ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى ئافغانىستانغا قايتىپ كەلدى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى 2014- يىلىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خىلماند ۋىلايىتىگە قايتىپ كەلدى. بۇ رايون نۆۋەتتە ئاساسەن دېگۈدەك تالىبانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەترەت ئىلگىرى 2014- يىلى 10- ئايدا مەزكۇر رايوندىن چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەنىدى.

بۇ ئۆلكە ئامىركا باشچىلىقىدىكى ئىشغال كۈچلىرى يىتىپ كەلگەندىن بۇيان ئەڭ قاباھەتلىك ئۇرۇشلانى باشتىن كەچۈردى. ناتونىڭ دىيىشىچە ئامىركا قىسمى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئافغانىستان دۆلەت ئارمىيسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان پەقەت تەربىيەلەش ۋە ياردەمچى بولۇش مەقسىتىدىلا قالغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە ، بۇ 300 كىشىلىك دىڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا  جەڭ قىلغۇچى قىسمى خلماند ئۆلكىسىگە شەنبە كۈنى يىتىپ بارغان.  ئافغانىستاندىكى ئامىركا ۋە ناتو ئەسكىرى قوماندانى   گىنىرال جون نىكولسون ئوخشاش ساندىكى ئامىركا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى بۇ دىڭىز ئارمىيە جەڭچىلىرىگە  ئۆتكۈزۈپ بىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ۋەزپىسى ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن جەڭچىلەر ئەمدىلىكتە ئۆيلىرىگە قايتىشىدىكەن.

بۇ پىلان ئەسلى يىل بىشىدا ئىلان قىلىنغان بولۇپ ،مەقسەت شوراپ لاگىرىدىكى  215-ئافغان پولكىنى، شۇنداقلا ئۆلكە مەركىزى لەشكەرگاھ نى تىخمۇ كۈچلەندۈرۈش ئىكەن. مىلىتارىي تورىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا  مەزكۇر دىڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى ئەسلى شىمالى كارولىينا شىتاتى لەيجۈن كامپىنىڭ 6-دىۋىزىيەسىدىن كەلگەنئىكەن.

خلماند ئۆلكىسى بولسا ئافغانىستاندىكى ئەڭ قالايمىغان ۋە توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى. تالىبانلار ھازىر مەزكۇر ئۆلكىنىڭ 14 رايوننىڭ 10نى كنترول قىلىغلىق. سانگىن بولسا يىقىنقى ھەربى ھەركەتلەرگە خاتىمە بىرىلگەن جايلارنىڭ بىرى ئىدى، بۇجايدا 2001-يىلىدىن 2011-يلىغا قەدەر50 دانە دىڭىز ئارمىيە جەڭچىسى ۋە 100 دانە ئەنگىليە ئەسكىرى جان بەرگەن بولۇپ. 2014-يىلى 10-ئيدا بىخىەتەرلىك شەرتلىرى تىخىمۇ ياخشىلاندى دەپ پەرەز قىلىنىپ دىڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قلىش قىسمى رەسمى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ چىكىنىپ ،چەتئەل قىسىملىرىنىڭ  بىخەتەرلىك ۋەزىپىلىرنى ئافغانلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنئىدى.

بۇ دىڭىز ئامىركا ئەسكەرلىرىنىڭ قايتىپ كىلىشى دەل تالىبان كۈچلىرىنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدا تىخمۇ دەھشەت ھۇجۇم قوزغاپ ئافغانىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىدىغانلقى  توغۇرلۇق قەسەملىرىنىڭ ئىلان قىلىشنىڭ ئارقىسىدىنلا بولغان. ئالدىنقى ھەپتە تالىبان  بالىخ ئۆلكىسىدە مەلۇم بىر ھەربى بازىدا  بۇ يىلقى ئەڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمىنى ئىلىپ بىرىپ 100 دىن كۆپ ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

مەنبە: https://www.rt.com/usa/386556-marines-return-helmand-afghanistan/