دائىش شى جىنپىڭنى قەستلىمەكچى بولدى

2017- يىلى 5- ئاپرېل

جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى (4- ئاپرېل) چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئاۋال فىنلاندىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن، ئاندىن ئامېرىكىغا بېرىپ، پرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ ئارىلىقتا دائىش (ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى) تىكى ئۇيغۇرلار (شىنجاڭ گۇرۇھى) نىڭ ئالدىن پىلان تۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا كاللا كېسىش ھەرىكىتى قوزغاشقا تەييارلانغانلىق خەۋىرى تارقالدى.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ ئۆتەر يولىنى ”ئايروپىلان ئىز قوغلاش تورى“ دىن ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. مەخسۇس ئايروپىلان چۈشتىن كېيىن سائەت 2:21 دە بېيجىڭدىن ھاۋاغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل سىلىنغۇلىن تاغلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دۆلەت چىگرىسىدىن ئايرىلىپ، موڭغۇلىيەگە كىرگەن. ئايروپىلان ئىز قوغلاش تورىدا ماتېرىياللار ئىزچىل يېڭىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، كەچقۇرۇن پەيتلىرىدە ئايروپىلان رۇسىيە چىگرىسى ئىچىدە داۋاملىق ئۇچقان.

باش شتابى شياڭگاڭغا تەسىس قىلىنغان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق خەلق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”دائىشتىكى شىنجاڭ گۇرۇھىنىڭ پىلانى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاننى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا سوقۇش ياكى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاندىن قولدا كۆتۈرۈپ ئاتىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپ، مەخسۇس ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن“.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى ئادەتتىكى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانى بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قۇرۇلما بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ سوقۇلۇشىنىمۇ توسۇپ قالالمايدىكەن. مەخسۇس ئايروپىلان جۇڭگودىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئازاتلىق ئارمىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولمىغانلىقتىن، ھەر قاچان خەتەر ئىچىدە تۇرىدىكەن.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.kwongwah.com.my/?p=298484