ئاقساراي: رۇسىيە گۇناھنى باشقىلارغا دۆڭگەۋاتىدۇ

ئاقساراي سۈرىيەدىكى خېمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ ”تېررورىستلار“ تەرىپىدىن قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقساراي رۇسىيەنىڭ جۆيلۈشلىرىگە قارىتا قاتتىق بايانات ئېلان قىلدى.

ئاقسارايدىن تارقىتىلغان باياناتتا رۇسىيەنى ئەيىپلەپ، رۇسىيە گۇناھنى باشقىلارغا دۆڭگەشكە تىرىشىۋاتىدۇ دېيىلدى.

رۇسىيە ۋە ئەسەدنىڭ قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆكتىچىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىتا، باياناتتا ”ھۇجۇمنى ئۆكتىچىلەرنىڭ قىلمىغانلىقىغا جەزىم قىلالايمىز. رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىدىكى باياناتلىرىنىڭ دەلىلى يوق.“ دەپ جاۋاب بېرىلدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.ensonhaber.com/beyaz-saray-kimyasal-saldiriyi-teroristler-yapmadi-2017-04-11.html