جۇڭگو نېمىشقا تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنى يىپەك يولى پىلانىغا قاتماقچى بولىدۇ؟

ئاپتورى: كىرىستىنا لىن، ئاسىيا ۋاقتى

سەئۇدىيە پادىشاھىنىڭ زىيارىتىدىن كيىن، ئالدىنقى ئاي ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بۇنيامىن نىتەنياھۇ جۇڭگۇغا زىيارەتتە بولدى. ئىككىلا زىيارەت ئىقتىساد ئۈستىدە بولىدى دېيىشكە بولىدۇ . لېكىن بېيجىڭ تەرەپ ئەرەب – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرغا چىقاردى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى “ بېيجىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دائىملىق تىچلىق ۋە تەرەققىياتقا ھەسسسە قۇشۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ “ دېدى.

بېيجىڭ كۆپ قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناش ئاررۇزى بارلىقىنى كۆرسىتىپ كەلدى. يالغۇز ئىقتىسادى جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى سىياسى جەھەتتىمۇ شۇنداق . دېمىسىمۇ، خىتاي، چوڭ تىپتىكى سالغان مەبلەغلىرى، ئاستقۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇ رايۇننىڭ مۇقىملىقىدا مەنپەئەتدار تەرەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى .

يېقىندا خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يىللىق سودىسىى 8 مىليارد دوللارغا يىتىدۇ . خىتاي شىركەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ تىل ئاۋىۋ مېترو قۇرۇلىشى، ھەيفا ۋە ئۇسدۇد پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاستقۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان .  بۇ قۇرۇلۇشلادا 3500 دەك خىتاي ئىشچى ئىشلەيدۇ . بۇلارغا يەنە يڭىدىن 20 مىڭدەك ئىشچى قۇشۇلۇش پىلانلانماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي، رايۇندىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە مۇھتاج.

رايۇنلۇق مۇناسىۋتلەرنى كۈچلەندۈرۈش :
ھەيفا پورتى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنلىرىدىكى كۆپلىگەن پورتلىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالجىرىيە شىرشال پورتى، مىسىر بورسەئىدە ۋەە ئىسكەندىرىيە پورتى، تۈركىيە كومپورت پورتى، ئىتالىيە ناپولى ۋە جىنۋا قاتارلىق پورتلار بار . بۇلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ۋە باشقا رايۇنلاردا ”بىر يول، بىر بەلۋاغ“ پىلانى ئارقىلىق خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى بىرلىكنى كۈچەيتىش پۇرسىتى يارىتىدۇ .

مەسىلەن ، خىتاينىڭ تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيەگە سالغان مەبلەغلىرى سايىسىدە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رايۇن خارەكتىرلىك مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىغا يول ئاچىدۇ . بۇ تۈرلەر ئارىسىدا 65 يىلدىن كېيىن، يەنى 2016 .يىلى 8.ئايدا قايتىدىن يولغا قويۇلغان ۋادى جىزرىل تۆمۈر يول پىلانى بار. تۈركىيەدىن ھەيفاغا توشۇلىدىغان ماللارنى مۇشۇ تۆمۈر يولدىن يۆتكىگىلى، ئاندىن ئىئوردانىيە ۋە ئوتتۇرا شەرققە تارقاتقىلى بولىدۇ. بۇ تۆمۈر يول ئەسلىدە ئوسمانلى خىلاپەتلىكى 1905 . يىلى قۇرغان ھىجاز تۆمۈر يولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ 1951. يىلىغىچە خىزمەت قىلغان . خىتاي ھەيفا پورتىنىڭ 25 يىللىق ئىشلىتىلىشىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ، بۇ تۆمۈر يول تۈركىيەدىن ئىئوردانىيەگە ئاندىن قىزىل دېڭىزگە مال توشۇشنى قولايلاشتۇرىدۇ .

