ئاك پارتىيە رېفېراندۇم نەتىجىسىنى سوغۇققانلىق بىلەن خۇلاسىلىدى

51.4% لىك قوللاش بىلەن يېڭى سىستېما

تۈركىيە يەتتىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىستېما ئۆزگەرتىش ئىشىنى سايلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا قويدى. تەييارلانغان 18 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشلىرىگە ئاۋاز بېرىش ۋە تۈركىيەنىڭ 94 يىللىق باشقۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇ رېفېراندۇمدا 1.4 پىرسەنتلىك پەرق بىلەن ”ھەئە“ بېلەتلىرى ئارتۇق چىقتى. باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈركىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ 51.4 پىرسەنتى ”ھەئە“، 48.6 پىرسەنتى ”ياق“ دېدى. ”ھەئە“ بېلەتلىرى بىر مىليون 293 مىڭ بىلەت ئارتۇقلۇقى بىلەن ئالدىغا چىقتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى يېرىم كېچىدە رېفېراندۇم نەتىجىلىرىنى پارتىيە ئىچىدە باھالاپ چىقتى. دەسلەپكى باھالاشتا ”سايلىغۇچىلەر يولغا داۋام دېدى، ئەمما ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىشىمىزنىمۇ تەلەپ قىلدى“ دېگەن خۇلاسە چىقىرىلدى. پارتىيە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ رېفېراندۇم نەتىجىلىرىگە ئالاقىدار باھالىرى مۇنداق بولدى: ”شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر نەتىجىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. بۇ سايلامدا ’15- ئىيۇل’ سايىسىدە غەلىبە قىلدۇق. شتات مۇنازىرىسى ”ھەئە“ بىلەتلىرىنى ئىككى پىرسەنت ئالدىغا سۈردى. بۇ نەتىجىلەر تەشكىلاتلىرىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى تېزلەشتۈرگۈسى. سايلىغۇچىلار دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يارىشىڭلار دېدى. دېڭىز بويى شەھەرلىرىدە دىققەت قىلمىساق، يەرلىك سايلاملاردا يېڭىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئىستانبۇلدا ئالاھىدە خىزمەتلەر ئىشلىنىشى كېرەك. نەتىجىلەر كابېنت ئۆزگىرىشىنى تېزلەشتۈرۈشى كېرەك. پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقىمىز داۋام قىلىدۇ. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلىغۇچىلىرى قېرىلىشىۋاتىدۇ. ياشلار، ئوقۇمۇشلۇقلار ۋە شەھەرلىكلەر پارتىيەمىزدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ“.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yuzde-51-4le-yeni-sistem-40429132