دۇنيا كرىزىس ئىچىدىمۇ؟

ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن بۇرۇن بوشىتىلغان بازىنى قويۇپ تۇرايلى. دۇنيا كرىزىس ئىچىدىمۇ؟

ئاپتورى: ئىماد سامىررائى، ئىراقلىق يازغۇچى

شەكسىزكى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ غۇرۇرى زېدىلەندى. گەرچە بۇنداق چاغدا رۇسىيەنىڭ قوغدىنىش شەكىللىك ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئامېرىكىنى ھۇجۇمىنى تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشى تەبىئىي ئىش بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ دەرھاللا قارشى ئىنكاس بىلدۈرگۈسى يوقتەك قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب، رۇسىيە بىلەن خەتەرلىك ”رولىت“ مۇسابىقىسىگە كىردى دېيەلەيمىز (تاپانچىغا بىر پايلا ئوق سېلىپ، ئىككى تەرەپ تەلەي سىنايدىغان ئويۇن).

ھازىرچە رۇسىيە مۇنداق ئىككى ئىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بىرى، قانداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ يەنە رۇسىيەنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. يەنە بىرى، چوقۇم ئېغىر شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇش. مۇشۇ سەۋەپلىك رۇسىيە ھەم بېسىم ھەم جىددىيچىلىك ئىچىدە تۇرماقتا. كېلەچەكتىكى قارارلىرىدا ئەقلىيلىك بىلەن ئىش قىلىدۇ دېيەلمەيمىز.

لېكىن بۇلاردىن تېخىمۇ جىددىي بولغان بىر مەسىلە بار. يەنى، ئەگەر غەرب بۇ رايوندىكى توقۇنۇشتا ”سۈننىي شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي بېسىقتۇردۇق دېگەندىمۇ، كرىزىسنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. دۇنيا ئىقتىسادى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئۇرۇشقا كېتىپ بارىمىز، شۇڭلاشقا ھازىرقى بار ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك“ دېگەن قانائەتكە كېلىپ قالغان بولسا، بۇ بەك خەتەرلىك.

بۇ ھەقتىكى سۆز – چۆچەكلەر غەرب تاراتقۇلىرىدا پات – پات چىقىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ خىل قاراشمۇ يېپىق سىياسەت ئورۇنلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە نەزەرگە ئېلىنىۋاتىدۇ دېگەن گەپ. راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، غەرب بۇ ئەنسىرىشىنى ھەل قىلىشتا رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ بۇ رايوندىكى نىشانلىرىنى قۇربان قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ئىران ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىغا يەتكەندە ھەرخىل پەرەز ۋە ئېھتىماللىقلارنىڭ نىسبەتلىرى تەڭلىشىپ قالىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا شەرقتىكى ئويۇن تاختىسىدا ئۆزىنى مۇھىم كۈچ سۈپىتىدە كۆرسىتەلىدى. بەزىلەر، ئۇلار بىر – بىرىگە زىت دۈشمەن كۈچلەرنى (رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەسەد، ئىران، جۇڭگو، ياۋروپا) ئۆزىنىڭ قارشىسىغا بىر كۈچ قىلىپ يىغىپ قويدى دەپ قارايدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار بۇ رايون تارىخى زىل بىر ۋاقىتتا تۇرغاندا مەيدانغا چۈشتى. بۇ، ئامېرىكا ئىراقنى بېسىۋېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا كرىزىس كۆرۈلگەندىن كېيىنكى مۇھىم بىر ۋاقىت ئىدى. بۇ ئىشلار نەتىجىسىدە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، بۇرۇنقى چوڭ ئېمپىراتورلۇقلار، داۋاملىق ئۇرۇش قوزغاۋېرىپ گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا يۈزلەنگەندىكى ھالەتكە كېلىپ قالدى. سىرتتىن قارىماققا غەرب بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقداشتەك كۆرۈنسىمۇ، غەرب يەنىلا رۇسىيەنىڭ پۇرسەت چىقسىلا دۇنيادىكى چوڭ كۈچكە ئايلىنىشقا چىشىنى بىلەپ تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىككىلا تەرەپ تېررورغا قارشى تۇرۇش نامىدىن بىر -بىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى رۇسىيە ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تەبىئىتىدە مەغرۇرلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۇسى بار. لېكىن دۇنيا بىرلا ۋاقىتتا بۇنداق ئىككى باشلىقنى سىغدۇرۇپ بولالمايدۇ.

مۇشۇ سەۋەپلەردىن قارىغاندىمۇ، ئالدىنقى كۈندىكى ئامېرىكا ھۇجۇمى، رۇسلار ئاللىبۇرۇن چېكىنىپ بولغان قۇرۇق بازىنى بومباردىمان قىلىشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ باشلانغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

قارىغاندا بىز، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى پىلتە ئوت ئېلىشقا تەييار قالغان ئاشۇ ۋاقىتتا تۇرۇۋاتقاندەك قىلىمىز.

ئەمدىكى سوئال: ئامېرىكا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى دۇنيا ھۇجۇمدىن بۇرۇنقى دۇنيا شۇمۇ؟

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://alasr.ws/articles/view/18562