”بىر يول ، بىر بەلۋاغ“ پىلانى ئىچىدە، رايۇن خارەكتىرلىك ھەمكارلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە پورتلار ۋە مال توشۇش ئىدارىسى باشلىقى يىجال مائۇر ئىسرائىلىيە بىلەن قولتۇق ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سودا يولى ئېچىشنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي، مۇشۇ يولدا مەبلەغ سالالىسا، قولتۇق دۆلەتلىرى ئاستقۇرۇلما تۈرلىرىدە بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە ئىئوردانىيە تۇتاشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ماللىرىنى توشۇغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا قولتۇق دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن رەسمى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسدە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىچلىق تۇرغۇزۇش پىلانىغمۇ ماس  كېلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكىمۇ پايدىلىق.. شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ، 2010. يىلى زىدىلەنگەن ئالاقە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە قىلىپ قارىغاندا، بېيجىڭ ۋە ئەنقەرە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باسۇرۇپ قويۇپ، يىپەك يولى ئارقىلىق ئىقتىسادى ھەمكارلىقتا بىللە ئىلگىرلەيدىغاندەك قىلىدۇ.

جۇڭگۇنىڭ كومپورت پورتىنىڭ 65%لىك ئېگىدارچىلىقىغا ئېرىشىشى بىلەن بىرگە، جۇڭگۇ ئاسىيا بانكىسى ئەزەربەيجان گېزىنى جورجىيا ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ياۋرۇپاغا توشۇيدىغان تاناپ گاز يولىنىڭ قۇرۇلىشىغىمۇ مەبلەغ سالىدۇ. 2015 . يىلى نويابىردا ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ ”بىر يول، بىر بەلۋاغ“ قۇرۇلۇشى ئاساسىدا بىر كېلىشم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى     كارس شەھىرى بىلەن ئېدىرنە ئېغىزىنى ئۇلايدىغان تىز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قاۋقاز رايۇنى ئارقىلىق جۇڭگۇ بىلەن تۈركىيەنى تۇتاشتۇرىدۇ.

بۇ لىنىيەنى تولۇقلايدىغان باشقا يوللارمۇ بار. مەسىلەن دېكابىردا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى ھاۋا، دېېڭىز ۋە تاشيول تېرانسپورت گېگانىتى DHL، جۇڭگۇ بىلەن تۈركىيەنى باغلايدىغان باشقا يوللارنىمۇ ئاچتى. يېڭى قۇرۇلىۋاتقان تۆمۈر يولدا كەلگۈسى ئون يىلدا 2.5 تىرىليون دوللارلىق تىجارەت سودىسى يۈرۈشمەكچى. بۇ يول تېخىمۇ كەڭەيتىلىپ، جۇڭگۇ ئارقىلىق، تەيۋان بىلەن ياۋرۇپانى قۇرۇقلۇقىنى، يەنە تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى، سودا مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقان تۈركىيە بىلەن باغلايدۇ.

ئىككى رايۇن ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقۇملۇقنى كۈچەيتىش:
جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، رايۇندىكى تۈركيە ۋە ئىسرائىلىيەدەك دۆلەتلەر، جۇڭگۇنىڭڭ بۇ رايۇننىڭ مۇقىملىقىدا ئوينايدىغان رولىدىن پايدىلىنالايدۇ. بەلكى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار. قولتۇق دۆلەتلىرىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدەك دۆلەتلەرمۇ جۇڭگۇنىڭ بۇ رايۇندىكى كۈچىيىۋاتقان نوپۇزىغا دىققەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، جۇڭگۇ بىلەن بىرلەشمە خەلىپىلىكنىڭ ھەمكارلىقى، بېيجىڭنىڭ ئەرەب – ئىسرائىلىيە توقۇنىشىنى ھەل قىلىش ، ئىران ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرىدىكى رولى ھەققىدە بىرلەشمە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

پەنتاگون چىقارغان، راند ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاشىنتون بىلەن بىيجىڭ، رايۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك . ئامېرىكا – جۇڭگۇ ئالاقىسى كەلگۈسى دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ نېگىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق بۇ ئالاقىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە:

http://blogs.timesofisrael.com/china-israel-turkey-and-mideast-regional-integration/

http://www.turkpress.co/node/32686