ئاقسارايدىن ئەسەدكە يېڭى ھۇجۇم باياناتى

ئاقسارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ”ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى يېڭى ھۇجۇملارنىڭ ئىشىكى ئوچۇق“ دېيىلدى.

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى سىيىن سپايسىر سۈرىيەدىكى خېمىيىلىك قورال ھۇجۇمى ھەققىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يېڭى بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سىگنالىنى بېرىپ، ”ئەگەر بوۋاقلارغا خېمىيىلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلساڭلار، گۇناھسىز ئىنسانلارغا قارشى ۋارىل بومبىسى ئىشلەتسەڭلار، بۇ پرېزىدېنت (ترامپ) تىن كۆرگۈلۈكۈڭلارنى كۆرىسىلەر“ دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

سپايسىر سۆزلىرىنى مۇنداق داۋام قىلدى: ”ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىرىنچى پىلانغا قويىدىغىنى دائىشتۇر. ئەمما بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدا بىر مۇقىم ۋە بىخەتەر سۈرىيەنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز“.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/dis-politika/haber/2303809-beyaz-saraydan-esede-yen-saldiri-aciklamasi