق ئېنىرگىيە بار دېمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

شۇنداق، ئۇنىڭ دېگەنلىرى دىنىي بىر خىتاب، لېكىن ئاخىرقى مەقسەتتە ئۇ، كەلگۈسىدە چىقىرىدىغان قارارلىرىنىڭ ئارقىسىغا خەلقنى يىغماق، مەقسەت، قىتئە ھالقىغان شىركەتلەر ئۈچۈن ئېنىرگىيە توختاملىرى. ئۇنىڭ قىلغىنى مەلۇم مەقسەتتە دىننى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ مەقسەت ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن؛ باشقىلار ئۇنى بىلىۋالالايدۇ ياكى بىلىۋالالمايدۇ؛ ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس.

بۇ ھەقتە كاجلىق قىلىش بىھاجەت … تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئېرلاندىيەلىك ئاخباراتچى جوزىف كىلىفورد ئېرلاندىيە ۋاقتى گېزىتىدە 2003 – يىلى 4 – فېۋرال بەزى پاكىتلارنى يازغان. مەسىلەن: بوش ئائىلىسىنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى نېفىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، دادىسى جورج بوش خالقئارالىق نېفىت شىركىتى Carlysle Group نىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ ياۋرۇپادىكى ۋەكىلى بولسا ئەنگلىيە سابىق باش مىنىستىرى جون مېيجىر ئىدى. شۇنىڭدەك، بوشنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش مەسلىھەتچىسى كوندالىزا رايسنىڭ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق نېفىت شىركىتى Chevron دا ئىشلەيدىغانلىقى، بوشنىڭ ياردەمچىسى دىك چىنىينىڭ گىگانىت نېفىت شىركىتى Haliburton نىڭ سابىق مۇدىرى ئىكەنلىكى تاساددىپىيلىق ئەمەس. 90 – يىللاردىكى ئىراق ھۆكۈمىتى ب د ت بىلەن تۈزگەن نېفىت قارشىلىقىدا ئاشلىق كېلىشىمىنى روياپقا چىقىرىشتا ئۇ 34 مىليون دوللارغا ئېرىشكەن. يەنە 1999 – يىلى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئۆتىدىغان نېفىت گاز تۇرۇببىسى ئۈچۈن ئامېرىكا نېفىت شىركىتى Unocal غا رۇخسەت بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈش كېرەك.

يېگىرمە – ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى توقۇنۇشلاردىن نېفىت ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمىغاندەك، ھازىرقى توقۇنۇشلاردىنمۇ گاز ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ. قۇرۇقلۇق تاشيول، دېڭىزدا مال يۆتكەش ۋە تىرانسىپورتلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىنى توقۇنۇش خەرىتىسىدىكى مۇناسىپ ئورنىغا قويىمىشىز لازىم.

بىز پۇل، ئىقتىساد، كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر، نېفىت، گاز ۋە سۇنىڭ رولىنى، بۇلارنىڭ توقۇنۇش خەرىتىسىدىكى ئورنىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. مەنچە مۇشۇلار بۈگۈنكى ئەرەب رايونىمىزدا بولىۋاتقان توقۇنۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردۇر. بۈگۈنكى بۇ «مەدەنىيلەشكەن دۇنيا» بىزگە قارشى دىن ياكى سەلىپ بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق  دىندارلىشىپ كەتكىنى يوق.

بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرۇپ ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ دىندىن خالىي، سېكۇلار دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشى ھەقىقەتمۇ بىر مەسىلە. مۇسۇلمانلار بۇ ئەھۋالنى پەقەت دۆلەت قۇرۇلمىسى، دېمۇكراتىيە ۋە ھاكىمىيەت مەسىلىلىرىنى دېيىشكەندىلا ئەسكە ئالسا كېرەك.

بەزىلەر مۇنداقمۇ دېيىشى مۇمكىن، بۇشنىڭ دىندار خارەكتېرىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟  مەن  دەيمەن: خەۋېرىم بار. لېكىن بىز بۇ يەردە تۈزۈلمە ۋە ئاپپاراتلىرى بار دۆلەتلەردىن گەپ قىلىۋاتىمىز، شەخسلەرنىڭ خاھىشىدىن ئەمەس، بۇ جەھەتتە بوش ۋە باشقا ئامېرىكىلىق دىندارلار ھەممىسى ئوخشاش.

