تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئارزۇسى يوققا چىقتى

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئارزۇسى يوققا چىقتى. ئەردوغان كۇردلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ترامپنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقتى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈرك ئارمىيەسى كۇردلارغا ئىراق ۋە سۈرىيەدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىككى تەرەپنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئارىغا چۈشتى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كۇرد ئەسكەرلەرگە قېتىلدى.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئادەم توشۇيدىغان ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كاراچوك دېگەن يېرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئوفېتسىرلەر تۈركيە تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، PKK نىڭ شاھىن جىلو كود ئىسملىق ئەمەلدارى ئابدى فەرھاد شاھىنغا قېتىلغان . بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ، PKK نىڭ سۈرىيە قانىتى بولغان PYD گەرچە تېرور تىزىملىكىدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. جىلوغا تەۋە قوشۇن ئامېرىكىنىڭ دائشىقا قارشى ئۇرۇشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ قالغان .

ئەنگىليە گاردىيان گېزىتىنىڭ خەۋېرىچە، سۈرىيە توقۇنىشىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ بۇ نۇقتا تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلىرىدا پۈتۈن تۈركىيە چېگراسىنى بويلاپ، ئامېرىكا ھەربى ماشىنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.  تۈرك ئەسكەرلىرى شىمالدا، سۈرىيەدە خەلق قوغداش ئارمىيەسى YPG دەپ تونۇلغان كۇردلار جەنۇپتا بولۇپ ئىككىسىنىڭ ئارىىسىدا چەكلەنگەن رايۇن قۇرۇلدى. بۇ كۇردلار PKK بىلەن زىچ باغلانغان .

تۈركىيەنىڭ غەزىپىنىڭ كەلگەن بولسىمۇ، ۋاشىنتون ھازىرمۇ بۇ كۇردلارنى رەققەنى تارتىۋېلىشتا مۇھىم ئىتتىپاقداش دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرماقتا.

گاردىياندا يېزىلغىنى بويىچە، تۈركىيە ترامپ چىققاندىن كېيىن بۇ پوزىتسىيە ئۆزگىرىشى كېرەك دەپ قاراپ كەلگەن . تۈركىيە ئوبامانىڭ كۇردلارنى  ۋاكالىتەن قوللىنىشى ۋە ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشىدىن قاقشاپ كەلگەن ئىدى. يېڭى رەئسنىڭ چىقىشى ئۇلاردا ئامېركىنىڭ ئۆزى ئەسكەر ئەۋەتىپ ياكى تۈركىيە تەكلىپ بەرگەندەك ئەرەب قوشۇنلىرىغا تايىنىپ دائىشنى يوقىتىش ئۈمىدىنى كۈچەيتكەن .

ئامېرىكا كۇرتلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئازايتىش ئورنىغا تېخىمۇ كۈچەيتتى. تۈركىيە رەئىسى ھەريەردە ۋاشنتون بىلەن كۇردلارنىڭ بۇ گۈللەنگەن مۇناسىۋىتى كۈردىستان ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ۋە تۈركىيەدە توپىلاڭ پەيدا قىلىدۇ دەپ كەلدى.

ۋاشىنتون ئالاھىدە قىمسىلىرىدىن 500 دىن كۆپ ئەسكەرۋە مەشقاۋۇلنى سۈرىيە دېمۇكراتىك قوشۇنىغا ياردەمگە ئەۋەتتى. بۇ قوشۇندىكى كۆپلىگەن ئوفىتسىرلەر يىللار بويىچە تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ پىشىپ كەتكەن PKK غا تەۋە.

تۈركىيە بىر تەرەپتىن 911 كلومېترغا سوزۇلغان ، 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىگرا تېمىنى ياساۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۇردىستان رايۇنىغا بېسىم قىلىپ YPG ۋە PKK نىڭ سىنجاردىكى ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە پەشمىرگە ئەسكەرلىرى بىلەن PKK ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى.

گاردىيان يەنە رايۇندىكى بىر ھەربىدىن نەقىل ئېلىپ : تۈركىيە ۋاشىنتوننىڭ PKK بىلەن ھەمكارلىقتىن ۋاز كېچىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا سىزغان يولدىن ئايرىلىشىنى تىزلەتمەكتە.

بۇ ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك، بەزى تەھلىلچىلەر 25. ئاپرىل سۈرىيەدىكى YPG ۋە ئىراق سىنجاردىكى PKK غا قىلغان ھاۋا زەربىسىدىن كېيىنكى ئاچچىق رىئاللىق بۇرۇنقى تاتلىق خىياللارنى يوققا چىقاردى..

تەھلىلچىلەر ئەنقەرەنىڭ بۇ ھاۋا زەربىسىدىن نىيىتى، ئامېرىكىنىڭ PKK غا تەۋە قۇراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سىناپ بېقىش دەپ قارىماقتا. ئەنقەرە بۇ ئارقىلىق  16. مايدىكى ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن تومۇر تۇتۇپ بېقىشكەن.  تۈركىيە بۇ ھاۋا زەربىسىگە ئامېرىكىنىڭ بەرگەن ئىنكاسىغا قاراپ ئاندىن بۇ ئۇچرىشىشتا نېمە دېيىشىشنى قارار قىلماقچى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تاشقى ئىشلار مېنىستىرى رېكس تېلىرسوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بەزى مەسئۇللارترامپ ئەردوغان بىلەن تېلىپۇندا كۆرۈشكەن نەقمەيدانغا بار بولۇپ بولۇپ، ئەردوغاننىڭ سىياسەتلىرىدە يول قويۇشقا قارشى تۇرغان.

ترامپ ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئورتاق قارىشىچە ئەردوغاننىڭ كۇرتلارغا ھۇجۇم مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىششتە چىڭ تۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىن سۈرىيە ھەققىدە كەسكىن ۋەدىلەرنى ئېلىشقا بولاتتى. لېكىن ئالدىنقى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن بۇنداق پۇرسەت يوققا چىقتى. سۈرىيەلىك كۇردلار ئاقسارايغا بۇ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئەيىپلەش ئۈچۈش بېسىم قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن كۇردلار ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن قۇرۇش تەكلىۋىنى بەرمەكتە. لېكىن بۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ۋە ئامېرىكا ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدۇ..

ۋاشىنتون سۈرىيە كۇردلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا YPGنى ئۆزلىرى تېرور تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن PKK بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئاقلايدۇ. مۇشۇ باھانىدە ئامېرىكا بىر ۋاقىتتا YPGنى قۇراللاندۇرۇش بىلەن بىرگە PKK ھەققىدە ئېرىشكەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى تۈركىيەگە بېرىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://alasr.ws/articles/view/18616