رېفېراندۇمدىكى مۆھۈرسىز بېلەتلەرنىڭ سىرى ئېچىلدى

تۈركىيەدە 16- ئاپرېلدىكى رېفېراندۇمدا ساندۇق ھەيئەتلىرى تەڭ تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەلگىلەندى. ساندۇق ھەيئەتلىرىنىڭ 20% ىنىڭ HDP (كۈردلەرنىڭ پارتىيىسى) تەيىنلىگەن كىشىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى ئېنىقلاندى.

ھ د پ لىك ساندۇق ھەيئەتلىرىنىڭ ئومۇمخەلق ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بەزى كونۋېرت ۋە سايلام بېلەتلىرىگە مۆھۈر باسمايلا تارقاتقانلىقى ئېنىقلاندى.

HDP ۋە CHP لىك ساندۇق ھەيئەتلىرىنىڭ ئالدىدا ھەم مۆھۈرلۈك، ھەم مۆھۈرسىز سايلام بېلەتلىرى ۋە كونۋېرتلەرنىڭ بايقالغانلىقى، سايلىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ”ئەۋەت“ بېرىش ئېھتىمالى چوڭ بولغانلارغا مۆھۈرسىز، ”ھايىر“ بېرىش ئېھتىمالى چوڭ بولغانلارغا مۆھۈرلۈكلىرىنى تارقاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

HDP ۋە CHP لىك ساندۇق ھەيئەتلىرىنىڭ مۆھۈرسىز سايلام بېلىتى ۋە كونۋېرتلەر بىلەن ئومۇمخەلق ئاۋازغا قويۇشنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تىرىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. YSK (ئالىي سايلام كېڭىشى) گە كەلگەن نۇرغۇن ئېتىرازلارغا قارىتا، سايلام كۈنى ئالىي سايلام كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، مۆھۈرسىز كونۋېرت ۋە سايلام بېلەتلىرىنىڭمۇ ئىناۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. ئالىي سايلام كېڭىشى بۇ ئارقىلىق HDP ۋە CHP نىڭ مۆھۈرسىز سايلام بېلىتى ۋە كونۋېرتلەر بىلەن ئومۇمخەلق ئاۋازغا قويۇشنى ئىناۋەتسىز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/ic-politika/haber/2309753-muhur-tartismalarinin-ardinda-hdp-cikti