بىلىدىغىنىم شۇكى، غەرپ دىندىن خالىي بىر جەمئىيەت. بولۇپمۇ ئومۇمىي دۆلەت ئىشلىرى جەھەتتىن شۇنداق. شەخسلەر ھاياتى تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر بىز غەرب جەمئىيىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىدىغان بولساق ئۇنىڭدىكى ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىك بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن خىرىستىيانلىق ئامىلىنى بايقايمىز. خىرىستىيانلىق جەھەتتىنمۇ ئورتودوكس ۋە پروتىستانلارغا بولغان ئۆچمەنلىك بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن كاتولىك روھىنى بايقايمىز. لېكىن بۇ ئامىللار دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ دىندىن خالىيلىق تەبىئىتى سەۋەبىدىن ئاجىز ھەم يوشۇرۇنراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. لېكىن بۇ ھالەت باشقىلارنىڭ بۇ جەمئىيەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بەزى نادان مۇسۇلمانلارنىڭ غەربكە دىنىي ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئاجىز ئامىل كۈچىيىشى مۇمكىن. لېكىن كاتولىكلارنىڭ ئورتودوكس ۋە پروتىستانتلارغا قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئازىيىشى بۇ ئامىلنى (دىنىي ئامىلنى) تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە غەرب ھەققىدە ئېيتقانلىرىمىز ئىراننىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. چۈنكى ئىران دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن ئەقىدىسىنى ئاشكارا ئاساس قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئەقىدىسى شىئە مەزھەپچىلىكى ۋە ئەھلى سۈننەتكە بولغان دۈشمەنلىك بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇش غەرب بىلەن بولغان توقۇنۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، ئىراقتىكى ئۇرۇش ئىرانلىقلارنىڭ قانخورلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قانخورلىقىدىن ۋەھشىيلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئى مۇجاھىدلار، بۇ بىر تېپىشماقتۇر

يۇقىرىقىلار ھەققىدە ئېتىبارلىق ئىلمىي تەتقىقات مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلق قوزغىلىڭى بىلەن خەلقئارا ئارىسىدىكى توسالغۇنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەممىمىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى توقۇنۇشنى يالغۇز ئەقىدە نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىش توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا  مەسىلە پەيدا قىلدى.  قوزغىلىڭىمىزنىڭ دۇنياغا قىلىۋاتقان چاقىرىقىغا سەلبىي تەسىرى بولدى. چۈنكى بۇ تەھلىل ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىنىلا چىقىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاز ئۆتمەيلا رەھىمسىز نېفىت ۋە گاز تۇرۇببىلىرىغا ئۈسۈۋالدى. پۇل ۋە مەنپەئەتتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كاپىتالىزم ئالدىدا غولىغىلى تۇردى.

90 – يىللارنىڭ بېشىدا كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلاپ، 1992 – يىلى كېرەكسىز گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن كىيوتو كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى. 1994 – يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىستېمالچىسى بولغان ياۋرۇپا بىرلەشمىسى بۇ ئىتتىپاقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلاپ 1998 – يىلى رەسمى قول قويدى. 2009 – يىلى بۇن ئىتتىپاققا كىرگەنلەر 183 دۆلەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا يوق ئىدى. ھازىر بولسا قارا ئالتۇن دەپ ئاتالغان نېفىت دەۋرى ئاخىرلىشىشقا يۈزلىنىپ گاز ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە ئېنىرگىيە پىلانلىرىنى قايتا تۈزۈپ گاز مەنبەلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى باشقۇرۇشنى قايتىدىن قولغا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ …

بۇ ھەقتە روسىيە ئامېرىكىنىڭ نېفىت كونترول قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا مەيلى ئىشلەپ چىقارغۇچى مەيلى ئىستېمالچى دۆلەتلەرنى ئوخشاش كونترول قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئامېرىكا جۇڭگوغا ئوخشاش ئىستېمالچى بىر دۆلەتكە بېسىم قىلماقچى بولسا ئوپىك (نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى)قا بېسىم قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش ئارقىلىق باھانى كۆتۈرگەن. ئەگەر روسىيەدەك بىر ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتكە بېسىم قىلماقچى بولسا يەنە شۇ ئوپىك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىشنى ئاشۇرۇپ باھانى تۆۋەنلەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن روسىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گاز زاپىسىغا ئىگە بولغانلىقى ھەم ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى (ئىران، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆبېكىستان …) گاز زاپىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، گازنى ئاساس قىلغان يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى تۈزدى.

