ئوتتۇرا ئاسىيا مۇجاھىدلىرى ئەنقەرە بىلەن موسكۋا ئارىسىدا

ئاپتورى: باسىم ئەلھاج جاسىم

ئالدىنقى يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرىدا دىققەت چەككىنى ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەنلىكىدۇر (ئالدىنقى يىلى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى ھۇجۇم، يىل بېشىدا ئىستانبۇل رېينا كۇلۇبىدىكى ھۇجۇم، رۇسىيە سانت پېتسبورگ مېترو ھۇجۇمى ۋە ئاخىرىدا شىۋىتسىيەدىكى ماشىنا ھۇجۇمى قاتارلىقلار).
سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقى خەلقئارادا ئەڭ كەمبەغەل خەلقلەردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئىرقى، دىنى توقۇنۇش ۋە سىياسى ئىستىبدادلىق بىر تارىخ. ئۆزبەكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئەڭ بېكىنمە ۋە مۇستەبىد دۆلەتلەردىن.  تاجىكىستان بولسا 90. يىللاردا ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى. قىرغىزىستانمۇ ئىككى ئىنقىلاپ ۋە بىر قېتىملىق ئىرقى تۇقۇنۇشنى باشتىن كەچۈردى. پەقەت قازىقىستانلا سىرتتىن ئېنىرگىيە ساھەسىگە سىلىنغان مەبلەغلىرى بىلەن بىر قەدەر مۇقىم بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايىف تەكرار سايلىنىپ، 1989. يىلىدىن بېرى بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ سوۋىت كوممىنىستىك پارتىيىسىنىڭ باشكاتىپى ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھاكىميىەتلەر ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. دېمۇكراتىيە يوق بولغانلىقى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن دائىشنىڭ مەيدانغا چىقىشى بۇ رايۇندا يېڭى بىر خەتەرنىڭ كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇنى سوۋىت دەۋرىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەتەر دەپ قارىماقتا.

ئۆزبەكىستان ساقال قويۇش ۋە ئىسلامى كىيىنىشنى چەكلىدى. قىرغىزىستان بولسا مەسجىد ئىماملىرىنى قاتتىق كونترول قىلدى. تاجىكىستاندا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئالاھىدە قىسمىنىڭ كوماندىرى گۇل مۇراد خەلىمۇف دائىشقا قېتىلىپ كەتتى. تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە روسىيگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. كۈزەتكۈچىلەر بۇ كوماندىرنىڭ قېچىپ دائىشقا قېتىلىشى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ دەلىلى دەپ قاراشتى. بەزى سان سېفىرلارغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكاز رايۇنىدىن تەخمىنەن يەتتە مىڭدىن ئون مىڭغىچە كىشى دائىشقا قېتىلغان . بۇنىڭدىن باشقا روسىيەدىكى مۇسۇلمانلاردىنمۇ قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ، مۇسكىۋا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت. بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ياكى دائىشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا مەغلۇبىيىتى ئۇ يەردىن يۇرتلىرىغا قايتقانلارغا قولايلىق يېڭى بىر ماكان تەييارلاپ تۇرماقتا .

ئەگەر ئېراق ۋە سۈرىيەدىكىلەر ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتسا، دائىش ئۇ يەرلەردە يېڭى ئۇرۇش فرونتى ئاچالايدۇ . ئافغانىستان بۇ قايتىشنىڭ يولى بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى ئافغانىستان بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دېڭىزى بولمىغان قۇرۇقلۇق چىگرالىرىنى تولۇق كونترول قىلىش بەسى مۇشكۇل.

بۇرۇن ئافغانىستانغا يىغىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇجاھىدلارنىڭ ئەزەلدىن ئوقۇش تارىخى يۇقۇرى. چۈنكى سوۋىت ئىتتىپاقىدا ساۋاتسىزلىق ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئوقۇش نىسبىتى %97گە يەتكەن. بۇ %30 لىك ئافغانىستانغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يۇقۇرى. شۇڭلاشقا بۇ مۇجاھىدلار تىزلار ئۆزلىرى قوشۇلغان ھەرىكەتلەردە يۇقۇرى ئورۇنغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇلار پارتلاتقۇچ ۋە باشقا قۇرال – ياراق ياساشقا كېتەرلىك بىلىم ساھىپلىرى بولۇپ، بۇ دەل دائىش ۋە باشقا قۇراللىق ھەرىكەتلەر مۇھتاج بولغان ئامىل ئىدى.

