بىر كېچە تۇيۇقسىز تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى …

ئاپتورى: مۇرات يەتكىن

سۆزى ئۈمىت ياشار ئوغۇزجاننىڭ، مۇزىكىسى رۈشتۈ شارداغنىڭ بولغان بىر ناخشا: بىر كېچە تۇيۇقسىز كېلىشىم مۇمكىن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن، يەنى 30- ئاپرېلدا ھىندىستانغا ”ھىندىستاننىڭ ئەردوغانى“ نارەندرا مودىنىڭ يېنىغا كېتىۋاتقاندا، بىر كۈن ئاۋالقى “ بىر كېچە تۇيۇقسىز كېلىشىمىز مۇمكىن“ دېگەن سۆزلىرىنى تەكرارلىدى.

بۇ ناخشىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە باشقىچە بىر ئورنى بار. 1974- يىلى سىپرۇستا گرېتسىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ EOKA تەشكىلاتى بىلەن بىللە قوزغىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ سىپرۇس ئارىلىغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىنىڭ ھارپىسىغىچە سوزۇلىدۇ بۇ ناخشىنىڭ ھىكايىسى. ئۇ مەزگىلدە سىپرۇس گرېكلىرى تۈركچە تارقاتقان تەشۋىقات ئاڭلىتىشلىرىدا دائىم ”ساقلىدىمدە كەلمىدىڭ“ دېگەن ناخشىنى قوياتتىكەنتۇق. ئوخشاش شەكىلدە سىپرۇس تۈركلىرىنىڭ رادىيوسىدا ”بىر كىچە تۇيۇقسىز كېلىشىم مۇمكىن“ دېگەن ناخشا قويۇلاتتىكەنتۇق. ئىككى گۈزەل ئاشىق ناخشىسى شۇنداق قىلىپ، بىر ئۇرۇشنىڭ ھۇجۇم پارولى ھالىغا كەلگەن ئىكەن ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە سىياسىتىدە پاراكەندىچىلىككە قارشى كۈتۈلمىگەن بىر ۋاقىت ۋە شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەھدىتى ئورنىدا قوللىنىلىۋاتىدۇ.

ئەردوغان تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسىدىكى بۇ ئىپادىنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى – بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ بىر باياناتى ۋە ئېلان قىلغان بىر پارچە سۈرىتىگە قارىتا ئىنكاس سۈپىتىدە قوللاندى.

بۇ رەسىمدە بىر ي پ گ ئەسكىرى يېنىدىكى بىر ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىللە، ئامېرىكا بايرىقى ئاستىدا، يۈزلىرىنى ئەندىشە باسقان قىياپەتتە تۈركىيە چىگرىسىنى بىرلىكتە كۆزىتىۋاتاتتى.

بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خۇددى تۈركىيەنىڭ ي پ گ دىن ئۆچ ئېلىشىغا رەددىيە بەرگەندەك شەكىلدە، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ئېتىلغان بىر راكىتانىڭ پاراكەندىچىلىك بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى باھالاۋاتاتتى.

ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ كۆزىتىۋاتقىنى رۇسىيە، ئىران ياكى شىمالىي كورىيە چىگرىسى ئەمەس، بەلكى ناتو ئەزاسى تۈركىيەنىڭ چىگرىسى ئىدى. يېنىدىكىسى بولسا ”تېررورىست“ دەپ قاراپ، رەھبىرى ئابدۇللاھ ئۆجالاننى ئۆز قولى بىلەن تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەن پ ك ك تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى قولى پ ي د / ي پ گ نىڭ بىر ئەسكىرى ئىدى.

بۇ غەلىتە ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە شۇنداق. قانداقلا بولمىسۇن بۇ باياناتقا ئامېرىكىنى سۈرىيەدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەڭ خۇشال بولۇۋاتقاندۇ.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ي پ گ بىلەن 2014- يىلىدىكى كوبانى توقۇنۇشلىرىدا باشلانغان ئىختىلاپلىرى ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىپ داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ 25- ئاپرېلدا ئىراق سىنجاردىكى پ ك ك نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن چىڭىغا چىقىشقا باشلىدى. پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى باشقۇرۇشىغا كۆرۈنۈشتە ئامېرىكىمۇ قارشى ئىدى. بۇ ھەقتە ئۆزىنى ئاقلايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما پ ي د نىڭ رەئىسى سالىھ مۇسلىمنىڭ تۈركىيە مۇشۇنداق ھۇجۇم قىلىۋەرسە، دائىشقا قارشى راققا ھەرىكىتىگە دىققىتىنى يىغىشىنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن، ئامېرىكا تۈركىيەگە قارشى پ ي د / ي پ گ گە يان بېسىش پوزىتسىيەسىدە بولدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتابى ”راكىتا ئېتىلدى، ئۆچ ئالدۇق، 13 ي پ گ ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى“ دەپ بايانات ئېلان قىلغاندىمۇ بەش بۈرجەكلىك بىنا رەددىيە بەردى. ئەردوغانمۇ ”بىر كىچە تۇيۇقسىز كېلىشىمىز مۇمكىن“ دېگەن ئىنكاسىنى قايتۇردى.

ئەردوغان ئۇ باياناتىدا بىرلا ۋاقىتتا يەنە ”ئامېرىكا بىلەن بىللە راققانى دائىشقا مازار قىلىمىز“ دېدى، ”بۇلارنى 16-، 17- مايدا سۆزلىشىشنى خالايمەن“ دەپ قوشۇپ قويدى. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرلا مەنىسى بار: ئەردوغان ترامپنىڭ راققا ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپلا كۇنۇپكىنى بېسىۋېتىشىنى خالىمايدۇ.

