جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ”قۇيۇن“ پەسەيدىمۇ؟

ئاپتورى: مەناف قومان، سۈرىيە – ئوتتۇرا شەرق ئىقتسادىي سىياسەت مۇتەخەسىسى

ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئىككى رەئىسنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن، زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇرۇنقى باياناتلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا كرىزىسى چىقىدۇ دېگەن گۇمانلار يوقىدى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا كۆزەتكۈچىلەر، ئىجابىي ھەم پايدىلىق بولدى دەپ باھا بەردى. پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكىلەرنىڭ ئەنسىرەشلىرىمۇ بىر ئاز بېسىقتى.

ترامپ جۇڭگو بىلەن سۈركىلىشنى ئەمەس، كېلىشىشنى تاللىدى.
ئىككى رەئىسنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە، ترامپ مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن بېرى پەيدا بولغان جىددىيلىك ئاساسەن يوقالدى دېيىشكەە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ترامپ توختىماستىن جۇڭگۇنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا پاسسىپ بالانس سەۋەپلىك سودىدا جازالايدىغانلىقىنى دەپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن ترامپ، بۇ تەھدىتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قالسا، جۇڭگۈ بىلەن سۈركىلىش كۈچىيىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمېتىنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نەتىجە چىقىشىدىن ئەنسىرىگەندەك قىلىدۇ. ئۇچرىشش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن، گېرمان زۇڭلىسى ئانجىلا مەركىلنىڭ ئەكسىچە، ئىككىلا رەئىس ئۇچرىشىشىغا ئىجابى باھا بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سىياسى مەسىلىلەردىن بەكراق ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە،  ترامپ جۇڭگۇ رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ بۇ يىل جۇڭگۇنى زىيارەت قىلىش تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدى. جۇڭگۇ تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يېڭى باشلىنىش، بۇنىڭ پايدىسى يالغۇز ئىككى دۆلەتكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا بولىدۇ دەپ قارىدى. شىجىنپىڭنىڭ قارىشىچە ”ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ناچارلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن بىرەر مىڭ سەۋەپ بار“ دېدى. ترامپمۇ قوشۇلۇپ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ترامپنىڭ سودىگەر كاللىسى يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەپ كەتتى. ترامپنىڭ بۇرۇنقى تەھدىتلىرىدىن، بىرەر قارشىلىقسىز ياكى پايدا ئالماي تۇرۇپ بىراقلا ۋاز كېچىشى مەنىسىز. ترامپ ئېرىشىدىغان ئەڭ چوڭ پايدا سودىدىكى پايدا. بۇ ھازىر ئۇنىڭ ئۈمىت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشى. چۈنكى ئۇ شىجىنپىڭ بىلەن كۆرۈششتىن ھەپتە بۇرۇن، جۇڭگۇ بىلەن بولغان تىجارەتنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى تىۋىتردا ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشىنى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ دەپ سۈپەتلىگەن .

ئامېرىكا سودا مېنىستىرى ۋىلبور روس ترامپ ۋە شىجىنپىڭنىڭ 100 كۈنلۈك سودا پىلانى يولغا قويۇشقا بىرلىككە كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت مېقدارىنى ئاشۇرۇپ جۇڭگۇ بىلەن بولغان سودىدىكى 347 مىليارلىق جۇڭگۇ تەرەپ ئۈستۈنلىكىنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامىرىكا مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا شىجىنپىڭ ترامپنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن بۇ پىلانغا ماقۇل كەلگەن .

بۇ توغرىدا ترامپ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ”جۇڭگۇ بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىلگىرىلەش بار. كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدۇ. مەنچە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئارىمىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ كۆپى ھەل بولۇپ كېتىدۇ “ دېدى.

-جۇڭگۇ زۇڭتۇڭى ترامپقا ھەدىيە ئەكەلدى
جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇنداق ئىككى يولدا بولىۋاتىدۇ : بىرى ئارىسىدىكى سۈركۈلۈشنى ئازايتىش، چۈنكى جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكاا بازىرىغا قاتتىق ئېھتىياجى بار. ئارىسىدىكى تىجارەتتە جۇڭگۇنىڭ ئالىدىغان پايدىسى كۆپ، جۇڭگۇنىڭ ئېكسپورتى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ. بۇنداق ياخشى ھالەتنى بۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق . يەنە بىرى، خەلقئارالىق تۈزۈلمىدە ۋاشىنتونغا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگۇ بىر بەلۋاغ ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ، 3 تىرىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە دۆلەت بىلەن كېلىشىپ چوڭ تىپتىكى بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى قۇرىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق خەلقئارا بانكا ۋە پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ئورنىنى ئالماقچى.  يەنە ئۆز رايۇنىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن ھەرخىل سودا ھەمكارلىقلىرىمۇ بار.

شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر شىجىنپىڭ ترامپ بىلەن ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن بۇرۇن، ترامپنىڭ ئۆچمەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ ئۇچرىشىشتا مەبلەغ سېلىش، يول قويۇش ۋە باشقا قىزىقتۇرۇش چارىلىرى بىلەن ئامىرىكىدا ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغان يوللار ئارقىلىق ”سوۋغات“ بەرمەكچى. شىجىنپىڭ ترامپنىڭ بۇنىڭغا نەقەدەر ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەنسەپكە چىققان دەسلەپكى نەچچە ئايدىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. شىجىنپىڭنىڭ ترامپقا بېرىدىغان ئەڭ ئېسىل مەسىلھەتى بولسا، ئامېرىكىدا كۆپلەپ ئىش پۇرسىتى يارىتىپ ئىشسىزلىقنى ئازايتىش، بانكا ئۆسۈم نىسپىتى ئۆستۈرۈش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇشتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش دېگەنلەردىن ئىبارەت.

مىسال ئالساق،  شىجىنپىڭ ترامپقا ئامېرىكىنىڭ ئاستقۇرۇلما ساھەسىدە بىر ترىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىش تەكلىۋىنى بەرمەكچى. پۇل – مۇئامىلە كەسپىدىكىلەر  كونگىرستا ئۆز پىلانلىرىنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان(ئوبامانىڭ ساقلىق پىلانىنى ئەمەلدەىن قالدۇرىشى مەغلۇپ بولدى) ترامپقا نىسبەتەن بۇ بىر جەلپ قىلغۇچە تەكلىپ دېيىشمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. جۇڭگۇڭنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچ بولۇش ئۈچۈن قانداق ئىقتىسادى ۋە سىياسى پىلانلارنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىدۇ . لېكىن جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى ئۈچۈن خېلى ۋاقىت بار . قانداقلا بولمىسۇن ترامپ جۇڭگۇغا مۇھتاج. چۈنكى جۇڭگۇ بىر تىرىليون دوللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ زايوملىرىنىڭ خېرىدارى بولۇپ قالغان.  بۇ، ئامېرىكا مالىيەسىدىكى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ئۈچۈن پايدىلىق.

ئۇنىڭدىن باشقا، ترامپ يەنە جۇڭگۇنىڭ ئامېرىكىدىكى سودا -سانائەت، ئۆي مۈلۈك ساھەسىىگە سالغان مەبلغىگىمۇ مۇھتاج، چۈنكى بۇمۇ ئىش پۇرسىتى يارىتىدۇ. جۇڭگۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى سالغان مەبلىغى ئۆتكەن يىلى 45 مىليار دوللارغا يەتكەن . جۇڭگۇ بۇ رەقەمنى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكۈزمەكچى.

جۇڭگۇ زۇڭتۇڭى بەلكىم گېرمانىيە زۇڭلىسىنىڭ زىيارىتىدىن ترامپ بىلەن قانداق ئۇچرىشىش ھەققىدە تەجرىبە ساۋاق ئالدى. بەلكىم  نەتىجىگىمۇ ئېرىشتى. چۈنكى بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان سودا ئۇرۇشىدىن ئەنسىرەشلەر تۈگىگەندەك قىلىدۇ.

ترامپنىمۇ نەتىجىگە ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالماشتۇرۇشتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامېرىكنىڭ جۇڭگۇغا قىلىدىغان ئېكىسپورتىىنى كۆپەيتىدۇ. ئامېرىكا ئاستى قۇرۇلمىسىغا سېلىنىدىغان مەبلەغكە ئېرىشتى، بۇنىڭ نەتىجىسى بولسا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشى، يەنە بىر مۇھىم ئىش، ئۇ، جۇڭگۇغا باشقا ئىشلاردا  باش ئەگمىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://noonpost.org/content/17479