ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئەسكەرلىرى تاباقا ۋە فۇرات توسمىسىدا

ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا راققانى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنى كېچىكتۈردى ۋە تاباقانى مۇھاسىرىگە ئالغانلارغا قوشۇمچە 250 ئادەم يوللىدى.

ئەرەبچە قۇدۇس گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇللاھ ئۆمەرىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچى تەرەپ مەنبەلىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، راققانى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى يەنە كېچىككەن بولۇپ، سەۋەبى ئالدىنقى كۈنلەردە ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاباقا شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىشتا نەتىجىسىز بولغانلىقى ۋە فۇرات توسمىسىغا ھاۋادىن ئەسكەر چۈشۈرۈشتە مەغلۇپ بولغانلىقى ئىكەن.

گېزىت سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىدىكى بىر ئوفىتسىرنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىنى نەقىل ئالغان: راققانى قايتۇرۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، تاباقا شەھىرىنى ئەنگلىيە ئالاھىدە قىسىملىرى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قورشاۋغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

لېكىن ئۇلار تاباقانى پۈتۈنلەي قورشاشتا  مەغلۇپ بولغان. شۇ سەۋەپتىن دائىش (ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى) ئەسكەرلىرى راققانىڭ ئەتراپىدىكى ھەشىد (شىئە خەلق ئەسكەرلىرى) گە ھۇجۇم قىلىدىغانغا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار شۇ ئارقىلىق راققاغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قوشۇننى ئاجىزلاشتۇرماقچى ۋە كېچىكتۈرمەكچى بولغان.

ئۇ خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ 250 كە يېقىن ئەسكىرىنىڭ تاباقادىكى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن مەشرىفىيە يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جەئبەرە تەرەپتىن تاباقانى 80% قورشاۋغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ھۇجۇم باشلىغان.

ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاباقا ھەربىي ئايرودرومىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قاتناشمىغان. ئۇلار ئۇ يەردە دائىشنىڭ كۈتۈلمىگەن توزاقلىرىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورققان. شۇڭا ھۇجۇم ئىشىنى ئەنگلىيە تەرەپكە تاشلاپ قويغان.

ئۇ خەۋەردە يەنە مۇنۇلار ئاشكارىلانغان: ئالدىنقى قېتىم فۇرات توسمىسىغا ھاۋادىن ئەسكەر چۈشۈرۈشتە بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يارىلانغان بولۇپ، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىدىكى ئەرەب ئەسكەرلەر يەردىن ماسلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا مەلۇم ئەرەب دۆلىتىگە تەۋە ئالاھىدە قىسىمنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن قايسى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

مەنبەنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىم ئەنگلىيەدىن 400 ئەسكەر، فرانسىيەدىن 350 ئەسكەر، ئامېرىكىدىن 500 دىن ئارتۇق ئەسكەر، ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ ياردىمى ئاستىدا ھاۋادىن راققاغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. كوبانىدىكى بىر ئامېرىكا بازىسىدا ئامېرىكا ۋە فرانسىيەلىك ئوفىتسېرلار، دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىگە تەۋە ئوفىتسېرلار بىلەن بىرلىشىپ قوماندانلىق قىلىۋېتىپتۇ.

مۇخبىر دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىدىكى يەنە بىر ئەرەب ئوفىتسېردىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئوفىتسېرلار يىغقان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، راققادىكى دائىش ئەسكەرلىرى ئىنتايىن پۇختا مۇداپىئە تەييارلىقى قىلغان.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھاۋادىن يەرگە ئېتىلىدىغان Concussio weapon  تىپىدىكى بومبىلار (يەر ئاستىغا قۇرۇلغان، بىتونلۇق مۇستەھكەم قوغدىنىش ئورۇنلىرىغا تېشىپ كىرىپ ئاندىن پارتلايدىغان بومبا – ت) بىلەن دائىشنىڭ ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە نۇقتىلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىپ، قورشاۋنى تارايتىپ، ئۇنىڭ مۇداپىئە نۇقتىلىرى ۋە يەر ئاستى يوللىرىنى ۋەيران قىلماقچى. شۇڭلاشقا تاباقادىكى باشلانغۇچ ئۇرۇشمۇ شىددەتلىك بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://alasr.ws/articles/view/18569