موسكۋا ۋە ۋاشىنگتون تۈركىيەگە قارشى، سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى

ئاپتورى: مۇنا ئەلى

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بۆلۈنۈپ ئايرىم دۆلەت قۇرماقچى بولغان كۇرتلارغا زىيان يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت كۇرت SDF قىسىملىرى (ئاتالمىش سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى) نى رەققەنى دائىشتىن تارتىۋېلىش باھانىسىدە سىياسىي جەھەتتىن يۆلەپ، فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىپ، مۇنبىج ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەر مەركەزلەشكەن فىراتنىڭ شەرقىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى توسۇپ قويدى. بۇ ئىككى دۆلەت تۈنۈگۈن يەنە تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئەسكەرلىرى ئۆلگەن بۇ كۈچلەرنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكىتىنى قوللايدىغانراق بىر پوزىتسىيەدە بولدى.

روسىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى تۈنۈگۈن، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى، دۆلەتلەر ئالاقىسىدىكى ئاساسى پىرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى دېدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئىتتىپاق بولسا، ”تۈرك ئارمىيەسى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش نۇرغۇن كۇرت ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن بۇ ھۇجۇمدىن بىزنى پەقەت بىر سائەت بۇرۇنلا خەۋەردار قىلدى“ دېدى.

ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسىرى جون دوريان پىنتاگوندا تېلىفۇن ئارقىلىق قاتناشقان بىر يىغىلىشتا ”بىزگە كەلگەن ئۇقتۇرۇش ھۇجۇمدىن بىر سائەت بۇرۇنلا ئىدى“ دېدى. ئۇ يەنە “ بۇ، يېتەرلىك ۋاقىت ئەمەس. بۇ، پەقەت بىلدۈرۈپ قويۇشلا بولۇپ، دائىشقا قارشى كۆرەشتىكى ئىتتىپاقدېشىمىزدىن كۈتىدىغان ھەمكارلىق ئەمەس″ دېدى.

ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى تۈرك ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانلىرى ئىراقنىڭ سەنجار ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقى شىمالىدا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، تۈرك ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا كۆرە،  تەخمىنەن 70 كە يېقىن كۇرت ئەسكىرى ئۆلگەن. تۈرك ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى قايتىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ھەسەكە رايۇنىدا كۇرت بىرلىكلىرىدىن بەش ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن.

ۋاشىنتون بىلەن موسكىۋانىڭ سۈرىيە دېمۇكراتىك قوشۇنىنى قوللاپ كېلىۋاتقىنى ھەممىگە مەلۇم. ئىككىلا دۆلەت بۇ ئارمىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالىدە بازا قۇرغان. بۇ قىلمىش بۆلگۈنچى كۇرت گەۋدىسىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقداش دەپ كۆرگەنلىك بولامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ئىش، ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ داۋاملىق تەكرارلاپ كەلگەن، سۈرىيە زېمىنىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغدايمىز دېگەن دەۋاسىغا ئۇيغۇنمۇ؟

سۈرىيەلىك گېزىتچى ھەسەن زۇئبىنىڭ مۇنداق دەيدۇ:  “ سىياسەت ئاساس بىلىملىرىدا، سىياسى ۋە ئەسكىرى جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەتلەر، سۈرىيە دېمۇكراتىك قوشۇنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئۆز دۈشمەنلىرىگە بېسم قىلىدىغان كوزىر قىلىپ قوللىنىدۇ . سىياسەتتە دائىملىق دۈشمەن ۋە دائىملىق دوست يوق، لېكىن دائىملىق مەنپەئەت بار. مەنپەئەت قەيەردە بولسا، چوڭ دۆلەتلەر، بۇ بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئايرىم دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە قوللىنىدۇ“.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مۇنداق قارىماققا، سۈرىيە دېموكراتىك قوشۇنىغا ئوخشاش بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاش، روسىيە ۋە ئامېرىكا دائىم دەپ كەلگەن، سۈرىيە زېمىنىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغدايمىز دېگەن گەپكە زىت. لېكىن بۇ ئىشتا ئۆلچەم، ئېلان قىلىنىدىغان بايانات ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە قىلىنىۋاتقان ئىشلاردۇر. شۇڭلاشقا روسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق سۈرىيە دېمۇكراتىك قوشۇنىغا ياردەم قىلىشى ماھىيەتتە سۈرىيەنى پارچىلاشقا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.

ئۇ قوشۇمچە قىلىپ : سۈرىيە دېموكراتىك قوشۇنىغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى، بۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پىلانىغا ياردەم قىلىشتىن بەكراق، رايۇن مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەل قىلغۇچ كۈچ بولىۋاتقان تۈركىيەگە بېسىم قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە تۈركىيە چىگرالىرىغا تەھدىت بولىۋاتقان دائىش كۈچلىرىنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن باشلىتىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، روسىيەنىڭ  سىياسى ۋە ھەربى جەھەتتىن قىلغان بېسىملىرىنى كۆرسەتسەك بولىدۇ دېدى.

زۇئبىنىڭ قارىشىچە، يۇقارقىلاردىن، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيەنى تەكرار ئەيىپلەشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئەيىپلەشلەرنىڭ مەنىسى بولسا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلسىدە ھەربى جەھەتتىن تېخىمۇ بەك ئارىلىشىشىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىدۇر. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەگە ئارىلىشىشىغا باھانە بولىۋاتقان دائىش مەسىلىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ . شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدا تۇرىشى ئاپتۇماتىك ھالدا ئىرانغا باغلىق كۈچلەرنىڭ چېكىنىشى دېمەكتۇر. بۇ ئىش ھازىرچە روسىيەنىڭ خاھىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

ئۇ گېپىنى خۇلاسىلەپ : روسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ بېرىۋاتقان ئۇچۇرىنى مۇنداق ئۈچ لىنىيەگە ئايرىش مۇمكىن  :
1 – سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنگە قەدەر قوغداپ ساقلاش
2 – روسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتى سىرتىدىن يەنە بىر ئىتتىپاقداش تېپىۋېلىش
33 – تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈش

لېكىن تۈركىيەنىڭ كۇرت رايۇنلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىشى، ئىتتىپاقداش دەپ قارالغان ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەيىپلەشلىرىغا ئېتىبار بەرمەسلىكى، بۇ رايۇندىكى ئويۇن قائىدىسىنىڭ ھەممە تەرەپنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئۆزگىرەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://b-sy.net/2zm0kp8c