ياۋرۇ ئاسىيا مەركىزى تەييارلىغان بىر تەكشۈرۈش ماقالىسىدە كۆرسىتىشلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇجاھىدلىرى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشكىمۇ ماھىر ئىكەن. ئۇلار بۇنى دائىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك قوللانماقتا (سۈرىيەدىكى ئۆزبەكلەرنىڭ تور بېتى ۋە ۋىدىئو قانىلى، تىۋىتتەر ھېسابلىرى بار). بۇلار ئىجتىمائي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى روس تىلى قوللىنىدىغانلار ئارىسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق دائىش تەشۋىقات ۋە چاقىرىقلىرىنى ئىشسىزلىق ۋە كەمبەغەللىق تارقالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلىرى ئارىسىدا تارقىتىدۇ . بۇ ياشلار روسىيەگە بېرىپ ناچار شارائىتتا ئىشلەيدۇ. جىھاد ھەرىكەتلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋە چاقىرىقلىرى بولسا دىنى مەزمۇنلىرى بىلەن ئىنتايىن جەلپكار. بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىس يانا بارچۇك مۇنداق دەيدۇ : بولۇپمۇ دائىش بۇ ياشلارنى يالغۇز دىنى تەشۋىقاتى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ماددى جەھەتتىنمۇ قىزىقتۇرىدۇ .

لېكىن ئۇلارنى يالغۇز پۇلنى دەپلا بۇ ھەرىكەتلەرگە قېتىلىدۇ دېيىش توغرا ئەمەس. بۇ ھەرىكەتلەر ئۇلارغا ئۆزلىرىنى مۇقەددەس بىر ۋەزىپە ئورۇنداۋاتىمىز دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ . (ئۇلارنىڭ دىنى بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاجىز، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت دىنى مائارىپتىن ئايرىلىپ قالغان ). توغرا، ئۇلار ماددى ئامىل بولمىغان بولسا ئۆز يۇرتلىرىدىن نەچچە مىڭ كېلومتېر يىراقتا ئۇرۇش قىلماسلىقى مۇمكىن،لېكىن دىنى ئامىل پەقەت بولمىغان بولسا ئۇلار يەنىلا ئۇ ھەرىكەتلەرگە قېتىلمايتتى. ئەگەر يالغۇز ماددى ئامىل سەۋەبىدىنلا بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ باشقا دىنى بولمىغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرگىمۇ قېتىلىپ ئۇرۇش قىلغىنىنى كۆرەتتۇق..

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە دائىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلالىشىنىڭ كۆپخىل سەۋەپلىرى بار. بولۇپمۇ بۇ رايۇندىكى بىرقانچە ھەرىكەت ۋە داڭلىق كىشىلەر (ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى) دائىشقا بەيئەت قىلدى.

دىققەت تارتىدىغىنى يۇقارقى ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانى، دائىشقا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇلار بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام ھاكىميتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، دۈشمىنى موسكىۋا ئارقى تېرىكى بولغان مۇستەبىد ھاكىمىيەتلەر ئىدى. ئۇلار ھازىر ئىراق ۋە شام دۆلىتىنى قوغداشقا ئۆتتى. ئەگەر ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتسا بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغان سىنارىيەدە ھەرىكەت قىلىشى مۇمىكىن . مانا بۇ روسىيەنى ئەنسىرىتىدىغان ئىش. شۇنداقلا روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا ئارىلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. روسىيە سۈرىيەدىلا ئۇلارنى يوقىتىپ يۇرتلىرىغا قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.

ھېچكىم ئېنىق جاۋاپ بېرەلمىگەن بىر سوئال بار. ئۇ مۇجاھىدلار سۈرىيەگە قانداق بارالىدى؟ تاجىكىستان رادىكاللىققا قارشى ئىشلار مۇتەخەسسىسى ئىدۋار لىموننىڭ قارىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ياشلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى بۇ جىھادچىلىق پىكىرى بىلەن روسىيەگە ئىشلەشكە بارغاندا تونۇشىدىكەن. ئۇلار روسىيەدە ناچار ئىش مۇھىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇلار روسىيەدىن سۈرىيە ۋە ئېراققا يۆتكىلىدۇ.

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى مەسئۇل ئالتاي جەئفەرۇفنىڭ گېپىچە ئۇلار ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىراق ۋە سۈرىىيەدە دائىش ئۇلارغا مۇجاھىد ئېتبارى بىلەن باشقىلارغا قارىغاندا ئەۋزەل شارائىت بېرىدىكەن ۋە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدىكەن . روسىيەدە بولسا ئۇلار بىر ئۆيدە ئونلاپ كىشى تۇرىدىغان بولۇپ، مىللەتچى روسلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

ئاخىرىدا شۇنى دېيىش كېرەككى، ئوتتۇرا ئاسىىيا خەلقى، پارسلارغا تەۋە تاجىكلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركى خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋىت مەدەنىيىتىدە تەربىيەلەنگەن.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.turkpress.co/node/34591