جۇڭگو ۋە ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشى

ئۆتكەن يىللاردا جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئوخشىمايدىغان يوللاردا مېڭىپ باقتى. ئۇلار بۇ رايوندىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىگە تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. لېكىن بۇ رايوندىكى سىياسىي كرىزىسلاردىن ئىمكانقەدەر ئۆزلىرىنى تارتىپ كەلدى. ئەمما بۇنداق مۇناسىۋەت ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار ھازىر بۇ رايوندىكى سىياسەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، رايون سىياسىي مەسىلىلىرىگە قارىتا ئارىلىشىش پوزىتسىيەسىنى ئېنىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ھازىرچە بۇ ئىككى دۆلەت تېخىمۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىش ۋە نېفىت بازىلىرىنى ئېچىش ئۈستىدە رىقابەتتە تۇرماقتا.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتسادى پائالىيىەتلىرى ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىدىكى سۈركىلىشنىڭ تەسىرىگە تېخى ئۇچرىمايدىغاندەك قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھازىرقى ئىقتسادى سۈركىلىش مەيدانى رايۇندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە سودا بازىرىغا ئېرىشىش بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر بۇ ئىككى دۆلەت شېركەتلىرى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ”سودا جېڭى“ قىلىۋاتىدۇ دېيىشىدۇ .  قارىغاندا بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادتىكى مەنپەئەتلىرى بۇ رايۇندىكى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك قىلىدۇ.

20. ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ توكيو ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاستا ھەرىكەت قىلدى .. بەزىلەر جۇڭگۇ، ئەرەب باھارىدىن كېيىن چىققان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى رايۇندىكى ئورنىنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى. ياپۇنىيە بولسا ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا قول تىقىشتا ئالاھىدە سەزگۈر بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىككى دۆلەت تىنجىماس ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ بەك ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ .

شۇنداقتىمۇ، ئوتتۇرا شەرق  ياپۇنىيەگە يېرىم ئەسىردىن بۇيان قويۇلغان ھەربى كۈچ قوللىنىش چەكلىمىسىنى ئازايتىشتا رول ئوينىدى. بۇ، جۇڭگۇنى ئەنسىرىتىپ قويدى.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ياپۇنىيە چىقارغان، دۆلەت سىرتىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش قانۇنى، ياپۇنىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ھەربى كۈچ قوللىنىش چەكلىمىسىنى ئازايتتى. بۇنىڭغا ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەقەلەر سەۋەپ بولدى.

يەنى بۇ رايۇندا چىققان مەسىلىلەر. مەسىلەن 1991 – يىلىدىن كېيىن ، ياپۇنىيە ئۆزىنى مۇداپىە قىلىش قانۇنىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، 1992 – يىلى خەلقئارا تىچلىق ھەمكارلىق قانۇنى ئېلان قىلدى . 11 – سىنتەبىردىن كېيىن تېرورغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە قانۇنى ئېلان قىلدى. ئوتتۇرا شەرق ياپۇنىيەنىڭ بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

تېرورغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە قانۇنى، ياپۇنىيەنىڭ خەلقئارا تېنچلىق ساقلاش قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ھەربى ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ يولىنى ئاچتى.

2009 – يىلى ياپۇنىيە ئەسكەرلىرى ئەدەن بوغۇزىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن ياپۇنىيە ھەربى كۈچ قوللىنىش دائىرىسىنى كەڭەيتتى.  ياپۇنىيەنىڭ مانا مۇشۇنداق ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرگە ھەربى جەھەتتىن ئاكتىپ قاتنىشىشى سەۋەپلىك، جۇڭگۇمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى سىرتتا ھەربى كۈچ قوللىنىش چەكلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

جۇڭگۇدىكى مەنبەلەرنىڭ دېيىشىچە، ياپۇنىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ھەربى كۈچ تۇرغۇزىشى ھەققىدىكى قانۇنلاردىن مەقسەت، ئۆزىنىڭ ھەربى كۈچىنى زورايتىش ۋە سىرتتا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىكەن..

دېمەك بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ ھەربى جەھەتتىكى رىقابىتى تېخىمۇ زورايتىشى مۇمكىن..

ياپۇنىيە ۋە جۇڭگۇنىڭ بۇخىلدىكى دېنامىكلىقى بىزگە بەزى ئىبرەتلەرنى بەرگۈسى. ئۇلارنىڭ نىشانلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا شەرقكە ئارىلىشىىشىمۇ ئورانىمۇ ئۆزگەردى.   غەرپلىكلەرنىڭ ئەكسىچە، بۇ رايۇندا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈش بۇ ئىككىسىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مەقسىتى بولغان ئەمەس. شۇڭلاشقا غەرپلىكلەر بۇلاردىن كەلگۈسىدە رايۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا بەك چوڭ ياردەم ئۈمىت كۈتەلمەيدۇ .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://rassd.net/205756.htm