ئەردوغاننىڭ ئاخىرقى ئەيىپلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە سودا ئۆمىكى ئىسرائىلىيەدە

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق بىلەن ئەيىپلىگەندە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ۋە سىياسەتكە مەسئۇل كىچىكلىتىلگەن ھۆكۈمىتى ئەزاسى يۇئاف گالنىت ”ئەردوغاننىڭ بۇ سۆز ھۇجۇمىدا ھېچقانداق نەرسە ھەقىقىي ئەمەس، چۈنكى ئۇ پات پات ئىچكى سىياسىي مەنپەئەت نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بايانات ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئىش ئەمەلىيەتكە كەلگەندە، تۈركىيەنىڭ باشقا مەنپەئەتلىرى بار“ دېگەن ئىكەن.

ھازىر بۇ سىياسىئون كۈتكەندەك ئىش بولدى. تۈركىيەنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سودا ئۆمىكى 120 كىشىلىك ئادەم بىلەن ئىسرائىلىيەگە كەلدى. ئۆمەك ئىچىدە ئېكسپورتچىلار، تۈركىيەنىڭ ئېنىرگىيە، قۇرۇلۇش، ئاۋىئاتسىيە، ئاشلىق ۋە زىرائەتچىلىك ساھەلىرىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ دېرىكتورلىرى بار. تەھلىلچىلەر بۇنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى دەپ كۆرسەتتى.

بۇ تۈركىيە سودا ئۆمىكىنىڭ بېشىدا تۈركىيە ئېكسپورتچىلار كېڭىشى رەئىسى مەھمەت بۈيۈكئېكىشى بار. ئۇ بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇشنى بەش يىل ئىچىدە ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە ئۆستۈرۈشكە چاقىردى. ئېروسالىمپوست گېزىتىگە قىلغان سۆھبېتىدە بولسا “ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى، تۈركلەرنىڭمۇ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىىدىغان ۋاقىت ھەم كەلدى.“ دېدى. ئۇ يەنە كەلگۈسى بەش يىلدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇش سوممىسىنىڭ ھازىرقى 3.9 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى، تۈرك ۋە ئىسرائىلىيە كارخانىچىلىرى ئارىسىدى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سودا بازىرىغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى سىياسى ئالاقىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى كۆرسەتتى.

بۇ ئۆمەكنىڭ زىيارىتى، ئىسرائىلىيە سودا دوكلاتلىرىدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ئېكسپورتىنىڭ %20 ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەگە ئېكسپورتى بولسا %45 ئاشقان.

بۈيۈكئېكىشى گېزىتكە قىلغان سۆھبېتىدە يەنە ئىسرائىليە بىلەن تۈركىيە سودىدا بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە. ئىككى تەرەپتىن كارخانىچىلار سودا ئالماشتۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئورتاق تۈرلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. كارخانىچىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياخشىلىنىدۇ دېدى.

ئىسرائىليە سودا ئورگىنىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇش 2006 .يىلى 4 ملىيارد دوللارغا يېقىنلاشقان. گەرچە 2015 يىلىدا چېكىنگەن بولسىمۇ، 2016 .يىلى ئىسرائىليەنىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 1.3 مىليارد دوللارغا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېكسپورتى بولسا 2.6 مىليارد دوللارغا يەتكەن .

گېزىتنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ ئۆمەكنىڭ زىيارىتى ئىسرائىليە سودا ئورگانلىرى ۋە تۈركىيە-ئىسرائىلييە سودا بىرلىكى،ئىسرائىلىيە ئېكسپورتچىلار ئىنىستىتوتى ۋە ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مېنستىرلىكى ، ئەلچىخانلىرىنىڭ ئورتاق كۈچىشى بىلەن تەشكىللەنگەنكەن.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.jpost.com/Israel-News/Politics-And-Diplomacy/Turkish-industrial-leaders-call-for-trade-increase-with-Israel-490952