ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونى تۇتاشتۇرغان تۈنجى يۈك پويىزى يىۋۇغا قايتىپ كەلدى

جۇڭگونى بىۋاسىتە ئەنگلىيەگە تۇتاشتۇرىدىغان تۈنجى يۈك پويىزى جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى شەھەر – يىۋۇغا يېتىپ كەلدى. بۇ جۇڭگونىڭ ”زامانىۋى يىپەك يولى“ نى بويلاپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ پويىز 12 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يىۋۇ – مادرىد لىنىيىسىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇزۇن لىنىيەنى تاماملىدى. لوندون – جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تۆمۈريول شىركىتى تەمىنلىگەن يېڭى يۈك توشۇش تورىغا باغلانغان 15- شەھەردۇر.

بۇ پويىز بۇ يىل يانۋاردا جۇڭگودىن ئەنگلىيەگە قاراپ يولغا چىقىپ، لوندوندىكى باركىڭس يىۋرۇخاب يۈك تېرمىنالىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەنگلىيەدىكى ”كۈندىلىك پوچتا“ گېزىتى بۇنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

جۇڭگونىڭ سابىق كوممۇنىست رەھبىرى ماۋزىدۇڭنىڭ ”شەرق شامىلى غەربنى بېسىپ چۈشىدۇ“ دېگەن سۆزى بويىچە ”شەرق شامىلى“ دەپ ئات قويۇلغان بۇ پويىز ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا قايتىش سەپىرىدە ۋىسكىي، سۈت پاراشوكى، دورا بۇيۇملىرى ۋە ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان 88 كونتەينېرنى توشۇپ كەلدى. بۇ پويىز 10- ئاپرېلدا لوندوندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 20 كۈنلۈك سەپىرىدە فرانسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، پولشا، بېلورۇسىيە، رۇسىيە ۋە قازاقىستانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىگە ئەسلى پىلاندىكىدىن ئىككى كۈن كېچىكىپ يېتىپ كەلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايونلىرىدىكى رېلىسلار كەڭرەك بولغاچقا، بۇ پويىز يولدا پاراۋۇز ۋە ۋاگونلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پويىز سەپىرى ماللارنى پاراخوت بىلەن يۆتكىگەنگە قارىغاندا 30 كۈن تېز بولىدىكەن. پويىزدا توشۇش مۇلازىمىتى تېخنىكىلىق ۋە بيۇروكراتلىق توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، نۆۋەتتە يەر شارى سودىسىدا تەخمىنەن 80% مال يەنىلا دېڭىز ئارقىلىق توشۇلىدىكەن.

جۇڭگو تىجارەتنى كۆزلەيدۇ

جۇڭگو ئۆزىنىڭ ”بىر بەلۋاغ، بىر يول“ ئىستراتېگىيىسىنى 2013- يىلى قوزغاتقان بولۇپ، مىليونلىغان كىشىلەرنى غايەت زور ئاساسىي ئەسلىھە زەنجىرى قۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەنگلىيە باش مىنىستېرى تېرىسا مەي بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ. ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىيارەت ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى دۇنيا بىلەن بولغان يېقىن سودا ئالاقىسى ھەققىدە بولىدىكەن.

”يىپەك يولى“ بىر زامانلاردا جۇڭگونىڭ تاۋارلىرىنى 2000 يىللىق كونا سودا يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىشكە ئەسقاتقان ئىدى.

بۈگۈنكى بۇ يېڭى يول رۇسىيەنىڭ مەشھۇر سىبىرىيە تۆمۈريول لىنىيىسىدىنمۇ ئۇزۇن. ئەمما 2014- يىلى ئېچىلغان، رېكورد ساقلاپ كېلىۋاتقان يىۋۇ – مادرېد لىنىيىسىدىن 1000 كىلومېتىر قىسقا.

جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە قارىتا قەرەللىك بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان يۈك پويىز مۇلازىمىتى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر لىنىيە جۇڭگونىڭ چوڭ شەھىرى چۇڭچىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش ۋە سودا پورتلىرىنىڭ بىرى، پولات تاۋلاش شەھىرى – ديۇسبۇرگنى تۇتاشتۇرىدۇ. يەنە بىر لىنىيە پايتەخت بېيجىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھامبۇرگنى تۇتاشتۇرىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.dw.com/en/first-freight-train-linking-uk-with-china-arrives-in-yiwu/a-38635908