شىنجاڭدىن سۈرىيەگە: جۇڭگولۇق غازاتچىلارنىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئېچىش

مەخپىي تەشكىللەنگەن، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئۇرۇش قىلىش كۈچى كۈچلۈك

ھازىر سۈرىيەدە غازات ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگودىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلار ئاساسلىقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بېيجىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەزكۇر جامائەت توپى ھەر ۋاقىت جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىتلىق بومبىغا ئوخشايدۇ.

2011- يىلى 3- ئايدا سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، مىڭلىغان جۇڭگولۇق ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەزكۇر ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى تارمىقى بولغان ”ئەلنۇسرا فرونتى“ قوراللىق سېپىگە قېتىلىپ كەتتى، باشقا بىر قىسمى ”ئىسلام دۆلىتى“ گە قوشۇلدى، يەنە بىر بۆلىكى بولسا ”ئەھرارۇششام“ نامىدىكى رادىكال كونسىرۋاتىپ ئىسلام گۇرۇپپىسىغا قېتىلدى.

ئەمما جۇڭگودىن قىچىپ كەلگەن بۇ بىر تۈركۈم غازاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ”تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“ گە ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى شىنجاڭ دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. مەزكۇر  جامائەت توپى سۈرىيەدىكى سۈرىيە ۋە جۇڭگو ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىقىنى كۈچلەندۈرۈشىگە سەۋەپچى بولدى. چۈنكى جۇڭگو بۇ غازاتچىلارنىڭ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ۋەتىنىگە قايتىپ چوڭ ئاۋارىچىلىق يارىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“ نىڭ يەنە بىر ئېنگلىزچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولسا ”ETIM“. مەزكۇر تەشكىلات جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىنى ”شەرقىي تۈركىستان“ دەپ ئاتايدۇ. ھازىر سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان باشقا قوراللىق تەشكىلاتلارغا ئوخشاش، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتىمۇ سۈرىيەدىكى ئەسەد شىئە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سۈرىيەدە شەرىئەت ھاكىمىيىتى قۇرۇپ چىقىش.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى“ نى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جۇڭگو پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان زوراۋان جىنايەتچى كۈچلەر دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ”شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى“ نىڭ بىر قىسمى چىگرا سىرتىغا قېچىپ بىرىپ، جىھادىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماقتا. ئەمما تەنقىتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە تۈرلۈك كەمسىتىش، ئىقتىسادتا چەتكە قېقىش قاتارلىق تەڭسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقاچقا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەتلا خەنزۇلار ئاساسلىق ئورۇنلارنى ئىگەللىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى توختىماي بېسىۋاتقان بۇ مۇھىتتىن قۇتۇلۇش خالاس.

شىردەك باتۇرلۇق

ئەبۇ دەردا ئەلشامى بولسا جۇندۇل ئەقسا رادىكال تەشكىلاتىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئىلگىرىكى نۇرغۇن قېتىملىق ”تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“ نىڭ مۇجاھىدلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلغاندىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى“ نىڭ ئەزالىرى بولسا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان مۇجاھىدلاردۇر. ئۇلار يەر يۈزى ھۇجۇم كۈچلىرى ئىچىدە بەئەينى شىرغا ئوخشاش جەسۇر قورقماسلاردۇر.

جۇڭگو ئىزچىل ھالدا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا ھەربىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئاخباراتلاردىن خەۋەردار مەلۇم خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. سۆھبەت تېمىسى نۇقتىىق ھالدا سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش.

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاخبارات ۋە ھەربىي كونترول تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا تېرورىزىم تەتقىقاتچىسى لى ۋىي بايان قىلىپ: ”بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ سۈرىيەدىكى جېڭىگە قاتنىشىپلا قالماي، بەلكىم يەنە جۇڭگوغا قايتىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بېخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن“.

باش شتابى لوندونغا جايلاشقان سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رامى ئابدۇرراخماننىڭ قارىشىچە، ”نۆۋەتتە بەش مىڭ ئەتراپىدىكى جۇڭگودىن كەلگەن جەڭچىلەر سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىگە ئەگىشىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ جەڭچىلەرگە ئائىلە ئەزالىرىنى قاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن“. ئەمما لى ۋىينىڭ قارىشىچە، بۇ رەقەم بەكلا كۆپتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ پەرىزىچە، جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە قوراللىق جەڭچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنى قاتقاندا بۇ سان 700 گە ئۇلىشىشى مۇمكىن.

لى ۋىي مۇنداق بايان قىلدى: تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئارىسىدىكى چىگرا تەكشۈرۈش شەرتلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ سۈرىيەگە كىرىش يوللىرى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتتى.

مەخپىي ۋە ناتونۇشلاشتۇرۇلغان قوراللىق تەشكىلات

سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەتكە يېقىن تاراتقۇلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىپ: ھازىرغا قەدەر ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى“ جىھادچىلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە قارىتا ئون نەچچە قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۇلار ئاساسلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پائالىيەت كۆرسەتكەن.

ئالدىنقى ئايدا بەشار ئەسەد سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ”بۇ كىشىلەر باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خەلقىگە سېلىشتۇرغاندا سىلەرنىڭ دۆلەتنى بەك ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارغا تېخىمۇ چوڭ خېيىم – خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن“ دىگەن.

باشقا ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ”تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى“ بولسا مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك تەشكىلات. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بەزى شەخسلەرنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئادەملىرى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئاسانلىقچە بېرىش – كېلىش قىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب رايونىدا بولۇپ، مەزكۇر ۋىلايەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى بولغان جىسرى شۇغۇر يېزىسى، شۇنداقلا غەربتىكى لاتاكىيە ئۆلكىسىنىڭ كۇرد تاغلىق رايونىدىمۇ پائالىيەت قىلىۋېتىپتۇ.

ئىلگىرى ئىدلىب رايونىدىكى دوختۇرخانىدا دوختۇرلۇق قىلغان ئابدۇلھەكىم رامادان بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرى كۆپ قېتىم ئۇ يەردىكى كىچىك يېزىغا كىرىپ، ئۆسمۈر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئەزالىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. بۇ دوختۇر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقا يەرلەردىن كەلگەن قوراللىق تەشكىلات ئەزالىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، شىنجاڭ دىيارىدىن كەلگەن بۇ مۇجاھىتلار تىل ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن يەرلىك جەمئىيەتكە سىڭىشمىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

مەنبە: http://www.dw.com