پۇتىن: ئامېرىكا دەمەشىققە ھۇجۇم قىلىدۇ

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئامېرىكىنىڭ دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قارىتا يېڭى ھۇجۇملاردا بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا پۇتىن مۇنداق جاۋاب بەردى:

”دەمەشىقنىڭ جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلىتىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە خېمىيىلىك قورال ئىشلىتىش جىنايىتى ئارتىش مەقسىتى بىلەن، ئوخشاش ئىغۋاگەرچىلىكلەر ئۈچۈن ھازىرلىقلار بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئاخباراتلارغا ئېرىشتۇق.“

يەنە بىر تەرەپتىن، پۇتىن غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى رولىغا قارىتىلغان تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما بىر مەزگىل ئىچىدە بۇنىڭ يۇمشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/asya/haber/2304442-putin-abd-sama-saldiracak