سەلا ئېيتىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئىككى كىشىگە 13 يىللىق قاماق جازاسى

تۈركىيەدىكى 15- ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدا، سىۋاسنىڭ گەمەرەك ناھىيەسىگە قاراشلىق سىزىر بازىرىدىكى مەركىزىي مەسجىد ئىمامىغا سەلا ئېيتقۇزمىغان ئىككى كىشىگە 13 يىل بەش ئايلىقتىن قاماق جازاسى بېرىلدى.

سىۋاس 2- ئېغىر جازا مەھكىمىسىدىكى سوتقا قولغا ئېلىنغان جاۋابكار ئەتەم ئۇلۇتاش، بەزى قولغا ئېلىنمىغان جاۋابكارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى قاتناشتى. جاۋابكارلاردىن ئاخىرقى سۆزلىرىنى سورىغان سوت ھەيئىتى بىر ئازدىن كېيىن قارارىنى ئېلان قىلدى.

سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىنغان جاۋابكار ئەتەم ئۇلۇتاش بىلەن ئۇنىڭ قېيىن ئىنىسى – تېخى قولغا ئېلىنمىغان جاۋابكار ئەمرە كەرەچكە مەسجىدكە كىرىپ سەلا ئوقۇغان ئىمامنى زورلاپ ۋە پىچاق بىلەن قورقۇتۇپ ئاۋازىنى ئۆچۈرگەنلىكى سەۋەبى بىلەن، ”ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا ياردەم بېرىش“ جىنايىتى بىلەن 12 يىل 6 ئايلىقتىن قاماق جازاسى بەردى.

ئۇندىن باشقا، ھۆكۈمەت خادىمىغا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەنمۇ 11 ئاي 20 كۈندىن قاماق جازاسى بېرىلگەن جاۋابكارلار جەمئىي 13 يىل 5 ئاي 20 كۈندىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قولغا ئېلىنمىغان يەتتە جاۋابكارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى. قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، قولغا ئېلىنمىغان جاۋابكار ئەمرە كەرەچ قولغا ئېلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/guncel/haber/2340883-sela-okunmasini-engelleyen-iki-kisiye-13-yil-hapis