ئەمەلىيەتتىمۇ پۇتىن روسىيەنىڭ قايتىدىن دۇنيا خوجىسى بولۇشى ئۈچۈن ئىشنى ئاۋۋال 1995 – يىلى گازپروم شىركىتىنى تەسىس قىلىشتىن باشلىدى. شۇ ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تارتىپ گاز تۇرۇببىسى ئۆتىدىغان دۆلەتلەرگىچە، ئاخىرىدا ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرگىچە نوپۇزىنى يايماقچى بولدى. ياۋرۇپا دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇتىن گاز ئېكسپورت قىلىدىغان رايونلارنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلەتتى.

بۇ نىشان ئۈچۈن روسىيە بىر قانچە پىلان يولغا قويغان بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ مۇھىم ئىككىسى تۆۋەندىكىچە:

1 – شىمالغا ماڭغان تۇرۇببا پىلانى بولۇپ، روسىيەنىڭ شىمالىدىن گېرمانىيەگە گاز يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2 – جەنۇبقا ماڭغان تۇرۇببا پىلانى بولۇپ، روسىيەدىن قارا دېڭىز ئارقىلىق جەنۇبى ياۋرۇپاغا گاز يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا پىلانلارمۇ بار بولۇپ، ھازىرچە ئۇلار ئۈستىدە توختالمايمەن. لېكىن پۇتىننى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان پىلانلاردىن بىرى سۈرىيە ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ياۋرۇپاغا بارىدىغان قاتارنىڭ گاز پىلانى ئىدى.

ئامېرىكا بولسا روسىيەنىڭ پىلانىغا قارشى بىر ئىستىراتېگىيە تۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتىننىڭ گازپروم پىلانىغا قارشى نابۇپۇ تورۇببا يولى پىلانى بار ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنى گاز بىلەن تەمىنلەشتە ئىران، ئەزەربەيجان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رولى گەۋدىلىك ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ھېسابقا ئالمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ روسىيە ئەتراپىدىكى تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام تۈزۈپ ئۇلارنىڭ گېزىنى سېتىۋېلىش بولدى. بۇ بۇ گازلار ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ نابۇكۇ پىلانىنىڭ تەمىناتى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پىلانى ئاقساپ قالدى. ئامېرىكا يېڭى مەنبە ئىزدەشكە چۈشتى. بۇ قېتىمقى نىشانى نىسبەتەن مۇقىمراق ھەم زاپاس مىقدارى خېلى زور بولغان ئىران ئىدى. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى ئىران بىلەن يادرۇ كېلىشىمنامىسى تۈزۈش ئۈچۈن چېپىشىنىڭ سىرى ئىدى.

ئامېرىكىغا نىسبەتەن تۈركىيە ئۆتەڭ دۆلەت ۋە ئىستىراتېگىيەلىك «ئامبار» دۆلەتتۇر. سۈرىيەمۇ شۇنداق. ئىران بولسا ئۆزىنىڭ گېزىنى ئوتتۇرا دېڭىزغا ئىراق ۋە سۈرىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ توشۇيدىغانغا باشقىلار بىلەن توختاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە چوڭ بىر ئىقتسادى كوزىردىن مەھرۇم قالدى. ئامېرىكىمۇ تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان نابۇكۇ پىلانىدا زىيان تارتتى. بۇ، ياۋرۇپا بازىرىغا كۆز تىكىۋاتقان روسىيەنىڭمۇ زىيىنىغا ئىدى. مانا بۇلار روسىيەنى سۈرىيەگە تارتىپ كىرگەن ئىشلار. روسىيە سۈرىيەگە كىرىش ئارقىلىق بىر قانچە مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇپ، بۇلاردىن:

ئىران ياكى ئەرەب گېزىنىڭ ئوتتۇرا دېىڭىز ياكى تۈركىيە ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە ياۋرۇپاغا بېرىشىنى توسۇش.