ئوتتۇرىدا باشقا مەسىلىلەرمۇ بار. مەسىلەن، فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇنىڭ قانۇنسىز تەشكىلاتى مەسىلىسى، رىزا زەرراب مەسىلىسى دېگەندەك. ئەردوغان ترامپ بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا دېيىشىشنى ئىستەيدۇ.

تۈركىيە پ ك ك نى ئۇرغانسېرى، ي پ گ نىڭ راققا ھەرىكىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن قېتىلىشى كېچىكىۋاتىدۇ. ئامېرىكا راققا ھەرىكىتىنى ھېلىمۇ نەچچە ئاي كېچىكتۈردى. بۇ ئاساسەن تۈركىيەدىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق بولدى.

ئاۋالقىسى 15- ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى ئىدى. ئۇنتۇمىدۇقكى، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ”ئىنجىرلىكتىكى چىراقلار نېمىشقا ئۆچۈرۈلدى“ دېيىش بولغانىدى.

ئىككىنچىسى تۈركىيەنىڭ 24- ئاۋغۇستتا جەرابلۇستا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئىدى. بۇ ھەرىكەت پ ي د / پ ك ك نىڭ ھاسەكە ۋە ئافرىن رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيە چىگرىسىنى بويلاپ بىر جۇغراپىيىلىك پۈتۈنلۈك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈرىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرى ھالەپنى بېسىپ قىستاپ كەلگەن چاغلاردا، تۈركىيەمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سىستېمىسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن رېفېراندۇم تەييارلىقلىرىنى باشلىغانىدى. ئامېرىكا ”سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن بولدى“ دېگەندەك ئەيىپلەشلەرگە قالماسلىق ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تورمۇزغا دەسسىدى.

ھالبۇكى ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق شتابى سۈرىيە ۋىلايەتلىرىدە ياز ئىسسىقى باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. رۇسىيەنىڭ ئالدىرىشىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئىدى.

ئەنقەرەنىڭ ئىتىرازى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، ”خالىساڭلا ئەتىلا بىرلىكتە باشلايلى“ دەپ تۇرىدۇ. ئىتىرازى ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا قوماندانلىق شتابى پۈتۈن پىلانلىرىنى ي پ گ نىڭ ئۈستىگە قۇرغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ چىگرىسىدا پ ك ك كونتروللۇقىدىكى بىر كۈرد رايونىنىڭ بولۇشىنى مەۋجۇتلۇق تەھدىتى سۈپىتىدە كۆرۈشى بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايۋاتىدۇ.

ئەردوغان ئۈچۈن ئۈمىد 16-، 17- مايدىكى ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە ترامپ بىلەن بارلىق تېمىلار ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، ئەنقەرەگە بىر شەكىلدە مول ئولجا بىلەن قايتىشدىن ئىبارەت. ئارىلىقتىكى ناتو باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىمۇ ئۇنتۇمايلى ئەلۋەتتە.

ئەسلىدە بۇ يەردە قىزىقارلىق بىر تەپسىلاتمۇ بار. بەزى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تۇنجى ھەپتە ئىچىدىلا كۆرۈشۈشكە باشلىغان ترامپنىڭ ئەردوغان بىلەن قاچان ئۇچرىشىدىغانلىقى ھەققىدە 100 كۈندىن كېيىن بايانات بېرىلدى. باياناتنىمۇ ئاقساراي ئەمەس، ئەردوغان ئېلان قىلدى. ئۇچرىشىش 16- مايدىمۇ، 17- مايدىمۇ، تېخىچە رەسمىي ئوچۇقلانمىدى.

ترامپنىڭ ھازىرغا قەدەر ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىماسلىقىنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بار ئىدى: سۈرىيەدە ي پ گ سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زىددىيەتلەر ۋە ئەردوغاننىڭ ئىچكى سىياسەتتە تەڭپۇڭلۇق ۋە نازارەت ئورگانلىرىنى ئاجىزلىتىپ، بارلىق ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۈشىگە قارىتا ئامېرىكا جامائەت پىكرىدىكى راھەتسىزلىك.

بۇنىڭ ئەكسىچە 16- ئاپرېلدىن كېيىن، يەنى رېفېراندۇمدىكى ساختىلىق تالاش – تارتىشلىرى تازا ئەۋجىگە چىققان 18- ئاپرېل كۈنى ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەن تۈنجى غەربلىك رەھبەر ترامپ بولدى. سىنجار ھەرىكىتىمۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئەلۋەتتە ”بىر كېچە تۇيۇقسىز …“ ناخشىسىنىڭ ئوبيېكتى بۇ قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغۇچى گرېتسىيە ئەسكەرلىرى ۋە سىپرۇس گرېك ئىسيانچىلىرى ئەمەس. ئەسلىدە ي پ گ دىن، پ ك ك دىن بەكرەك ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالغان ئامېرىكا ئىشلارنى تېخىمۇ قالايمىقان ھالغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى بىر ئاياقلاشسا، ھەممىمىز بىرلىكتە ئالدىمىزنى تېخىمۇ راھەت كۆرەلىسەك. ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلايلىكى، زىيارەتتىن كېيىن ئىشلار تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتمىسە!

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/murat-yetkin/bir-gece-ansizin-turkiye-abd-iliskileri-40443198