تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە قانداق تاللىشى قالدى؟

ئاپتورى: ھەمزە مۇستافا

تۈركىيە رەئىسى ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە يولغان قويغان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالماي ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيارەتتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا ئامېرىكا كۇرتلاردىن تەشكىل تاپقان YPG قوشۇنىغا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى تەمىنلىگەن ئىدى. بۇ ئارقىلىق دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى كۇرتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى، تۈركىيە بىلەن بولسا مۇسۇل ئۇرۇشىدا باشىكا بازىسىدىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى تاللىغان بولدى. بۇ، كىشىنى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئوتتۇرا ۋە يىراق مەزگىللىك تاللاشلىرى ئۈستىدە ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

يۇقارقى سوئاللارغا دەل جاۋاپ تاپماق قېيىن. چۈنكى رايۇن ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىش ئىنتايىن تىز بولىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنقەرەنىڭ قولىدا ئوخشىمىغان كوزۇرلار بار بولۇپ، سۈرىيە توقۇنىشىدا چوڭ كۈچلەرنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلالايدۇ.

لېكىن، ھازىر بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز تۈركىيەنىڭ مەيداندىكى ۋە رايۇندىكى يەرلىك گورۇھلار ئۈستىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت.

كۈزەتكۈچىلەرگە مەخپى ئەمەسكى، كۈرت كۈچلىرى سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چىگراسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەپ بولدى. ئۆتكەن ئاۋغۇستتا ئەنقەرە ئەركىن سۈرىيە كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ باشلاتقان فۇرات قالقىنى ھەرىكىتى PYD نىڭ شەرقى شىمالدا قامىشلى ۋە كوبانى بىلەن غەربى شىمالدىكى ئىفرىننى باغلاش پىلانىنى بۇزىۋەتكەن بولىسمۇ، كۇرت كۈچلىرى بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھەمكارلىقى ئاخىرىدا فۇرات قالقىنىنىڭ مىنبىجگە قاراپ ئىلگىرلىشىنى توسۇپ قويدى. ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن كۇرتلار مىنبىجدىن چېكىنىشى كېرەك بولىسمۇ، ئەمما ئۇلار چېكىنمىدى ۋە فۇرات قالقىنىغا قاتناشقا سۈرىيە بىرلىكلىرى ھەلەپ شەرقى ئەتراپىدا قامىلىپ قالدى.

ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن خىيانەتلەر نەتىجخسىدە ئەنقەرە نىھايەتتە ھەلەپ شەرقىدىكى مەۋجۇت نوپۇز تەقسىماتىنى قوبۇل قىلىپ، 3. ئاينىڭ ئاخىرىدا فۇرات قالقىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇپ قېلىش ۋە روسىيە بىلەن بولغان ئاجىز مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. ئەنقەرە كۇرت كۈچلىرى بىلەن ئىنتايىن تار بىر مەيداندا ئويۇن ئوينىدى. مەقسەت ئامېرىكىنىڭ نىيىتىنى بىلىپ باقماق ئىدى. شۇ سەۋەپتىن تۈركىيە ئايرۇپىلانلىرى سۈرىيەدىكى PKK  بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. PYD نىڭ سۈرىيە چىگرالىرىدىكى كۈچلىرىنى توپقا تۇتتى.  ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ كۆرۈشمىسى ئالدىدىكى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇچرۇشىشتا تەسىرى بولمىدى. چۈنكى يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ ئەنسىرەشلىرىگە پەرۋا قىلماي، PYD نى دائىشقا قارشى ئۇرۇشتىكى ئاساسلىق شېرىك قىلىپ تاللىدى. ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ ۋاشىنتون سۈرىيە ۋە تۈركيە چىگراسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە بىرونىۋېكلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ تۈركىيەگە ”دائىشقا قارشى ئۇرۇشىمىزنى ئاقساتما “ دېگەن بىر ئۇچۇرنى بەردى.  ئاندىن تۈركىيە ئالدىدا يەنە بىر توسالغۇ كۆرۈلۈپ ئۇنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرى ئۈستىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئاجىزلاتتى. يەنى فەتھۇششام 1. ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باشقا ئەركىن سۈرىيە كىچىك گورۇپپلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن(سۇقۇرشام، جەيشۇلئىسلام) ئىدلىپتە ھۆكۈمران ئىككىلا گورۇپ قالدى. بۇلارنىڭ بىرى ئەھرارۇششام ، يەنە بىرى ئەبۇ جابىرنىڭ باشچىلىقىدا بىر قانچە گورۇپپىلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان تەھرىرۇششام ئىدى.

ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ تەھرىرۇششام تۈركىيەگە قارىشى باياناتىنى قاتتىقلاشتۇردى. ئۇلار تۈركىيەنى ئىدلىپتا ئامېرىكا تېرورىست گورۇپپا دەپ ئېلان قىلغان جەبھەتۇننۇسرەنى يوقىتىش ئۈچۈن، فۇرات قالقىنىنى قايتا باشلاتماقچى ۋە تۈركىيە شۇ ئارقىلىق يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە تارتماقچى دەپ ئەيىپلىدى. كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ ۋاستىلىك ھالدا ئاستانە سۆھبىتىگە قاتناشقان تەرەپلەرنى يوقىتىمىز دەپ تەھدىت سالدى. بۇ يىل بېشىدا نۇسرە گورۇپپىسى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە گورۇپپىلار ۋە ساقرۇششام قاتارلىق بەزى ئىسلام گورۇپپىلارغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى. تەھرىرۇششام ھەتتا ئەسكەرلىرىنى يىغىپ بابۇلھەۋا چېگراسىغا بېسىپ كېرىمىز دەپ تەھدىت سالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئەھرارۇششام قېيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ”قاتتىق قول“ دەپ قارالغان بىر قىسىملار ئايرىلىپ تەھەرىررۇششامغا قېتىلپ كەتتى.  گەرچە بۇ ئايرىلىش ئەھرارۇششام ئىچىدە يىمىرىلىش پەيدا قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالدىكى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. نۇسرە ئەھرارۇرششامغا بۇرۇنقىدەك ئىستىراتىگگىيەلىك ئىتتىپاقداش دەپ قارىمايدىغان بولدى. بەلكى ئىدلىپ ۋە شىمال رايۇندا نوپۇز،ھوقۇق ۋە بايلىقتا رېقابەتچى دەپ قارايدىغان بولدى. باشقىچە ئيېتقاندا ئەھرارۇششامنى ئاجىزلاشتۇرۇش نۇسرەنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك نىشانى بولۇپ قالدى. نۇسرە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن يۇمشاق قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق شىمالى سۈرىيەدە مۇتلەق نوپۇزغا ئېرىشىپ ،تۈركىيەنى ئۆزى بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىشىشىقا مەجبۇرلىماقچى.

جىھاد مەيدانىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا نىزاسى ئېشىپ كەتكەن بۇنداق بىر رېئاللىقتا، ئەھرارۇششام تۈركىيەنىڭ ئاستانە ۋە جەنۋەگە ئاكتىپ قاتنىشپ، كەلگۈسىدىكى كېلىشملەردە ئورۇن ئېلىش چاقىرىقىغا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە روسىە ئالدىدا ”ىتتىپاقداشلىرى“غا بېسىم قىلالمىغان ئاجىز بىر تەرەپ بولۇپ كۆرۈنۈپ قالدى.

تۈركىيە بارا- بارا سۈرىيەدىكى زېمىندىكى نوپۇزىنى يوقىتىپ قويماقتا، لېكىن بۇ، تۈركيە پۈتۈنلەي ئويۇن سىرتىدا قالدى دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما تۈركىيەنىڭ ئەركىن ھەرىكىتى چەكلىنىپ، مەيداندىكى باشقا ئويۇنچىلارغا باغلىنىپ قالدى. يۇقارقىلارغا ئاساسەن، تۈركىيە ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ رەققەنە قايتۇرىۋېلىشىدا ئۆزىگە ئېھتىياجى بارلىقىغا دو تىكمەكتە. چۈنكى كۈرتلار ھازىرقى كۈچى بىلەن ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تۈركىيە يەنە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە قىلىۋاتقان ياردەملىرى سەۋەبىدىن ئىسلامى گورۇپپىلارغىمۇ ئۈمىت باغلىماقتا…

لېكىن بۇ ئۈمىتلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ۋاقىتلىق چارىدىن دائىمىيلىققا ئۆزگىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمىز. بۇنداق بولغاندا سۈرىيەنىڭلا ئەمەس پۈتۈن رايۇننىڭ خەرىتسى قايتىدىن سىزىلىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: https://www.alaraby.co.uk/opinion/2017/5/23/%D9%85%D8%A7%D8%B0%D8%A7-%D8%AA%D8%A8%D9%82%D9%89-%D9%84%D8%AA%D8%B1%D9%83%D9%8A%D8%A7-%D9%85%D9%86-%D8%AE%D9%8A%D8%A7%D8%B1%D8%A7%D8%AA-%D9%81%D9%8A-%D8%B3%D9%88%D8%B1%D9%8A%D8%A9-1/9