بەزى تەتقىقاتلارغا كۆرە زاپاس مىقدارى غايەت زور بولغان ئوتتۇرا شەرق گاز مەنبەلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا سۈرىيەمۇ ئەرەب گېزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياكى تۈركىيەدىن ياۋرۇپاغا توشۇلىشىدىكى ئۆتەڭ دۆلەت، شۇنداقلا ئىران گېزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ياۋرۇپاغا كىرىشىدىمۇ ئۆتەڭ دۆلەت. شۇ سەۋەپتىن ياۋرۇپانىڭ ئېنىرگىيەسىنى تەمىنلەشتىكى كوزىر دۆلەتتۇر. بۇ ھەقتە كېيىنكى يازمامدا تەپسىلىي توختىلىمەن.

مۇھىم نۇقتىلار

شەكسىزكى توقۇنۇش ماھىيەتتە ئەقىدە توقۇنۇشى. كۈلتۈر، مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشلار توقۇنۇشى. لېكىن بۇ ئاخىرقى سەۋەپ بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى نەخ ۋەزىيەتتە توقۇنۇش ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تەبىئىي بايلىق، نوپۇز قاتارلىق سەۋەبلەر بەكرەك گەۋدىلىنىپ كۆرىنىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا توقۇنۇشنى ماھىيەتلىك سەۋەبلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ قاراش، مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىنى ئاددىيلا نوقۇل ئىقتىسادقىلا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس. بۇنداق قىلىش تارىخقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم كۈچ مەنبەسىگە سەل قارىغانلىقتۇر. ئەمما، شۇنىڭ  بىلەن بىرگە، توقۇنۇشتا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقان باشقا ئىككىلەمچى سەۋەبلەر ياكى ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەرنىمۇ توقۇنۇشنى تەھلىل قىلىشتا، بىر تەرەپ قىلىشتا پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەەس.

بىز يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشلاردا مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراش سەۋەبلىرىنىڭ بەزىدە روشەن گەۋدىلىنىپ، بەزىدە كۆۈۈنمەس بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا توقۇنۇش بىر سەۋەب بىلەن باشلىنىپ باشقا بىر سەۋەپ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەسلىدىكى سەۋەب ياكى مەقسەت ئاجىزلاپ يوقايدۇ ياكى توقۇنۇشقا باشقىچە مەقسىتى بولغان تەرەپلەر قېتىلىپ بارىدۇ. يەنى، توقۇنۇش دەسلىپىدە بايلىق ياكى مەنبە سەۋەبلىك باشلىنىپ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەدەنىيەت توقۇنىشىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ۋەياكى ئەقىدە سەۋەبىدىن باشلىنىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بايلىق ۋە نوپۇز توقۇنۇشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

توقۇنۇشنىڭ مۇشۇ ۋاقتىمىزدىكى خارەكتېرىنى تارىخىي سەۋەبلىرى بىلەن بىلىش بىزنىڭ توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز ۋە توغرا تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىزغا پايدىلىق. بىز شۇنداق قىلساق توقۇنۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان تەرەپكە يۈزلەندۈرەلەيمىز. مەدەنىيەت توقۇنىشى ھەرقانداق باشقا توقۇنۇشتىن كەسكىن بولىدۇ. ھازىرىمىزنى ۋە رىئاللىقىمىزنى چۈشىنىشىمىز بۇ توقۇنۇشنىڭ ئۈستىمىزدىكى بېسىمىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ، بولۇپمۇ قارشى تەرەپتىكى غەرب بىلەن ئارىمىزدىكى تېخنىكا ئۈستۈنلىكى ھەم بىزدىكى ئىقتىسادىي ئاجىزلىق پەرقىدىن باقساق تېخىمۇ شۇنداق.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر دۈشمەن تەرەپتە ئەقىدە ئامىلىنىڭ ئاجىزلاشقان ھالىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى دۈشمەن ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەلىرىدىن بىرى جەھەتتە ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇلارمۇ ئۈزۈكسىز بۇ مەنبەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. ئەپسۇس بىز تەرەپتىن بەزى ئەخمەقلەر ھېلى قىتئە ھالقىغان دۇنياۋى ئۇرۇش قوزغاش چاقىرىقلىرى ئارقىلىق، ھېلى ئۇ يەر بۇ يەرنى پارتلىتىش ئارقىلىق دۈشمەنگە ئەقىدە ئامىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانغا باھانە بەرمەكتە. يېقىندا ياۋرۇپادا- بېروكسىلدا ۋە پارىژدا -، بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئىراقتا ھۈسەينىيەلەر ۋە مەسجىدلەرنى پارتلىتىشلار ئاشۇ ئەخمەقلىقلەردىن بىرقانچىسى.  ئەنە شۇلار دۈشمەننىڭ ئەقىدە ئامىلىنى قوللىنىپ مەيلى غەرب مەيلى شىئەلەر بولسۇن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەھلى سۈننەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئەگەر بىز مۇشۇ كۈنىمىزدىكى توقۇنۇشنى «ئېنىرگىيە ئۇرۇشى» دەپ بىلەلىسەك بۇ چاغدا بىز بۇ توقۇنۇشنى «مەنپەئەت كېسىشىشى» رامكىسىدا تۇرۇپ ئىدراك قىلالايمىز ۋە شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ قوزغىلىڭىمىز مۇشۇ رامكا ئىچىدە خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كېلىشىم ۋە ئىتتىپاقلارنى قۇرالايدۇ. لېكىن ھازىر بۇ توقۇنۇشنى ئەقىدە توقۇنۇشى قىلىۋالساق ئىمكانىيىتىمىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۈشمەن بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك(دۇنياۋى، خەلقئارالىق) ئۇرۇشقا يۈزلىنىمىز. بۇنداق ئەقىدە توقۇنىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئەقىدە بارىسىدا ۋاز كەچمەي مۇمكىن بولمايدۇ.

خاتىمە

بىز ۋەقەلەرنى قانداق چۈشىنىش، قانداق تەھلىل قىلىش يوللىرىمىزغا قايتىدىن قاراپ چىقايلى. كۆپ تەرەپلىمىلىك، ئوبيېكتىپ رىئاللىقنى، مەيداندا بولىۋاتقان ئىشلارنى ئېتىبارغا ئالىدىغان، قايسى ئىشنىڭ  كەينىدە قايسى تەرەپ بار، كىمنىڭ مەنپەئىتى بار، قاچان، نېمىشقا قىلدى، نېمىشقا مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بەردى، دېگەندەك سوئاللارنى تاشلىشىمىز كېرەك. ئاندىن بىز خالايدىغان نەتىجە ياكى تاتلىق ئارزۇ ئارمانلىرىمىز، بىر تەرەپلىمە ئالدىن ھۆكۈملىرىمىزنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ئوبيېكتىپ جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك. مانا مۇشۇ ھالەتتە چۈشەنسەك، توقۇنۇشنىڭ بارلىق ماھىيەتلىك ۋە ئىككىلەمچى، يېقىنقى ۋە يىراق سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ھەر بىرىنىڭ بۇ توقۇنۇشتىكى تەسىرىنى مۆلچەرلەپ چىقساق، خۇددى ماتىماتىكىلىق مەسىلىگە تەڭلىمە تۈزگەندەك… مۇشۇنداق قىلساق «ئەلۋەلا ۋەلبەرا»نى ئاساس قىلغان، ھېسسىياتقا بېرىلگەن يۈزەكى ھۆكۈمدىن بەكرەك سان – سېفىر، ئۇچۇرغا تايانغان يېڭىچە بىر نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.

بىز ھەر تەرەپتىن قارىساق ئىنتايىن چوڭ ۋە ئۆزگىرىش تېز بولغان بىر ئۇرۇشتا تۇرۇپتىمىز. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئاقىللرىمىز، سەرخىللىرىمىز بۇ ئۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭىچە ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى زۆرۈر. باشقىلارغا قارايلى، ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا قارايلى، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇل – چارە ئىزدەۋېتىپتۇ.

بىزنىڭ تاپىدىغىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭكى دەلمۇ دەل ئوخشاش بولۇشى شەرت ئەمەس، لېكىن بىز چوقۇم يېڭىچە ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشىمىز كېرەك. لېكىن 5 يىلدىن كېيىنمۇ ئۆز ئورنىمىزدىن مىدىرلىماي كونا ئۇسۇلدا بۇ توقۇنۇشتا تۇرساق ھەرگىزمۇ ئىلگىرلىيەلمەيمىز. ئەكسىچە يوقىلىش گىردابىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز، خالاس.

شەكسىزكى دىن بۇ رايوننىڭ پۈتۈن ئۇرۇشلىرىدا تېپىلىدۇ. لېكىن بىز سورايدىغان ئەڭ مۇھىم سوئال شۇ: بۇ ئۇرۇشلاردا دىن سەۋەبمۇ ياكى ۋاسىتىمۇ؟

مەنبە: http://idraksy.net/interpretation-dogmatic-and-its-impact-on-conflict-management/